قىزىلبۇغداش(苋菜)
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 100583:ئادەم ئۆگەندى

   قىزىلبۇغداش بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئۇنىڭ غوللىرى توم ھەم يىشىل ياكى قىزىل رەڭدە كىلىدۇ؛ قىزىلبۇغداشنىڭ غولى بىلەن يۇپۇرمىقىنى كۆكتات ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ، يۇپۇرمىقى رەڭگارەڭ كەلگەنلىرىنى گۈل ئورنىدا تاماشا قىلىشقا بولىدۇ؛ بۇندىن باشقا مىۋىسى، يىلتىزى ۋە ئۆسۈملۈك پۈتۈن قىسمىنى دورا ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدىغان بولۇپ، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش، چوڭ-كىچىك تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، سۇغۇق يەلنى ھەيدەش ئۈنۈمى كۆرسىتىدۇ.
خەنزۇچە ئاتىلىشى:  苋菜
لاتىنچە ئاتىلىشى:  Amaranthus mangostanus L.
تەۋەلىكى:   ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى—يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى—جۈپ پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى—چىنىگۈل ئەترىتى—قامچىگۈل ئائىلىسى—قامچىگۈل كەنجى ئائىلىسى—قامچىگۈل ئۇرۇقدىشى
ئۇزۇقلۇق تەركىبى
    ھەر 100 گىرام قىزىلبۇغداش تەركىبىدە 90.1 گىرام سۇ، 1.8 گىرام ئاقسىل، 0.3 گىرام ياغ، 5.4 گىرام كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، 0.8 گىرام يىرىك تالا ماددىسى، 1.6 گىرام كۈل ماددىسى، 1.95 مىللىگىرام كاروتىن، 1.1 مىللىگىرام نىكوتىنىك كىسلاتا، 28 مىللىگىرام ۋىيتامىن C، 180 مىللىگىرام كالتسىي، 46 مىللىگىرام فوسفور، 3.4 مىللىگىرام تۆمۈر، 577 مىللىگىرام كالىي، 23 مىللىگىرام ناترىي، 87.7 مىللىگىرام ماگنىي، 160 مىللىگىرام خلور بار.
ئىستىمال قىممىتى
    قىزىلبۇغداشنىڭ ماغدۇر تۇلۇقلاش، قوقاق ھەيدەش، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش، ئادەتلىنىش خارەكتىرلىك بالا چۈشۈپ كىتىش، چوڭ-كىچىك ئۈچەيلەرگە پايدىلىق بولۇش قاتارلىق ئۈنۈملىرى بولۇپ، ئۇ يەنە چىش ۋە سۆڭەكلەرنىڭ يىتىلىشىگە قارىتا ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ ھەمدە يۈرەك مۇسكۇل ھەرىكىتىنىڭ نورماللىقىنى قوغداپ، مۇسكۇل تارتىشىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
    بۇلاردىن باشقا، قىزىلبۇغداشنىڭ يەنە قان ئۇيۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، قىزىل قان ئاقسىلىنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇش ۋە ئوكسىگىن ئېلىپ مېڭىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، قان ياساش ئىقتىدارىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى بار؛ ئۇ يەنە بەدەن ئىچكى قىسىمنى تازىلاپ ئۇرۇقلىتىش، توكسىننى ھەيدەشنى ئىلگىرى سۈرۈش، قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق ئۈنۈملەرگە ئىگە.

تەرخەمەك (黄瓜)

تەرخەمەكنىڭ تەركىبىدىكى تەرخەمەك كىسلاتاسى ئادەم بەدىنىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زەھەرنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلاي

پەمىدۇر(西红柿)

سۈرەت ۋە ۋىدىيولار ئۇيغۇرچە ئىسمى پەمىدۇر تارقالغان رايونلار ئەسلى ماكانى ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسى ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى ، ھازىر

قارا قېرىن قۇلاقنىڭ شىپالىق رولى

قارا مورنىڭ قانداق رولى بار؟ ھازىر باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش بىلەن تەڭ يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى بىلەن ئۆلۈپ كېتىدىغان كىشىلەر كۆپىيىپ كەت

پالەك ۋە ئۇنىڭ تەركىبى شىپالىق رولى

پالەك لويلا ئائىلىسىگە تەۋە بولغان بىر ياكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئۇنىڭ ئوق يىلتىزى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، خۇددى چاشقاننى

تۇرۇپنىڭ شىپالىق رولى

تۇرۇپ تەركىبىدە مول لىگنىن بولۇپ، مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئادەم بەدىنىدىكى چوڭ يۇتقۇچى ھۈجەيرىلىرىنى ياخشىلاپ، راك ھۈج

كوكتاتلارنىڭ ئويغۇرچە ئاتالغۇسى ۋە تەبىئېتى

كوپ ئستىمال قىلىندىغان كوكتاتلارنىڭ ئويغۇرچە ئاتالغۇسى ۋە تەبىئېتى ئاتالغۇلارنى رەتلەپ توپلاپ چىققۇچى : سەمەت راخمان 1.بەرەنكە ياڭيۇ (

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号