نەغەزگۈل گۈلسامساق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئۇ يەنە قەپەس ئوت (学名:忘忧草) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. نەغەزگۈلنىڭ تەبىئىتى سۇغۇق بولۇپ، كۆپلىگەن دورىلىق ئۈنۈملىرىگە ئىگە شۇنداقلا كىسەلدىن كىيىن ياكى تۇغۇتتىن كىيىنكى قۇۋۋەت تۇلۇقلاشقا ئىنتايىن ماس كىلىدىغان بىر خىل كۆكتات تۈرىدۇر.
خەنزۇچە ئاتىلىشى: 金针菜
خەنزۇچە ئىلمى ئاتىلىشى: 忘忧草
لاتىنچە ئاتىلىشى: Hemerocallis citrina
تەۋەلىكى: ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى—يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى—تاق پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى—گۈلسامساق ئەترىتى—گۈلسامساق ئائىلىسى—نەغەزگۈل ئۇرۇقدىشى
ئۇزۇقلۇق تەركىبى
ھەر 100گىرام قۇرۇتۇلغان نەغەزگۈلى تەركىبىدە 14.1 گىرام ئاقسىل، 0.4 گىرام ياغ، 60.1 گىرام كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، 463 مىللىگىرام كالتسىي، 173 مىللىگىرام فوسفور، 16.5 مىللىگىرام تۆمۈر، 3.44 مىللىگىرام كاروتىن، 0.14 مىللىگىرام رىبوفلاۋىن، 0.3 مىللىگىرام تىئامىن، 4.1 مىللىگىرام نىكوتىنىك كىسلاتاسى بار.

ئىستىمال قىممىتى
نەغەزگۈلنىڭ ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇش، سۈت كەلتۈرۈش، قانغا ئۇزۇقلۇق يەتكۈزۈش قاتارلىق ئۈنۈملىرى بار. ئەگەر سۈتنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى يىتەرلىك بولماسلىق ئەھۋالى كۆرۈلگەن بالا ئىمىتىش مەزگىلىدىكى ئاياللار نەغەزگۈل ئىستىمال قىلسا، سۈت كەلتۈرۈش ئۈنۈمىگە ئىرىشەلەيدۇ. نەغەزگۈلنىڭ يىلتىز قىسمىنىڭ سۈيدۈك ھەيدەش ۋە ئىششىق ياندۇرۇش ئۈنۈمى بار؛ نەغەزگۈل يۇپۇرمىقىنىڭ نىرۋىنى تىنچلاندۇرۇش ئۈنۈمى بار بولۇپ، نىرۋا ئاجىزلىشىش، ئىچى تىتىلداپ ئۇيقۇسى قېچىش قاتارلىقلارغا قارىتا داۋالاش رولى بار.
نەغەزگۈلنىڭ مىڭىنى ساغلاملاشتۇرۇپ قېرىشقا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمى بىرقەدەر ياخشى بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ تەركىبىدىكى مول بولغان لىتسېتىن سەۋەبىدىن بولىدۇ. لىتسېتىن بولسا ئادەم بەدىنىدىكى نۇرغۇن ھۈجەيرىلەرنىڭ، بولۇپمۇ ئادەم مىڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ تەشكىل قىلغۇچى تەركىبى قىسمى بولۇپ، چوڭ مىڭە ئىقتىدارىنى ياخشىلاش ۋە كۈچەيتىشكە قارىتا ئىنتايىن مۇھىمدۇر. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، لىتسېتىن ئارتىرىيە قان تومۇرلىرى ئىچىدىكى چۆكمە ماددىلارنى تازىلاپ چىقىرالايدىغان بولۇپ، دىققىتىنى يېغالماسلىق، ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى چىكىنىپ كىتىش، مىڭە ئارتىريە قان تومۇرلىرى توسۇلۇش قاتارلىق ئالامەتلەرگە قارىتا ئالاھىدە داۋالاش ئۈنۈمى بار.
بەزى تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، نەغەزگۈل قان پىلازمىسىدىكى خولىستىرىننىڭ مىقدارىنى كۆرنەرلىك دەرىجىدە تۆۋەنلىتەلەيدىغان بولۇپ، يۇقىرى قان بېسىم بىمالىرىنىڭ ئەسلىگە كىلىشىگە پايدىلىق بولىدىكەن ھەمدە بۇ سەۋەپتىن يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرىغا قارىتا ساغلام بولغان كۆكتات دەپ تەۋسىيە قىلىنىدىكەن.
