ئاياللاردىكى ئۆزىنىڭ قەدىرىنى چۈشۈرۋىتىدىغان قىلمىشلار
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 8069:ئادەم ئۆگەندى
    ئاياللار ئەگەر ئەرلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئىرىشىمەن دىسە، ئۇنداقتا ئۇلار ئەرلەر بىلەن بولغان ئالاقە جەريانىدا ئۆزىنىڭ قەدىر-قىممىتىنى چۈشۈرۋەتمەسلىكى كىرەك. ئادەتتە ئەرلەر بىر قەدەر بىلىملىك ۋە ساپالىق كەلگەن ئاياللارنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، ئەگەر بىر ئايال كىشى ساپاسى بار قەلبى گۈزەل بولمىسا، ئۇ ئايالنىڭ سىرتقى قىياپىتى ھەرقانچە چىرايلىق بولسىمۇ، ئۇلار ھەرقانچە ياسانسىمۇ يەنىلا ئەر كىشىنىڭ ھۆرمەتلىشىگە ئىرىشەلمەيدۇ.
   رىئال تۇرمۇشتا نۇرغۇن ئاياللار ھەمىشە ئالاقە جەريانىدا دىققەت قىلماي، ئۆزىنى تۇتىۋالالماي، ئۆزىنىڭ قەدىر-قىممىتىنى تۆكۈۋالىدىغان ئىشلارنى قىلىپ قويىدۇ؛ بولۇپمۇ تۆۋەندىكى ئۈچ خىل قىلمىش، ئۇلارنىڭ قەدىر-قىممىتىنى زور دەرىجىدە چۈشۈرۋىتىدىغان بولۇپ، ئەخمەق ئاياللارلا مۇشۇنداق قىلىدۇ.
1. كۆز-كۆز قىلىشقا ھەم ئۆزىنى كۆرسىتىشنى ئادەت قىلىۋىلىش
    تۇرمۇشىمىزدا، بەزىبىر ئاياللارنىڭ تۈزۈكرەك بىڭسىسى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئىچكى دۇنياسى ئىنتايىن شۆھرەتپەرەس كەلگەن بولىدۇ؛ بۇنداق ئاياللار ھەمىشە ئۆزىنىڭ ئۇرۇغ-تۇققان ۋە دوست-يارەنلىرىنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ئامراق بولۇپ، ئۇلار مىنى بەك قالتىسكەن دەپ قالسىكەن دەپ ئويلايدۇ. ئۇلار بىرەر مەيدان ناخشا كىچىلىكى كۆرسە ياكى بىر ۋاق ياخشىراق تاماق يىسە، ھەتتا ئايلىق مائاش ئالسىمۇ، دوستلىرىغا كۆز-كۆز قىلىپ، ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ئادەتلەنگەن بولىدۇ. ئاياللارنىڭ بۇ خىل قىلمىشى، ئەمىلىيەتتە ئۇلارغا ئەكىس تەسىر ئېلىپ كىلىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ قەدىر-قىممىتىنى چۈشۈرۋىتىدۇ.
2. پۇل ھەممىگە قادىر دەپ بىلىپ، پۇلغا ئامراق كىلىش
    بەزى ئاياللارنىڭ نەزىرىدە، دۇنيادا پەقەت پۇللا ھەممىگە قادىر بولالايدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ خىزمەت قىلىشى، تۇرمۇشى، بەزىدە ھەتتا مۇھەببەتلىشىشىمۇ پۇل ئۈچۈن بولۇۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ. بۇنداق ئاياللار ئەرلەر بىلەن ئالاقە قىلغان ۋاقىتتا، ئىنتايىن پۇلغا ئامراق كەلگەن ئىپادىلەرنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئەگەر بىر ئەر كىشىنىڭ پۇلى كۆپ بولسىلا، بۇنداق ئاياللار ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن يانمايدۇ؛ ئەمما ئەمىلىيەتتە ئاياللارنىڭ بۇنداق پۇلغا ئامراق كىلىشى ئەرلەرنىڭ يىرگىنىشىنى كەلتۈرۈپ قويىدۇ.
3. ئىككى گەپنىڭ بىر بولسىلا، ئەرلەردىن قىزىل بولاق ۋە سوۋغات تەلەپ قىلىش
    نۇرغۇن ئاياللار ئەرلەر بىلەن مۇھەببەتلەشكەن ۋاقىتتىلا، ئۇلاردىن ئازراق بولسىمۇ پايدا ئۈندۈرۋىلىشقا ئامراق كىلىدۇ؛ ئۇلار ھەمىشە مۇھەببەتلىششى جەريانىدا ئۆزى بەلگىلىك دەرىجىدە بەدەل تۆلىگەنلىكى ئۈچۈن، ئەرلەردىن بۇنىڭغا مۇناسىپ پايدا ئۈندۈرۋىلىشىم كىرەك دەپ قارايدۇ؛ مەسىلەن، ئەگەر ئۇلار بىرلىكتە تاماق يىگەندە، ئەگەر ئايال تاماق پۇلىنى تۆلەپ سالغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇلار بىر ئاماللارنى قىلىپ ئەر كىشىدىن بۇ پۇللارنى ياندۇرۋىلىشنى ئويلايدۇ ھەمدە ئۆزىنى زىيان تارتقاندەك ھىس قىلىپ كىتىدۇ. بۇلۇپمۇ كۈندىلىك ئالاقە داۋامىدا، بۇنداق ئاياللار ھەمىشە "مىنى ياخشى كۆرمەيدىغان بولۇپ قاپسىز" دىگەننى باھانە قىلىپ، ئىككى ئېغىز گەپنىڭ بىرى بولسىلا ئەر كىشىدىن قىزىل بولاق ياكى سوۋغات تەلەپ قىلىدۇ. ئاياللارنىڭ بۇنداق قىلمىشى ئەمىلىيەتتە ئۆزىنى پەسكەش ئۇرۇنغا چۈشۈرۈپ قويغىنى بولۇپ، ئۇلارنىڭ قەدىر-قىممتى تۆكۈلۈپ قىلچىلىك ئېشىپ قالمايدۇ.

ئاياللارنىڭ ئەڭ چىرايلىق نەرسىسى زادى نىمە

ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاق كۆڭۈللۈك ئۇلارنىڭ ئاخىرقى چەك-پىرىنسىپى. ئەگەر شەخسىيەتچى، رەھىمسىز بولسا، ئۇ ئايال كىشى ھەرق

ئاياللار ئىچىدە ياخشى كۆرسىمۇ ئېغىزىدا ئىتراپ قىلمايدىغان ئىشلار

بەزىدە ئاياللارنى چۈشەنمەك ھەقىقەتەن تەس. مەسىلەن، ئۇلار ناھايىتى جەزىملەشتۈرگەن ھالدا "ماقۇل" دەيدۇ، ئەمما ھەقىقى مەنىسى "ياق" دىمەك

بۇ ئۈچ خىل مىۋە ھامىلدار ئايال ۋە ھامىيلىگە پايدىلىق

ئەگەر ھامىلدار ئاياللار قورسىقىدىكى ھامىيلىنى ساغلام يىتىلسۇن دىسە، ئاقسىل تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى يىگەندىن سىرت، يەنە مىۋ-چىۋىلەرنىم

ئاياللىق ھورمۇنى ئازلاپ كىتىشنىڭ ئالامەتلىرى

ئاياللىق ھورمۇنى، ئاياللارنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەگەر بەدەندە بۇ خىل ماددا كەمچىل بولسا، بەدەندە بى

ئاياللار ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەشنى ئۆگىنىۋىلىشى كىرەك

بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن، بەزى ئاياللار تەبىئىلا ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەيدۇ ھەمدە بۇنى شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىك دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى ئايال

نىمە ئۈچۈن تالاغا قاراپ قالغان ئاياللار ئۆزىنى توختىۋالالمايدۇ

توي قىلغاندىن كىيىن تالاغا قاراش مەسىلىسىدە، نۇرغۇن كىشىلەر نۆل قېتىم ۋە نۇرغۇن قېتىم ئېھتىماللىقىلا بار دەپ قارايدۇ. بۇ ۋاقىتتا بەلكىم

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号