توپىنامبۇر(菊芋)
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 104372:ئادەم ئۆگەندى

    توپىنامبۇر يەنە ئەجنەبى زەنجىۋىلى دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئۇ بىر ياكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكتۇر. توپىنامبۇر ئەسلىدە شىمالى ئامرىكا قىتئەسىدە پەيدا بولغان بولۇپ، 17- ئەسىردە ياۋرۇپاغا تارقىلىپ كىرگەن، كەينىدىن دۆلىتىمىزگە ئېقىپ كىرگەن.
    توپىنامبۇرنىڭ يەر ئاستى قىسمىدىكى تۈگۈنەك غول قىسمىنىڭ كىراخمال ۋە كۆپ ساخارىدلىق تەركىبى مول بولۇپ، ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ؛ ئادەتتە پىشۇرۇپ ياكى شورۋىگۈرۈچ قاينىتىپ ئىستىمال قىلساق، ياكى تۇزلاپ چىلىغان كۆكتات تەييارلەپ ئسىتىمال قىلساق بولىدۇ. بۇلاردىن باشقا ئاپتاپقا قاقلاپ توپىنامبۇر قېقى تەييارلاشقا ياكى كىراخمال ۋە ئىسپىرت چەككىلەپ ئېلىشقا بولىدۇ.
خەنزۇچە ئاتىلىشى:  菊芋
لاتىنچە ئاتىلىشى:  Elianthus tuberosus (L. 1753)
باشقىچە ئاتىلىشى: ئەجنەبىلەر زەنجىۋىلى، بەش بۇرجەكلىك ئوت
تەۋەلىكى:  ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى—يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى—جۈپ پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى—بىرلەشمە بەرگىلىك گۈللۈكلەر كەنجى سىنىپى—جۇخار گۈلى ئەترىتى—جۇخارگۈلى ئائىلىسى—ئاپتاپپەرەس ئۇرۇقدىشى
دورىلىق قىممىتى
   توپىنامبورنىڭ تەركىبىدىكى سىنان شىكىرىنى چەككىلەپ ئېلىپ، دىئابىتنى داۋالاشقا ئىشلىتىشكە بولىدۇ؛ توپىنامبورنىڭ غول يىلتىزىنى سوقۇپ ئىزىپ سىرتتىن سۈرۈپ بىرىش ئارقىلىق، غەلىتە پەيدا بولغان ئىششىق زەھىرى ۋە قولاق ئالدى بېزى ياللۇغىنى داۋالاشقا بولىدۇ.
    توپىنامبورنى بىۋاستە ئىستىمال قىلىش ئارقىلىقمۇ داۋالاش ئۈنۈمىگە ئىرىشكىلى بولىدىغان بولۇپ، توپىنامبورنىڭ يەر ئاستىدىكى تۈگۈنەك غولىنى پاكىز يۇيۇپ ئۇششاق توغرىغاندىن كىيىن، گۈرۈچ بىلەن قوشۇپ شورۋىگۈرۈچ قاينىتىپ ھەم تۇز ۋە كۈنجۈت مېيى قوشۇپ ئىستىمال قىلساق، دىئابىت، ئىششىق، كىچىك تەرىتى راۋان ئەمەس بىمارلارنىڭ ئسىتىمال قىلىشىغا ماس كىلىدۇ.
ئسىتىمال قىممىتى
    توپىنامبورنىڭ تۈگىنەك يىلتىزى تەملىك بولۇپ، تەركىبىدىكى سىنان شىكىرىنىڭ مىقدارى ئىنتايىن مول، بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ كەمپۈت ۋە تورتلارنى ياساشقا بولىدۇ. بۇندىن باشقا يەنە توپىنامبورنى كۆكتات ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدىغان بولۇپ، گۆشسىز قورىساقمۇ ياكى تۇزلاپ چىلىغان كۆكتات تەييارلاپ ئىستىمال قىلساقمۇ بولىدۇ.

تەرخەمەك (黄瓜)

تەرخەمەكنىڭ تەركىبىدىكى تەرخەمەك كىسلاتاسى ئادەم بەدىنىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زەھەرنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلاي

پەمىدۇر(西红柿)

سۈرەت ۋە ۋىدىيولار ئۇيغۇرچە ئىسمى پەمىدۇر تارقالغان رايونلار ئەسلى ماكانى ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسى ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى ، ھازىر

قارا قېرىن قۇلاقنىڭ شىپالىق رولى

قارا مورنىڭ قانداق رولى بار؟ ھازىر باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش بىلەن تەڭ يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى بىلەن ئۆلۈپ كېتىدىغان كىشىلەر كۆپىيىپ كەت

پالەك ۋە ئۇنىڭ تەركىبى شىپالىق رولى

پالەك لويلا ئائىلىسىگە تەۋە بولغان بىر ياكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئۇنىڭ ئوق يىلتىزى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، خۇددى چاشقاننى

تۇرۇپنىڭ شىپالىق رولى

تۇرۇپ تەركىبىدە مول لىگنىن بولۇپ، مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئادەم بەدىنىدىكى چوڭ يۇتقۇچى ھۈجەيرىلىرىنى ياخشىلاپ، راك ھۈج

كوكتاتلارنىڭ ئويغۇرچە ئاتالغۇسى ۋە تەبىئېتى

كوپ ئستىمال قىلىندىغان كوكتاتلارنىڭ ئويغۇرچە ئاتالغۇسى ۋە تەبىئېتى ئاتالغۇلارنى رەتلەپ توپلاپ چىققۇچى : سەمەت راخمان 1.بەرەنكە ياڭيۇ (

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号