كۆپ قېتىملىق تەكشۈرۈشلەر نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، تەخمىنەن %45-%35 تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ، تۇغۇتتىن كىيىنكى 6-2ئاي ئىچىدە چاچلىرى سارغىيىپ، ئوخشىمىغان دەرىجىدە چاچ چۈشۈش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدىغان بولۇپ، تىبابەتچىلىكتە بۇ خىل ئەھۋال "تۇغۇتتىن كىيىنكى چاچ چۈشۈش" دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنداقتا تۇغۇتتىن كىيىنكى چاچ چۈشۈش قانداق پەيدا بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا تۇغۇتتىن كىيىنكى چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولىدۇ؟

نىمە ئۈچۈن تۇغۇتتىن كىيىن چاچ چۈشۈش ئەھۋالى كۆرىلىدۇ؟
تۇغۇتتىن كىيىنكى چاچ چۈشۈشنى پەيدا قىلىدىغان سەۋەپلەر ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئاساسلىق سەۋەپ تۆت تۈرلۈك: بىرىنچىدىن، ئالاھىدە فىزىلوگىيىلىك ئەھۋالنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن، يەنى ھامىلدارلىق مەزگىلىدىن تۇغۇتقىچە بولغان جەرياندا، ئاياللارنىڭ تېنىدىكى ئاياللىق ھورمۇنىنىڭ ئۆزگىرىشى، تۇغۇتتىن كىيىنكى چاچ چۈشۈشنى پەيدا قىلىدۇ. ئىككىنچىدىن، ئاياللار تۇغۇتتىن كىيىن، ئۇلارنىڭ نىرۋىسى يۇقىرى دەرىجىدە جىددىلىشىپ، ئارام ئېلىشى يىتەرلىك بولمىغاچقا، چاچ چۈشۈش كىلىپ چىقىدۇ. ئۈچىنچىدىن، ئىمىتىش مەزگىلىدە ئۇزۇقلۇق تەكشى بولماي قالسا، ئاسانلا چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تۆتىنچىدىن، يىڭى تۇغۇتلۇق ئاياللار باش تىرىسىنىڭ زەخمىگە ئۇچرىشىدىن ئەنسىرەپ، چېچىنى يۇيۇپ تاراشقا پېتىنالمايدۇ، بۇنىڭدا ئاسانلا چاچ چۈشىدىغان ئەھۋاللار كىلىپ چىقىدۇ.

تۇغۇتتىن كىيىنكى چاچ چۈشۈش نەچچىلىك داۋاملىشىدۇ؟
تۇغۇتتىن كىيىنكى چاچ چۈشۈشنىڭ ئىنتايىن كۆرۈنەرلىك بولۇشىدىكى سەۋەپ، ئۇلاردىكى بۇ خىل چاچ چۈشۈش "مەركەزلىشىپ كۈرۈلۈش تىپىدىكى" چاچ چۈشۈش بولغانلىقىدىن بولۇپ، ئادەتتە تۇغۇتتىن كىيىنكى تۆتىنچى ئايدىن باشلاپ كۆرىلىدۇ؛ ئەمما داۋاملىشىش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتمەيدىغان بولۇپ، تەخمىنەن بىر ئاي ئەتراپىدا داۋاملىشىدۇ. شۇڭا، تۇغۇتتىن كىيىنكى چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولسىڭىز، ئالدىنئالا تەييارلىق كۆرۈشىڭىز كىرەك.
چاچنى كىسىش، تۇغۇتتىن كىيىنكى چاچ چۈشۈش ئەھۋالىنى يىنىكلىتەلەمدۇ؟
نۇرغۇن ئاياللار، تۇغۇتتىن كىيىن چېچىنى كىسىۋىتىشنى تاللايدۇ؛ ئەمىلىيەتتە بۇ يامان ئەمەس بىر خىل تاللاش بولۇپ، بۇنىڭدا بىر تەرەپتىن بوۋاققا قاراش جەريانىدا تېخىمۇ قولايلىق بولۇپلا قالماي، يەنە بىر تەرەپتىن چاچنىڭ ئۇزۇقلۇققا بولغان ئىھتىياجىنى تۆۋەنلىتىپ، بېسىمنى يىنىكلىتىشكە بولىدۇ.
قانداق قىلغاندا تۇغۇتتىن كىيىنكى چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولىدۇ؟
چاچنى كىسىۋىتىشتىن باشقا، ئاياللار يەنە ئۆزىنىڭ يىمەك-ئىچمەك ئادىتى ۋە باشقا تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، چاچ چۈشۈش كۆرۈلۈش نىسپىتىنى تۆۋەنلىتەلەيدۇ. ئادەتتە ئۇزۇقلۇقنىڭ تەكشى بولۇشىغا دىققەت قىلىپ، خۇشال بولغان روھى كەيپىياتنى ساقلىساق ياكى روھى ھالىتىمىزنى تەڭشەپ، بالدۇر ئۇخلاپ ئەتىگەن تۇرۇشقا ئادەتلىنىش بىلەن بىرگە بەزىبىر تۇغۇتتىن كىيىنكى چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئاسراش بۇيۇملىرىنى ماسلاشتۇرۇپ ئىشلىتىپ بەرسەك، تۇغۇتتىن كىيىنكى چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولىدۇ.