قىچا كۆكى(芥兰)
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 105589:ئادەم ئۆگەندى

    قىچا كۆكى كىرىست گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئۇنىڭ غولى ۋە يۇمران يۇپۇرماقلىرىنى ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ.
خەنزۇچە ئاتىلىشى:  芥兰
لاتىنچە ئاتىلىشى:   Brassica alboglabra L.H.Bailey
تەۋەلىكى:  ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى—يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى—جۈپ پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى—ئىپتىدائى گۈل يېپىنچىسى كەنجى سىنىپى—كۆكنار ئەترىتى—كەپە كەنجى ئەترىتى—كىرىست گۈللۈكلەر ئائىلىسى—بىراسسىيە ئۇرۇقدىشى
ئىستىمال قىممىتى
    قىچا كۆكىنىڭ ئاشقازان-ئۈچەيگە ئىسسىق ئۆتۈپ كەتكەن، باشق قېيىپ كۆز تورلىشىدىغان، كىچىلىرى ئۇيقۇسى قاچىدىغان، قوقاق تېپىدىغان ۋە ۋىيتامىن Cكەمچىللىكتىن كىلىپ چىققان چىش مىلىكى ئىششىش ۋە قاناش قاتارلىقلارغا قارىتا داۋالاش ئۈنۈمى بار.
    قىچا كۆكى تەركىبىدە ۋىيتامىن A، ۋىيتامىن C، كالتسىي، ئاقسىل، ياغ تۈرى ۋە ئۆسۈملۈك ساخارىد تۈرىدىكى ماددىلار مول بولۇپ، ئۈچەينى سىلىقلاشتۇرۇپ ئىسسىق يەلنى ھەيدەش، قوقاقنى ھەيدەش، چىش مىلىكى قاناش قاتارلىقلارنى ياخشىلاش ئۈنۈمى بار.
   بۇلاردىن باشقا، قىچا كۆكىنىڭ تەركىبىدە كاروتىن ۋە باشقا ۋىيتامىن تۈرىنىڭ مىقدارىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئۇنىڭ تەركىبىدە يەنە راكقا قارشى تۇرغۇچى تەركىبلەرمۇ بار. ھەمىشە قىچا كۆكى ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، يەنە خولسىتىرىننى تۆۋەنلىتىش، قان تۇمۇرلارنى يۇمشىتىش، يۈرەك كىسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق ئۈنۈملەرگە ئىرىشكىلى بولىدۇ.
ئىستىمالدا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار
   ئادەتتىكى كىشىلەر توپىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا ماس كىلىدىغان بولۇپ، بولۇپمۇ ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ قالغان، قەۋزىيەت ۋە يۇقىرى خولىستىرىنلىق بىمارلارنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا تېخىمۇ ماس كىلىدۇ.
   باھ ئاجىز كىشىلەرنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا ماس كەلمەيدۇ.

تەرخەمەك (黄瓜)

تەرخەمەكنىڭ تەركىبىدىكى تەرخەمەك كىسلاتاسى ئادەم بەدىنىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زەھەرنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلاي

پەمىدۇر(西红柿)

سۈرەت ۋە ۋىدىيولار ئۇيغۇرچە ئىسمى پەمىدۇر تارقالغان رايونلار ئەسلى ماكانى ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسى ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى ، ھازىر

قارا قېرىن قۇلاقنىڭ شىپالىق رولى

قارا مورنىڭ قانداق رولى بار؟ ھازىر باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش بىلەن تەڭ يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى بىلەن ئۆلۈپ كېتىدىغان كىشىلەر كۆپىيىپ كەت

پالەك ۋە ئۇنىڭ تەركىبى شىپالىق رولى

پالەك لويلا ئائىلىسىگە تەۋە بولغان بىر ياكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئۇنىڭ ئوق يىلتىزى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، خۇددى چاشقاننى

تۇرۇپنىڭ شىپالىق رولى

تۇرۇپ تەركىبىدە مول لىگنىن بولۇپ، مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئادەم بەدىنىدىكى چوڭ يۇتقۇچى ھۈجەيرىلىرىنى ياخشىلاپ، راك ھۈج

كوكتاتلارنىڭ ئويغۇرچە ئاتالغۇسى ۋە تەبىئېتى

كوپ ئستىمال قىلىندىغان كوكتاتلارنىڭ ئويغۇرچە ئاتالغۇسى ۋە تەبىئېتى ئاتالغۇلارنى رەتلەپ توپلاپ چىققۇچى : سەمەت راخمان 1.بەرەنكە ياڭيۇ (

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号