بامبۇك نوتىسى، بامبۇكنىڭ يىڭى بىخلىنىپ چىققان نوتىسى بولۇپ، ئۇ دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان كۆپ يىللىق باشاقلىقلار ئەترىتىدىكى ئۆسۈملۈكتۈر. بامبۇك نوتىسى دۆلىتىمىزدىن تارقالغان ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئۇنى يىمەكلىك قاتارىدا ئىستىمال قىلىشقا ۋە دورا ماتىريالى ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
خەنزۇچە ئاتىلىشى: 竹笋
چەتئەلچە ئاتىلىشى: Bamboo Shoot
تەبىئىتى: سۇغۇق، ئايرىم بىر قىسم بامبۇك نوتىسىنىڭ تەمى نىسبەتەن ئاچچىق
ئۇزۇقلۇق تەركىبى
ھەر 100گىرام بامبۇك نوتىسى تەركىبىدە، 19 كىلوكالورىيە ئىنىرگىيە، 2.6 گىرام ئاقسىل، 0.2 گىرام ياغ، 3.6گىرام كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، 1.8 گىرام يىمەكلىك تالا ماددىسى، 0.08 مىللىگىرام تىئامىن، 0.08 مىللىگىرام رىبوفلاۋىن، 0.6 مىللىگىرام نىكوتىنىك كىسلاتا، 5 مىللىگىرام ۋىيتامىن C، 0.05 مىللىگىرام ۋىيتامىن E، 9 مىللىگىرام كالتسىي، 64 مىللىگىرام فوسفور، 0.4 مىللىگىرام ناترىي، 1.0 مىللىگىرام ماگنىي، 0.5 مىللىگىرام تۆمۈر، 0.33 مىللىگىرام سىنىك، 0.04 مىكروگىرام سېلىن، 0.09 مىللىگىرام مىس، 1.14 مىللىگىرام مانگان، 389 مىللىگىرام كالىي بار.

ئىستىمال قىممىتى
1. ئاشقازان ئۆتنى ساغلاملاشتۇرۇپ ئىشتىھانى ئاچىدۇ. بامبۇك نوتىسى تەركىبىدە ئاق رەڭلىك ئازوتلۇق ماددا بار بولۇپ، بۇ ماددا بامبۇك نوتىسىنىڭ ئۆزگىچە كەلگەن پۇرىقىنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىشتىھانى ئېچىش، ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى بار.
2. بامبۇك نوتىسى تەركىبىدىكى تالا ماددىلىرى ئۈچەي يوللىرىنىڭ سۇ تەركىبىنىڭ ساقلىنىش مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ قىمىرلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ ئۈچەي يوللىرىدىكى بېسىمنى تۆۋەنلىتىپ، تەرەتنىڭ چاپلاشقاقلىق دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىدۇ ۋە بۇ ئارقىلىق تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ ھەمدە ئۈچەي راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمى كۆرسىتىدۇ.
3. دىئافراگمىنى ئېچىپ بەلغەمنى بوشىتىدۇ. بامبۇك نوتىسى تۆۋەن قەنت ۋە تۆۋەن ياغلىق ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ تەركىبىدە ئۆسۈملۈك تالا ماددىسى ناھايىتى مول. شۇنىڭ ئۈچۈن، بامبۇك نوتىسى بەدەندىكى ئارتۇق ماي تەركىبلىرىنىڭ مىقدارىنى تۆۋەنلىتىپ، بەلغەمنى بوشىتىدۇ؛ يۇقىرى قان بېسىم كىسەللىكى، قاندىكى ماي تەركىبى يۇقىرى بولۇش، قاندىكى قەنت مىقدارى يۇقىرى بولۇش قاتارلىق كىسەللىكلەرگە قارىتا ياخشىلاش ئۈنۈمى بىرىدۇ ھەمدە ھەزىم قىلىش يوللىرى ئۆسمىسى ۋە سۈت بېزى راكىغا قارىتا بەلگىلىك دەرىجىدە ئالىدىنى ئېلىش رولىنى ئوينايدۇ.
4. بەدەن ئورگانىزىمىنىڭ ئىممونىت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. بامبۇك نوتىسى تەركىبىدىكى ئاقسىل، ۋىيتامىن ۋە مىنرالنى ئىلمىنىتلارنىڭ مىقدارى نىسبەتەن يۇقىرى بولۇپ، بۇلار بەدەن ئورگانىزىمىنىڭ ئىممونىت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، كىسەلدىن مۇداپىئە كۆرۈش ۋە كىسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.
