ئاياللار ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، بالىياتقۇ چوڭىيىپ بارىدىغان بولغاچقا، ئۇلاردا جىسمانى جەھەتتە بىر تۈرلۈك بىئارامچىلىقلار كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ.
تۆۋەندىكىلەر، ھامىلدارلىق ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى مەزگىلىدە كۆپ كۆرۈلىدىغان مەسىلىلەر ۋە تاقابىل تۇرۇش ئۇسۇللىرى.

1. ئۇخلىمىقى تەسكە توختاش
ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە، كىچىك تەرەت كۆپ كىلىش، پۇت قىسمىنىڭ پېيى تارتىشىش، قورسىقى بارغانسىرى يوغىناپ كەتكەنلىك سەۋەپتىن راھەت ھالەتتە ياتالماسلىق قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلى، ھامىلدار ئاياللارنىڭ ئۇيقۇسى ياخشى بولالمايدۇ.
تاقابىل تۇرۇش ئۇسۇللىرى: ئۇخلاشتىن بۇرۇنقى نەچچە سائەت ئىچىدە، سۇ ۋە سۇيۇق يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىشنى ئازايتىش؛ ئۇخلاشىن ئاۋال، مۇقىم ۋاقىت بەلگىلەپ، ھەركۈنى 20مىنۇت چېنىقىشقا ئادەتلىنىش؛ ئۇخلىغىلى ياتقاندا، تىزى، بىلى، ۋە دۈمچە قىسىملىرىغا ياستۇق قويۇپ، بەل قىسىمغا چۈشكەن بېسىمنى ئازايتىش قاتارلىقلار.
2. نەپەس قىستاش
ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە، بالىياتقۇ بارغانسىرى يوغىناپ كەتكەنلىكتىن، كۆكرەك بوشلۇقىغا بېسىم چۈشۈپ، بەزى ھامىلدار ئاياللار نەپىسى قىستالغاندەك ھىس قىلىشى مۇمكىن.
تاقابىل تۇرۇش ئۇسۇللىرى: يول ماڭغاندا، قەدەم ئېلىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىپ، بىر بۆلەك مېڭىپ، بىردەم ئارام ئېلىش؛ نەپىسى قىستالغاندا، بىلىكىنى بېشىدىن ئېگىز كۆتۈرۈش، بۇنىڭدا كۆكرەك بوشلۇقىنىڭ سىغىمى ئېشىپ، تېخىمۇ كۆپ ھاۋا سۈمۈرەلەيدۇ.
ئەگەر نەپىسى قىستايدىغان ئەھۋال ئۆزلۈكسىز داۋاملىشىپ، نەپەس ئالغاندا ئاغرىق كۆرۈلسە، ياكى ئېغىز ئەتراپى، تىرناقلىرى كۆكىرىپ كىتىدىغان ئوكسىگىن يىتىشمەسلىك ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە، دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈش لازىم.

3. كۆڭلى ئاينىش ۋە قۇسۇش
كۆڭلى ئاينىش ۋە قۇسۇش، ھامىلدارلىق دەسلەپكى مەزگىلىدە كۆپ ئۇچرايدۇ؛ بۇنىڭ قىسمەن سەۋەبى، ئاياللىق ھورمۇنى ۋە پىروگېستېرون سەۋيىسىنىڭ ئېشىپ كىتىپ، ئاشقازاننىڭ ھاۋانى ھەيدەپ چىقىرىشىنىڭ كېمىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىدىن بولىدۇ.
بۇلاردىن باشقا، ئاياللارنىڭ پۇراش سىزىمىمۇ كۈچىيىپ كىتىدۇ؛ شۇڭا، ھەرخىل پۇراقلار، مەسىلەن يىمەكلىك، ئەتىر ياكى تاماكا دىگەنلەرنىڭ ھەممىسى ھامىلدارلىق دەسلەپكى مەزگىلىدىكى تۇتقاقلىق كۆڭۈل ئېلىشىشنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
تاقابىل تۇرۇش ئۇسۇللىرى: كۈنلۈك تاماقنىڭ قېتىم سانىنى كۆپەيتىپ، ھەر قېتىملىق تاماق مىقدارىنى ئازايتىش؛ مۇۋاپىق مىقداردا تاماق يىيىش، زىيادە تويۇنۇپ يىمەسلىك، شۇنداقلا ئۇزۇن ۋاقىت قورسىقى ئاچمۇ يۈرمەسلىك؛ ئەتىگىنى ئورنىدىن تۇرۇشتىن بۇرۇن، ئاۋال ئازراق سۇدا قوشۇلغان پىرەنىك يەپ بىرىش؛ ئەتىگەنلىك تاماقنى ئىمكان قەدەر بۇرۇنراق يىيىش، كەچتە ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا، يۇقىرى ئاقسىللىق ۋە بىرىكمە كاربون سۇ بىرىكمىلىرىلىق يىمەكلىكلەرنى ئاز يىيىش؛ كۆڭلىنى ئاينىتىدىغان، بىئارام قىلىدىغان، پۇرىقى بىرقەدەر كۈچلۈك بولغان يىمەكلىكلەرنى ئاز ئىستىمال قىلىش، ئاز ئۇچرىشىش.

4. قەۋزىيەت
ھامىلدار ئاياللاردا كۆرۈلىدىغان قەۋزىيەتنىڭ سەۋەبى ئاساسلىقى تۆۋەندىكى ئىككى خىل بولىدۇ: بىرسى، گورمۇن سەۋيىسىدىكى ئۆزگىرىش، ئاشقازان-ئۈچەي ھەرىكىتىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن؛ يەنە بىرسى، يوغىناپ كەتكەن بالىياتقۇ ئۈچەي يولىنى بېسىۋىلىپ، ئاشقازان-ئۈچەي ھەرىكىتىگە تەسىر يەتكۈزگەن بولۇشى مۇمكىن.
تاقابىل تۇرۇش ئۇسۇللىرى: يىمەكلىك تالا ماددىسى مول بولغان يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك يىيىش؛ ھەركۈنى يىتەرلىك مىقداردا سۇ ئىچىش؛ ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىغا ئاساسەن، مۇۋاپىق مىقداردا ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىش؛ ھەركۈنى مۇقىم ۋاقىتتا چوڭ تەرەت قىلىپ ئادەتلىنىش؛ ئەھۋال ئېغىرراق بولغاندا، دوختۇرلاردىن مەسلىھەت سوراش ئارقىلىق، تەرەت راۋانلاشتۇرۇش دورىسى ئىچىش.

5. پۇتلىرى ئىششىش
يوغىناپ كەتكەن بالىياتقۇ ۋىنرا قان تۇمۇرلىرىنى بېسىۋالغاچقا، پۇت قىسمدىكى قان سۇيۇقلۇقىنىڭ قايتىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ بۇندىن باشقا، گورمۇن سەۋيىسىنىڭ ئۆزگىرىشى، سۇيۇقلۇقلارنىڭ توختاپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقالايدىغان بولۇپ، بۇ سەۋەپلىك پۇت قىسىمدا، بولۇپمۇ پاقالچاق ۋە ھوشۇق قىسىمدا ئىششىق كۆرۈلۈشنى پەيدا قىلىدۇ.
تاقابىل تۇرۇش ئۇسۇللىرى: ئۇزۇن ۋاقىت ئۆرە تۇرۇشتىن ئىمكان بار ساقلىنىش؛ تۇزلۇق يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىشنتىن ساقلىنىش.
ئەگەر، بەلگىلىك ۋاقىت دەم ئالغاندىن كىيىنمۇ، ئىششىق يانمىسا، ھەمدە قول ۋە يۈز قىسىملاردىمۇ ئىششىق كۆرۈلسە، ئۇنداقتا ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ، ھامىلدارلىق مەزگىلى يۇقىرى قان بېسىم كىسەللىكى ۋە بۆرەك مەسىلىسى بار يوقلۇقىنى تەكشۈرتۈش لازىم.