بىدە (苜蓿)
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 103176:ئادەم ئۆگەندى

    يۇمران بىدىنى كۆكتات ئورنىدا ئىستىمال قىلىشقا بولىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ تەركبىدە مول مىقداردا كالتسىي، تۆمۈر، كالىي، ئاقسىل ۋە ۋىيتامىنلار بار. بىدە دۆلىتىمىزدىكى قەدىمدىن تارتىپ ئەنئەنە قالغان كۆكتاتلارنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، قەدىمدىن تارتىپ "يىمەكلىكلەر ئاتىسى" دەپ ئاتىلىپ كەلگەن.
خەنزۇچە ئاتىلىشى:  苜蓿
ئاساسلىق ئۇزۇقلۇق تەركىبى: ئاقسىل، كالتسى، كالىي
ئاساسلىق ئۈنۈمى: ئىسسىقنى ھەيدەپ سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش؛ ئۈچەي يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ تاشنى ھەيدەش؛ قان تۇلۇقلاپ ھاسىراشنى توختىتىش؛ ئاشقازان-ئۈچەي يوللىرىنى ياخشىلاش، خولىستىرىننى تۆۋەنلىتىش؛ دىئابىتنى ياخشىلاش
ئىشلىتىشكە ماس كىلىدىغانلار توپى: ئادەتتىكى كىشىلەر ھەممىسى ئىستىمال قىلىشقا ماس كىلىدىغان بولۇپ، سۈيدۈك يولىغا تاش چۈشكەن، يەللىك بوغۇم ياللۇغى كىسەللىكلىرى بىمارلىرى ئىھتىيات بىلەن ئىستىمال قىلىشى كىرەك.
ئۇزۇقلۇق قىممىتى
    بىدە تەركىبىدە زور مىقداردا تۆمۈر ماددىسى بار بولۇپ، بۇ سەۋەپلىك قان ئازلىق كىسىلىنى داۋالاشتىكى ياردەمچى يىمەكلىك قىلىشقا بولىدۇ؛ بىدە تەركىبىدىكى B ئائىلىسىدىكى ۋىيتامىنلار، ئادەمدىكى يامان سۈپەتلىك قان ئازلىق كىسىلىنى ياخشىلىيالايدۇ؛ بۇلاردىن باشقا بىدە تەركىبىدە يەنە قان توختىتىش ئۈنۈمىگە ئىگە ۋىيتامىن K بار بولۇپ، خەلىق ئارىسىدا بىدىدىن پايدىلىنىپ، ئاشقازان قاناشنى ياكى بۇۋاسىر قاناشنى داۋالايدۇ. بىدە تەركىبىدە يەنە تىرىتسىن، بىدە فىنول قاتارلىق ماددىلار بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ھۆتەلنى توختىتىپ، ھاسىراشنى پەيسەيتىش رولى ۋە كاناي ياللىغۇغا قارىتا بەلگىلىك دەرىجىدە داۋالاش ئۈنۈمى بار. بىدە تەركىبىدىكى يىرىك تالا ماددىسى، چوڭ ئۈچەينىڭ قىمىرلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بولۇپ، چوڭ تەرەت ۋە بەدەندىكى زەھەرلىك ماددىلارنىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرۋىتىلىشىگە پايدىلىق بولىدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق قەۋزىيەتنى ياخشىلايدۇ ۋە ئۈچەي راكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە بىدە قاندىكى تىروكسىننىڭ مىقدارىنى ئاشۇرالايدىغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئادرېنالىننىڭ ئوكسىدلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، راكقا قارشى تۇرۇش رولى ئوينايدۇ.

تەرخەمەك (黄瓜)

تەرخەمەكنىڭ تەركىبىدىكى تەرخەمەك كىسلاتاسى ئادەم بەدىنىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زەھەرنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلاي

پەمىدۇر(西红柿)

سۈرەت ۋە ۋىدىيولار ئۇيغۇرچە ئىسمى پەمىدۇر تارقالغان رايونلار ئەسلى ماكانى ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسى ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى ، ھازىر

قارا قېرىن قۇلاقنىڭ شىپالىق رولى

قارا مورنىڭ قانداق رولى بار؟ ھازىر باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش بىلەن تەڭ يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى بىلەن ئۆلۈپ كېتىدىغان كىشىلەر كۆپىيىپ كەت

پالەك ۋە ئۇنىڭ تەركىبى شىپالىق رولى

پالەك لويلا ئائىلىسىگە تەۋە بولغان بىر ياكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئۇنىڭ ئوق يىلتىزى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، خۇددى چاشقاننى

تۇرۇپنىڭ شىپالىق رولى

تۇرۇپ تەركىبىدە مول لىگنىن بولۇپ، مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئادەم بەدىنىدىكى چوڭ يۇتقۇچى ھۈجەيرىلىرىنى ياخشىلاپ، راك ھۈج

كوكتاتلارنىڭ ئويغۇرچە ئاتالغۇسى ۋە تەبىئېتى

كوپ ئستىمال قىلىندىغان كوكتاتلارنىڭ ئويغۇرچە ئاتالغۇسى ۋە تەبىئېتى ئاتالغۇلارنى رەتلەپ توپلاپ چىققۇچى : سەمەت راخمان 1.بەرەنكە ياڭيۇ (

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号