چارخەمەك(苦瓜)
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 98155:ئادەم ئۆگەندى

    چارخەمەك كاۋا ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئۇ ئەسلى ھىندىستاندىن تارالغان؛ چارخەمەك ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يىتىشتۈرۈلىدىغان بولۇپ، ئاساسلىقى كۆكتات ئورنىدا ئىستىمال قىلىنىدۇ.
خەنزۇچە ئاتىلىشى:   苦瓜
لاتىنچە ئاتىلىشى:  Momordica charantia
تەۋەلىكى : ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى—يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى—جۈپ پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى—بىرلەشمە بەرگىلىك گۈللۈكلەر كەنجى سىنىپى—كاۋا ئەترىتى—كاۋا ئائىلىسى—چارخەمەك ئۇرۇقدىشى
ئۇزۇقلۇق قىممىتى
    1. تىرىنى يۇمرانلاشتۇرۇپ، چىراينى گۈزەللەشتۈرىدۇ: ھەمىشە چارخەمەك يەپ بەرگەندە تىرە قەۋىتىنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى ئاشۇرىدىغان بولۇپ، تىرىنى تېخىمۇ يۇمران ھەم گۈزەل قىلىدۇ. يازدا بالىلارغا ئاسان دانىخورەك چىقىپ قالىدۇ، بۇ ۋاقىتتا چارخەمەكنى پارچە كىسىپ، ئۇنى بالىلارنىڭ بەدىنىگە سۈرتسەك، دانىخورەكنىڭ تىزرەك يوقىلىشىغا پايدىلىق بولىدۇ؛ بۇلاردىن باشقا يەنە چارخەمەكنى ئىستىمال قىلساق ياكى ئۇنى سۇدا قاينىتىپ ئىچسەك، تۇمۇزنى ھەيدەپ ئىسسىق ئۆتۈپ كىتىشتىن ساقلايدۇ.
    2. قاندىكى قەنت مىقدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ: چارخەمەك تەركىبىدە ئىنسۇلىنىغا ئوخشىشىپ كىتىدىغان ماددىلار بار بولۇپ، قاندىكى قەنت مىقدارىنى تۆۋەنلىتىشكە قارىتا كۆرۈنەرلىك رولى بار.
   3. قاننى جانلاندۇرۇپ، جىگەرنى قۇۋۋەتلەيدۇ: چارخەمەكنى تەمى ئاچچىق بولۇپ، خام ۋاقتىدا تەبىئىتى سۇغۇق، پىشقاندىن كىيىن تەبىئىتى مۆتىدىل بولىدۇ. چارخەمەكنى خام پېتى ئىستىمال قىلساق، بەدەندىكى ئىسسىقنى ھەيدەپ تۇمۇزنى قايتۇرىدۇ ھەمدە بىئاراملىقنى تۈگىتىدۇ؛ ئەگەر پىشىرۇپ يىسەك، قاننى جانلاندۇرۇپ، جىگەر ۋە بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ.

تەرخەمەك (黄瓜)

تەرخەمەكنىڭ تەركىبىدىكى تەرخەمەك كىسلاتاسى ئادەم بەدىنىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زەھەرنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلاي

پەمىدۇر(西红柿)

سۈرەت ۋە ۋىدىيولار ئۇيغۇرچە ئىسمى پەمىدۇر تارقالغان رايونلار ئەسلى ماكانى ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسى ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى ، ھازىر

قارا قېرىن قۇلاقنىڭ شىپالىق رولى

قارا مورنىڭ قانداق رولى بار؟ ھازىر باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش بىلەن تەڭ يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى بىلەن ئۆلۈپ كېتىدىغان كىشىلەر كۆپىيىپ كەت

پالەك ۋە ئۇنىڭ تەركىبى شىپالىق رولى

پالەك لويلا ئائىلىسىگە تەۋە بولغان بىر ياكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئۇنىڭ ئوق يىلتىزى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، خۇددى چاشقاننى

تۇرۇپنىڭ شىپالىق رولى

تۇرۇپ تەركىبىدە مول لىگنىن بولۇپ، مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئادەم بەدىنىدىكى چوڭ يۇتقۇچى ھۈجەيرىلىرىنى ياخشىلاپ، راك ھۈج

كوكتاتلارنىڭ ئويغۇرچە ئاتالغۇسى ۋە تەبىئېتى

كوپ ئستىمال قىلىندىغان كوكتاتلارنىڭ ئويغۇرچە ئاتالغۇسى ۋە تەبىئېتى ئاتالغۇلارنى رەتلەپ توپلاپ چىققۇچى : سەمەت راخمان 1.بەرەنكە ياڭيۇ (

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号