كىلىماكتىرىيە دەۋرى، ئاياللار چوقۇم باشتىن ئۆتكۈزۈش كىرەك بولغان بىر مەزگىل؛ نۇرغۇن ئاياللار، كىلىماكتىرىيە دەۋرىدە پەقەت كەيپىياتتىلا مەسىلە كۆرۈلۈپ، ھەيىز توختايدۇ، بۇ جەھەتلەرگە دىققەت قىلساقلا چوڭ مەسىلە كۆرۈلمەيدۇ دەپ قارايدۇ. ئەمىلىيەتتە، كىلىماكتىرىيە دەۋرىنىڭ يىتىپ كىلىشى، ئاياللاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان ئۈچ خىل راك كىسەللىكىنىڭ يىتىپ كىلىش ئىھتىماللىقى پەيدا بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ئەگەر ئالدىنى ئېلىش چارىلىرىنى ياخشى قوللانمىغاندا، ياكى يىمەك-ئىچمەك ۋە باشقا جەھەتلەردە دىققەت قىلمىغان ۋاقىتتا، ئاسانلا بۇ ئۈچ خىل ئۆسمە پەيدا بولۇپ، ساغلاملىققا زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

1. تۇخۇمدان راكى
تۇخۇمدان راكى ئادەتتە كۆپ ئۇچرايدىغان راك كىسەللىكلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بىمارنىڭ ئۆلۈپ كىتىش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى. تەكشۈرۈشلەردە بايقىلىشىچە، 50ياشتىن ئاشقان ھەيىز توختىغان ئاياللارنىڭ تۇخۇمدان راكىغا گىرىپتار بولۇپ قېلىش نىسبىتى بىرقەدەر يۇقىرى ئىكەن. نۇرغۇن بىمارلاردىكى تۇخۇمدان راكى تەكشۈرۈلۈپ بايقالغان ۋاقىتتا، كىسەللىك ئاللىقاچان ئاخىرقى باسقۇچقا يىتىپ قالغان بولۇپ، ئاساسى جەھەتتىن داۋالاپ ساقايتقىلى بولمايدىغان دەرىجىگە كىلىپ قالىدىكەن. ئادەتتە تۇخۇمدان راكىنىڭ ئالامەتلىرى بولسا، ھەيىز ئۈزۈلگەندىن كىيىن، بەدەن ئۇرۇقلاپ، قورساق قىسىمدا قانلىق ئىششىقچىلار پەيدا بولۇشتۇر.

2. بالىياتقۇ بوينى راكى
بالىياتقۇ بوينى راكى كۆپ كۆرىلىدىغان مەزگىلى 50 ياش ئەتراپىدىكى مەزگىل بولۇپ، بۇ ياش مەزگىلىدىكى ئاياللار ئاساسەن كىلىماكتىرىيە دەۋرىدە ياكى ھەيىز ئۈزۈلۈش مەزگىلىدە تۇرۋاتقان بولىدۇ؛ بالىياتقۇ بوينى راكىغا گىرىپتار بولۇپ قالغاندا، جىنسى ئەزادىن قانۇنىيەتسىز ھالدا قان كىتىش كۆرۈلىدىغان بولۇپ، ئاق خۇندىمۇ سۇغا ئوخشاش ئاجرالما ماددىلار ئارىلاش ھەمدە سېسىق پۇرىقى بار قان كىتىش كۆرۈلىدۇ. ئادەتتە كىلىماكتىريە دەرۋرىدىكى ئاياللاردىمۇ، جىنسى ئەزادىن قانۇنىيەتسىز قان كىتىش كۆرۈلدىغان بولۇپ، ئاياللار بۇ ئىككى خىل ئەھۋالنى ئارىلاشتۇرۋەتمەسلىككە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى ھەمدە قەرەللىك تۈردە تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى كىرەك.

3. بالىياتقۇ راكى
بالىياتقۇ راكى ئادەتتە، ئاياللارنىڭ 60-50ياش مەزگىللىرىدە كۆرۈلىدىغان بولۇپ، دەسلەپكى مەزگىللىك ئالامىتى بولسا، جىنسى ئەزادىن قانۇنىيەتسىز ھالدا قان كىلىش كۆرۈلىدۇ. ئەگەر تېخى ھەيىز ئۈزۈلۈش باسقۇچىغا كىرمىگەن بولسا، ئۇنداقتا بۇ، بىمارنىڭ ھەيىز مىقدارىنىڭ ئېشىپ كىتىشى، ھەيىز مەزگىلىنىڭ ئۇزىراپ كىتىشى ۋە ھەيىز بىنورمال كىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇندىن باشقا بىمارنىڭ ئاق خۇندىمۇ بىنورماللىق كۆرۈلىدىغان بولۇپ، قورساقنىڭ ئاستىن قىسمىدا پات-پات ئاغرىق پەيدا بولىدىغان ئالامەت كۆرۈلىدۇ.