چەلەڭ، يەنە يەرلىك چەلەڭ، زەيتۇن توپ دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، كىرىست گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى ئىككى يىللىق ساماغ غوللۇق ئۆسۈملۈكتۇر. چەلەڭ پوستىنىڭ رەڭگىگە ئاساسەن يىشل، ئاق يىشىل ۋە بىنەپشەرەڭ ئۈچ خىل تۈرگە بۆلىنىدۇ؛ پىشىش مەزگىلىنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقىغا ئاساسەن، بالدۇر پىشىدىغان، نورمال پىشىدىغان، ۋە كىيىن پىشىدىغان ئۈچ تۈرگە بۆلىنىدۇ.
خەنزۇچە ئاتىلىشى: 苤蓝
لاتىنچە ئاتىلىشى: Brassica oleracea var.
تەۋەلىكى: ئۆسۈملۈك دۇنياسى—يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى—جۈپ پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى—دېللىنىيە دەرىخى كەنجى سىنىپى—كەپە ئۇرۇقدىشى—كىرىست گۈللۈكلەر ئائىلىسى—بىراسسىيە ئۇرۇقدىشى
ئۇزۇقلۇق تەركىبى
ھەر 500گىرام چەلەڭ تەركىبىدە 5.9 گىرام ئاقسىل، 11 گىرام قەنت، 4.1 گىرام يىرىك ئاقسىل، 3.3 گىرام كۈل ماددىسى، 81 مىللىگىرام كالتسىي، 122 مىللىگىرام فوسفور، 1.1 مىللىگىرام تۆمۈر، 0.19 مىللىگىرام تىئامىن، 0.07 مىللىگىرام رىبوفلاۋىن، 1.5 مىللىگىرام نىكوتىنىك كىسلاتا، 152 مىللىگىرام ۋىيتامىن C ۋە ئاز مىقداردىكى كاروتىن بار.

ئىستىمال قىممىتى
1. چەلەڭ گەنلەننىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئىلمى ئاتىلىشى شارسىمان غوللۇق گەنلەن دىيىلىدۇ؛ چەلەڭ تۈگىنەك قىچا بىلەن كاللەكبەسەينىڭ ئوتتۇرلىقىدىكى بىر خىل كۆكتات بولۇپ، ئۇنى دۈملەپ پىشۇرغاندىن كىيىن سۇغۇق سەي قىلىشقا ياكى قەلەمچە قىلىپ توغراپ سالات تەييارلاپ ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ. ئۇنىڭ ۋىيتامىن C تەركىبى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، بىر ئىستاكان پىشۇرۇلغان چەلەڭ تەركىبىدىكى ۋىيتامىن C نىڭ مىقدارى، "تەۋسىيە قىلىنغان كۈندىلىك قۇبۇل قىلىش مىقدارى"نىڭ 1.5 ھەسسىسىگە توغرا كىلىدۇ. ئۇنىڭ كالى تەركىبى ۋە ۋىيتامىن E تەركىبىمۇ "تەۋسىيە قىلىنغان كۈندىلىك قۇبۇل قىلىش مىقدارىدىن" ئارتۇق كىلىدۇ.
2. چەلەڭنىڭ ۋىيتامىن تەركىبى ئىنتايىن مول، بولۇپمۇ يىڭى چەلەڭنى ئىزىپ شەربىتىنى ئىچىپ بەرسە، ئاشقازان كىسىلىگە قارىتا داۋالاش ئۈنۈمى كۆرگىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ۋىيتامىن C قاتارلىق ئاساسلىق ئۇزۇقلۇق ماددىلارنىڭ ئاغرىق توختىتىپ تىرە ۋە گۆش ئۆستۈرۈش رولى بار بولۇپ، ئاشقازان ۋە ئون ئىككى بارماق ئۈچەيدىكى يارىنىڭ ساقىيىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛
3. چەلەڭ تەركىبىدە زور مىقداردا سۇ تەركىبى ۋە يىمەكلىك تالا ماددىسى بار بولۇپ، ئۈچەينى راۋانلاشتۇرۇپ تەرەتنى ھەيدەپ قەۋزىيەتنى داۋالايدۇ ھەم ئالدىنى ئالىدۇ.
4. چەلەڭ تەركىبىدىكى ۋىيتامىن E نىڭ ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممونىت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش رولى بار.
5. چەلەڭ تەركىبىدىكى مىكرو ئىلمىنىت مولبىدىننىڭ ئامىنىي نىترىتنىڭ بىرىكىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى بار بولۇپ، بۇ سەۋەپلىك ئۇنىڭ بەلگىلىك دەرىجىدە راكقا قارشى تۇرۇش راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمى بار.
