باقىلا(蚕豆)
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 100991:ئادەم ئۆگەندى

 

    باقىلا، پۇرچاق ئائىلىسى ياۋا كۆك پۇرچاق ئۇرۇقدىشىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئادەتتە ئاشلىق، كۆكتات ھەم يەم-خەشەك ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ.
خەنزۇچە ئاتىلىشى:  蚕豆
لاتىنچە ئاتىلىشى:  Vicia faba Linn
تارقالغان رايونلىرى:  دۆلىتىمىزنىڭ سىچۈەن ئۆلكىسىدە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ؛ بۇندىن باشقا يۈننەن، خۇنەن، خۇبېي، جىياڭسۇ، جېجىياڭ، چىڭخەي قاتارلىق ئۆلكىلىرىدىمۇ بەلگىلىك كۆلەمدە يىتىشتۈرۈلىدۇ.
تەۋەلىكى: ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى—يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى—جۈپ پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى—پۇرچاق ئەترىتى—پۇرچاق ئائىلىسى—ياۋا كۆك پۇرچاق ئۇرۇقدىشى
ئۇزۇقلۇق تەركىبى
    ھەر 100 گىرام باقىلا تەركىبىدە 335 كىلوكالورىيە ئىنىرگىيە، 21.6 گىرام ئاقسىل، 1 گىرام ياغ، 0.48 مىللىگىرام پانتوتىنىك كىسلاتا، 59.8 گىرام كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، 260 مىكروگىرام فولىن كىسلاتا، 3.1 گىرام يىمەكلىك تالا ماددىسى، 52 مىكروگىرام ۋىيتامىن A، 13 مىكرو گىرام ۋىيتامىن K، 310 مىكروگىرام كاروتىن، 0.37 مىللىگىرام تىئامىن، 0.1 مىللىگىرام رىبوفلاۋىن، 1.5 مىللگىرام نىكوتىنىك كىسلاتا، 16 مىللىگىرام ۋىيتامىن C، 0.83 مىللىگىرام ۋىيتامىن E، 16 مىللىگىرام كالتسىي، 200 مىللىگىرام فوسفور، 391 مىللىگىرام كالىي، 4 مىللىگىرام ناترىي، 46 مىللىگىرام ماگنىي، 3.5 مىللىگىرام تۆمۈر، 1.37 مىللىگىرام سىنىك، 2.02 مىكروگىرام سېلىن، 0.39 مىللىگىرام مىس، 0.55 مىللىگىرام مانگان بار.
ئىستىمال قىممىتى
    1. مىڭىنى قۇۋۋەتلەيدۇ. ئەگەر سىز ئىمتاھانغا تەييارلىق قىلىۋاتقان بولسىڭىز، ياكى سىز ئەقلى ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئادەم بولسىڭىز، ئۇنداقتا مۇۋاپىق تۈردە باقىلا يەپ بەرسىڭىز، بەلگىلىك دەرىجىدە پايدىلىق ئۈنۈم ھاسىل قىلالايسىز. باقىلار تەركىبىدە، چوڭ مىڭە ۋە نىرۋا ئورگانىزىمىنى تەڭشەيدىغان مۇھىم تەركىبى كالتسىي، سىنىك، مانگان، فوسفاتىدلىق ياغ قاتارلىقلار ۋە مول مىقداردىكى ئىشقارلىق ماددا بار بولۇپ، بۇ ماددىلارنىڭ ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇدىغان پايدىلىق رولى بار.
     2. خولىستىرىننى تۆۋەنلىتىدۇ. باقىلاپوستىدىكى يىرىك تالا ماددىلىرىنىڭ خولىسىتىرىننى تۆۋەنلىتىش، ئۈچەينىڭ قىمىرلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى بار.
    3. يۈرەك قان تۇمۇر كىسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. باقىلانىڭ ئاقسىل تەركىبى ناھايىتى مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە خولىستىرىن يوق؛ بۇ خىل ئەھۋال يىمەكلىكنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان بولۇپ، يۈرەك قان تۇمۇر كىسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
    4. ئارتىرىيە قېتىشىشنى كەينىگە سۈرىدۇ. باقىلا تەركىبىدىكى ۋىيتامىن Cنىڭ ئارتىريە قېتىشىش كۆرۈلۈشىنى كەينىگە سۈرۈش رولى بار.
    5. راكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، راكقا قارشى تۇرىدۇ. باقىلار راكقا قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۈچەي راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە بەلگىلىك رولى بار.
دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار
    ئىلگىرى باقىلا رىئاكسىيە قىلىش ھادىسىسى كۆرۈلگەن كىشلەر، قايتا باقىلا ئىستىمال قىلماسلىقى كىرەك.
   ئىرسىيەت خارەكتىرلىك قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى ئاز كەلگەن بىمارلار، بۇۋاسىر قاناش كىسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلار، ھەزىم قىلىشى ناچار بولغانلار، ئاستا خارەكتىرلىك بوغما ئۈچەي ياللۇغى بىمارلىرى، سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش بار بىمارلار قاتارلىقلار باقىلا ئىستىمال قىلىشقا ماس كەلمەيدۇ.

تەرخەمەك (黄瓜)

تەرخەمەكنىڭ تەركىبىدىكى تەرخەمەك كىسلاتاسى ئادەم بەدىنىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زەھەرنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلاي

پەمىدۇر(西红柿)

سۈرەت ۋە ۋىدىيولار ئۇيغۇرچە ئىسمى پەمىدۇر تارقالغان رايونلار ئەسلى ماكانى ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسى ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى ، ھازىر

قارا قېرىن قۇلاقنىڭ شىپالىق رولى

قارا مورنىڭ قانداق رولى بار؟ ھازىر باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش بىلەن تەڭ يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى بىلەن ئۆلۈپ كېتىدىغان كىشىلەر كۆپىيىپ كەت

پالەك ۋە ئۇنىڭ تەركىبى شىپالىق رولى

پالەك لويلا ئائىلىسىگە تەۋە بولغان بىر ياكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئۇنىڭ ئوق يىلتىزى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، خۇددى چاشقاننى

تۇرۇپنىڭ شىپالىق رولى

تۇرۇپ تەركىبىدە مول لىگنىن بولۇپ، مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئادەم بەدىنىدىكى چوڭ يۇتقۇچى ھۈجەيرىلىرىنى ياخشىلاپ، راك ھۈج

كوكتاتلارنىڭ ئويغۇرچە ئاتالغۇسى ۋە تەبىئېتى

كوپ ئستىمال قىلىندىغان كوكتاتلارنىڭ ئويغۇرچە ئاتالغۇسى ۋە تەبىئېتى ئاتالغۇلارنى رەتلەپ توپلاپ چىققۇچى : سەمەت راخمان 1.بەرەنكە ياڭيۇ (

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号