نىلوپەر غولى(藕)
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 100066:ئادەم ئۆگەندى

    نىلوپەر غولى، نىلوپەر ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكنىڭ يەر ئاستىدىكى غولى بولۇپ، ئادەتتە ئىستىمال قىلىشقىمۇ ۋە دورا ئورنىدا ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ.
خەنزۇچە ئاتىلىشى:  藕,莲藕
تارقالغان رايونى: ئەڭ دەسلەپ ھىندىستاندىن تارقالغان، ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ خېبېي، شەندۇڭ، خېنەن، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق ئۆلكىلىرىدىمۇ يىتىشتۈرىلىدۇ.
ئىستىمال قىلىشقا ماس كىلىدىغان كىشىلەر توپى: ياشانغانلار ۋە ئايال-بالىلار، تېنى ئاجىز ۋە كىسەلچان كىشىلەرنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا تېخىمۇ ماس كىلىدۇ.
تەۋەلىكى:  ئۆسۈملۈك دۇنياسى—يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى—ماگنولىيە سىنىپى—نىلوپەر ئەترىتى—نىلوپەر ئائىلىسى
ئۇزۇقلۇق تەركىبى
    ھەر 100گىرام نىلوپەر غولى تەركىبىدە 77.9 گىرام سۇ، 1.0 گىرام ئاقسىل، 0.1 گىرام ياغ، 19.8 گىرام كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، 84 كىلو كالورىيە ئىنىرگىيە، 0.5 گىرام يىرىك تالا ماددىسى، 0.7 گىرام كۈل ماددىسى، 19 مىللىگىرام كالتسىي، 51 مىللىگىرام فوسفور، 0.5 مىللىگىرام تۆمۈر، 0.04 مىللىگىرام رىبوفلاۋىن، 0.4 مىللىگىرام نىكوتىنىك كىسلاتا، 25 مىللىگىرام ئاسكوربىك كىسلاتاسى بار.
ئۇزۇقلۇق قىممىتى
    1. ئىسسىقنى ھەيدەپ قاننى سۇۋىتىدۇ. نىلوپەر غولىنىڭ تەبىئىتى سوغۇق بولۇپ، ئىسسىقتىن بولغان كىسەللىك ئالامەتلىرىنى ياخشىلاش ئۈنۈمى بار.
    2. چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئىچى سۈرۈشنى توختىتىدۇ.
    3. دانىخورەكلەرنى يوقىتىپ، ھۆسىن گۈزەللەشتۈرىدۇ.
    4. قاننىڭ قەنت ۋە ماي تەركىبىنى تۆۋەنلىتىدۇ ھەمدە ئۈچەي يوللىرىغا پايدىلىق بولىدۇ.
    5. بەدەندىكى توكسىننى ھەيدەپ، چىراينى گۈزەللەشتۈرىدۇ.
    6. قېرىشقا قارشى تۇرۇپ راكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ھەم ۋىيتامىن C تۇلۇقلايدۇ.
    7. ئاغرىقنى پەسەيتىپ بېسىمنى يىنىكلىتىدۇ، يۈرەكنى قوغدايدۇ.
    8. قاننى جانلاندۇرۇپ ماغدۇر تۇلۇقلايدۇ، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلايدۇ.
    9. يۈرەك رېتىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىدۇ.
    10. قان توختىتىش رولى بار بولۇپ، قاناپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
    11. بەلغەمنى بوشىتىپ، زىققا كىسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
    12. ئۆت ۋە ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇپ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ.

تەرخەمەك (黄瓜)

تەرخەمەكنىڭ تەركىبىدىكى تەرخەمەك كىسلاتاسى ئادەم بەدىنىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زەھەرنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلاي

پەمىدۇر(西红柿)

سۈرەت ۋە ۋىدىيولار ئۇيغۇرچە ئىسمى پەمىدۇر تارقالغان رايونلار ئەسلى ماكانى ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسى ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى ، ھازىر

قارا قېرىن قۇلاقنىڭ شىپالىق رولى

قارا مورنىڭ قانداق رولى بار؟ ھازىر باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش بىلەن تەڭ يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى بىلەن ئۆلۈپ كېتىدىغان كىشىلەر كۆپىيىپ كەت

پالەك ۋە ئۇنىڭ تەركىبى شىپالىق رولى

پالەك لويلا ئائىلىسىگە تەۋە بولغان بىر ياكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئۇنىڭ ئوق يىلتىزى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، خۇددى چاشقاننى

تۇرۇپنىڭ شىپالىق رولى

تۇرۇپ تەركىبىدە مول لىگنىن بولۇپ، مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئادەم بەدىنىدىكى چوڭ يۇتقۇچى ھۈجەيرىلىرىنى ياخشىلاپ، راك ھۈج

كوكتاتلارنىڭ ئويغۇرچە ئاتالغۇسى ۋە تەبىئېتى

كوپ ئستىمال قىلىندىغان كوكتاتلارنىڭ ئويغۇرچە ئاتالغۇسى ۋە تەبىئېتى ئاتالغۇلارنى رەتلەپ توپلاپ چىققۇچى : سەمەت راخمان 1.بەرەنكە ياڭيۇ (

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号