تارو(芋头)
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 102481:ئادەم ئۆگەندى

    تارو يەنە كالكوز دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئۇ بىر خىل كۆپ يىللىق تۈگۈنەك غوللۇق ئۆسۈملۈكتۇر. بىز ئادەتتە ئىستىمال قىلىدىغىنىمىز كىچىك كالكوز بېشى(يەنە شىياۋ يۈ توۋ 小芋头) بولۇپ، سۇدا پىشۇرۇپ يىيىشكە ياكى دۈملەپ، ئوتقا قاقلاپ پىشۇرۇپ يىيىشكىمۇ ماس كىلىدۇ.
خەنزۇچە ئاتىلىشى:  芋头
باشقىچە ئاتىلىشى: كالكوز ()
ئىنگىلىزچە ئاتىلىشى:  taro roots
تەۋەلىكى: ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى—يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى—تاق پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى—ياۋا كەشمىر ئەترىتى—چايانئوت ئائىلىسى—كالكوز ئۇرۇقدىشى

ئۇزۇقلۇق قىممىتى
     1. تارو تەركىبىدە ئاقسىل، كالتىسىي، فوسفور، تۆمۈر، كالىي، ماگنىي، ناترىي، كاروتىن، نىكوتىنىك كىسلاتا، ۋىيتامىن C، ۋىيتامىن B تۈرلىرى قارتارلىق كۆپ خىل ئۇزۇقلۇق تەركىبلەر مول بولۇپ، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى مىنرالنى ئىلمىنتلار ئىچىدە فىتورنىڭ مىقدارى نىسبەتەن ۇقىرى بولۇپ، بۇ چىشنى قۇرت يىيشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە چىشنى ئاسراش رولىنى ئوينايدۇ.
     2. تارونىڭ ئۇزۇقلۇق تەركىبى مول بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممونىت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ ھەمدە راك ئۆسمىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشتا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان دورىلىق يىمەكلىك ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ؛ بۇندىن باشقا يەنە، راك كىسەللىكى ئوپراتسىيىسىدىن ياكى رادىئاتسىيىلىك داۋالاش، خېمىيىلىك داۋالاشتىن كىيىنكى مەزگىل ۋە ئەسلىگە كىلىش مەزگىلىدە قوشۇمچە داۋالاش رولىنى ئوينايدۇ.
    3. تارو تەركىبىدە بىر خىل شىلىمشىقلىق ئاقسىل بار بولۇپ، بۇ ئادەم بەدىنى تەرپىدىن سۈمۈرۈلگەندىن كىيىن، ئىممونىتلىق گىلوبۇلىن ھاسىل قىلالايدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق بەدەن ئورگانىزىمىنىڭ كىسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.بۇندىن باشقا، جۇڭگۇ تىبابىتىدە تارونىڭ زەھەر قايتۇرۇش رولى بار دەپ قارىلىدىغان بولۇپ، ئۆسمە كىسەللىكى ۋە لىمفا تۇبىركولىيۇزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشتا ئىشىلىتىشكە بولىدۇ دەپ قارايدۇ.
    4. تارو بولسا ئىشقارلىق يىمەكلىك بولۇپ، ئۇ ئادەم بەدىنىدە ساقلىنىپ قالغان كىسلاتالىق ماددىلارنى نىتراللاشتۇرۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ كىسلاتالىق-ئىشقارلىق تەڭپۇڭلىقىنى تەڭشىيەلەيدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش، چاچ قارايتىش ئۈنۈمى ھاسىل قىلالايدۇ.
    5. تارو تەركىبىدە شىلىمشىقلىق سوپۇن ماددىسى ۋە كۆپ خىل مىنرالنى ئىلمىنتلار مول بولۇپ، بەدەن ئورگانىزىمىنىڭ مىكرو ئىلمىنىتلار كەمچىل بولۇشىدىن كىلىپ چىققان فىزىلوگىيىلىك بىنورماللىقنى ياخشىلايدۇ ھەمدە بۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىشتىھانى ئېچىپ، ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

تەرخەمەك (黄瓜)

تەرخەمەكنىڭ تەركىبىدىكى تەرخەمەك كىسلاتاسى ئادەم بەدىنىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زەھەرنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلاي

پەمىدۇر(西红柿)

سۈرەت ۋە ۋىدىيولار ئۇيغۇرچە ئىسمى پەمىدۇر تارقالغان رايونلار ئەسلى ماكانى ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسى ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى ، ھازىر

قارا قېرىن قۇلاقنىڭ شىپالىق رولى

قارا مورنىڭ قانداق رولى بار؟ ھازىر باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش بىلەن تەڭ يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى بىلەن ئۆلۈپ كېتىدىغان كىشىلەر كۆپىيىپ كەت

پالەك ۋە ئۇنىڭ تەركىبى شىپالىق رولى

پالەك لويلا ئائىلىسىگە تەۋە بولغان بىر ياكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئۇنىڭ ئوق يىلتىزى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، خۇددى چاشقاننى

تۇرۇپنىڭ شىپالىق رولى

تۇرۇپ تەركىبىدە مول لىگنىن بولۇپ، مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئادەم بەدىنىدىكى چوڭ يۇتقۇچى ھۈجەيرىلىرىنى ياخشىلاپ، راك ھۈج

كوكتاتلارنىڭ ئويغۇرچە ئاتالغۇسى ۋە تەبىئېتى

كوپ ئستىمال قىلىندىغان كوكتاتلارنىڭ ئويغۇرچە ئاتالغۇسى ۋە تەبىئېتى ئاتالغۇلارنى رەتلەپ توپلاپ چىققۇچى : سەمەت راخمان 1.بەرەنكە ياڭيۇ (

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号