قىزىلچا(甜菜)
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 120591:ئادەم ئۆگەندى

   قىزىلچا، لوپلا ئائىلىسى قىزىلچا ئۇرۇقدىشىدىكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، غولى تۈز، يىلتىزى كۇنۇسسىمان شەكىلدە كىلىدۇ. قىزىلچا ئەسلىدە ياۋرۇپادىن تارقالغان بولۇپ، قەنت تۈرىنىڭ شىكەر قۇمۇچىدىن سىرت، يەنە بىر ئاساسلىق كىلىش مەنبەسى ھىسابلىنىدۇ.
خەنزۇچە ئاتىلىشى:  甜菜
لاتىنچە ئاتىلىشى:Beta vulgaris L. 
تەۋەلىكى: ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى—يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى—جۈپ پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى—چىنىگۈل ئەترىتى—لوپلا ئائىلىسى—قىزىلچا ئۇرۇقدىشى
ئۇزۇقلۇق تەركىبى
   ھەر 100 گىرام قىزىلچا تەركىبىدە 19 كىلوكالورىيە ئىنىرگىيە، 1.8 گىرام ئاقسىل، 0.1 گىرام ياغ، 4 گىرام كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، 1.3 گىرام يىمەكلىك تالاسى، 610 مىكروگىرام ۋىيتامىن A، 0.1 مىللىگىرام تىئامىن، 0.22 مىللىگىرام رىبوفلاۋىن، 0.4 مىللىگىرام نىكوتىنىك كىسلاتا، 30 مىللىگىرام ۋىيتامىن C، 117 مىللىگىرام كالتسىي، 40 مىللىگىرام فوسفور، 547 مىللىگىرام كالىي، 201 مىللىگىرام ناترىي، 72 مىللىگىرام ماگنىي، 3.3 مىللىگىرام تۆمۈر، 0.38 مىللىگىرام سىنىك، 0.19 مىللىگىرام مىس بار.
ئىستىمال قىممىتى
    قىچا ئازان ھەزىم بولىدىغان بولۇ، ئىشتىھانى ئېچىشقا پايدىلىق  بولۇپلا قالماي، يەنە باش ئاغرىقىنى پەسەيتىش، زۇكام ۋە قان ئازلىق كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق رولى بار.
    قىچا تەركىبىدە يۇد ماددىسى بار بولۇپ، قالقانسىمان بەزنىڭ ئىششىپ قېلىش ۋە ئارتىرىيە قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار.
    قىچا تەركىبىدە باشقا كۆكتاتلار تەركىبىدە يوق بىر خىل ئىشقارلىق تەركىب بار بولۇپ، بۇ خىل ماددا ئادەم بەدىنى مىتابولىزىمىنى تەڭشەش ئۈنۈمىگە ئىگە بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ئاقسىلنى سۈمۈرۈشىنى تىزلىتىدۇ ۋە جىگەر ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ.
    يۇقارقىلاردىن باشقا، قىچىنىڭ يەنە راكقا قارشى تۇرۇش، جىگەرنىڭ ماي مىقدارىنى تۆۋەنلىتىش، قان بېسىمنى چۈشۈرۈش، ئاشقازاننى ياخشىلاش قاتارلىق ئۈنۈملىرى بار.

تەرخەمەك (黄瓜)

تەرخەمەكنىڭ تەركىبىدىكى تەرخەمەك كىسلاتاسى ئادەم بەدىنىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زەھەرنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلاي

پەمىدۇر(西红柿)

سۈرەت ۋە ۋىدىيولار ئۇيغۇرچە ئىسمى پەمىدۇر تارقالغان رايونلار ئەسلى ماكانى ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسى ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى ، ھازىر

قارا قېرىن قۇلاقنىڭ شىپالىق رولى

قارا مورنىڭ قانداق رولى بار؟ ھازىر باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش بىلەن تەڭ يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى بىلەن ئۆلۈپ كېتىدىغان كىشىلەر كۆپىيىپ كەت

پالەك ۋە ئۇنىڭ تەركىبى شىپالىق رولى

پالەك لويلا ئائىلىسىگە تەۋە بولغان بىر ياكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئۇنىڭ ئوق يىلتىزى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، خۇددى چاشقاننى

تۇرۇپنىڭ شىپالىق رولى

تۇرۇپ تەركىبىدە مول لىگنىن بولۇپ، مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئادەم بەدىنىدىكى چوڭ يۇتقۇچى ھۈجەيرىلىرىنى ياخشىلاپ، راك ھۈج

كوكتاتلارنىڭ ئويغۇرچە ئاتالغۇسى ۋە تەبىئېتى

كوپ ئستىمال قىلىندىغان كوكتاتلارنىڭ ئويغۇرچە ئاتالغۇسى ۋە تەبىئېتى ئاتالغۇلارنى رەتلەپ توپلاپ چىققۇچى : سەمەت راخمان 1.بەرەنكە ياڭيۇ (

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号