يازلىق بەسەي(小白菜)
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 97546:ئادەم ئۆگەندى

    يازلىق بەسەي ئەڭ دەسلەپتە دۆلىتىمىزدىن تارقالغان بىر ياكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئۇ يىسىۋىلەك ۋە كاللەك بەسەينىڭ ھەر ئىككىسى بىلەن يېقىن "تۇغقان" ھىسابلىنىدۇ. يازلىق بەسەي تۇرمۇشىمىزدا دائىم ئۇچراپ تۇرىدىغان كۆكتاتلارنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئۆلچەپ بىكىتىشكلارگە ئاساسلانغاندا، يازلىق بەسەينىڭ تەركىبىدىكى مىنرالنى ئىلمىنىتلار ۋە ۋىيتامىنلىق ماددىلار، كۆكتاتلار ئىچىدە ھەممىدىن مول ئىكەن.
خەنزۇچە ئاتىلىشى: 小白菜或不结球白菜
لاتىنچە ئاتىلىشى: Brassica rapa L.chinensis Group.
تەۋەلىكى: ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى—يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى—جۈپ پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى—كەپە ئەترىتى—كىرىست گۈللۈكلەر ئائىلىسى—بىراسسىيە ئۇرۇقدىشى
ئۇزۇقلۇق تەركىبى
    ھەر 100 گىرام يازلىق بەسەي تەركىبىدە 15 كىلوكالورىيە ئىنىرگىيە، 1.5 گىرام ئاقسىل، 0.3 گىرام ياغ، 2.7 گىرام كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، 43.6 مىكروگىرام فولىن كىسلاتا، 1.1 گىرام يىمەكلىك تالاسى، 280 مىكروگىرام ۋىيتامىن A، 1680 مىكروگىرام كاروتىن، 0.02 مىللىگىرام تىئامىن، 0.09 مىللىگىرام رىبوفلاۋىن، 0.7 مىللىگىرام نىكوتىنىك كىسلاتا، 28 مىللىگىرام ۋىيتامىن C، 0.7 مىللىگىرام ۋىيتامىن E، 90 مىللىگىرام كالتسىي، 36 مىللىگىرام فوسفور، 73.5 مىللىگىرام ناترىي، 10 مىكروگىرام يۇد، 18 مىللىگىرام ماگنىي، 1.9 مىللىگىرام تۆمۈر، 0.51 مىللىگىرام سىنىك، 1.17 مىكروگىرام سېلىن، 0.08 مىللىگىرام مىس، 0.27 مىللىگىرام مانگان بار.
ئىستىمال قىممىتى
    1. ئادەمگە ئۇزۇقلۇق تەمىنلەپ، بەدەننى كۈچلەندۈرۈپ ساغلام قىلىدۇ.
    2. يازلىق بەسەي تەركىبىدە زور مىقداردا يىرىك تالا ماددىسى بار بولۇپ، بۇ خىل ماددا ئادەم بەدىنىگە قوبۇل قىلىنغاندىن كىيىن، بەدەندىكى ياغلار بىلەن بىركىپ، قان پىلازمىسىدا خولىستىرىن شەكىللىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ؛ خولىستىرىننىڭ مىتابولىزىملىق ھاسىلاتلىرىنىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرۋىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئارتىرىيە قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ھەمدە قان تۇمۇرلارنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى ساقلايدۇ.
    3. تىرىنى يۇمرانلاشتۇرۇپ، قېرىشنى ئاستىلىتىدۇ.
    4. راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدۇ ۋە ئالدىنى ئالىدۇ.
    5. ئۈچەي يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئاشقازاننى ساغلام قىلىدۇ.

تەرخەمەك (黄瓜)

تەرخەمەكنىڭ تەركىبىدىكى تەرخەمەك كىسلاتاسى ئادەم بەدىنىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زەھەرنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلاي

پەمىدۇر(西红柿)

سۈرەت ۋە ۋىدىيولار ئۇيغۇرچە ئىسمى پەمىدۇر تارقالغان رايونلار ئەسلى ماكانى ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسى ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى ، ھازىر

قارا قېرىن قۇلاقنىڭ شىپالىق رولى

قارا مورنىڭ قانداق رولى بار؟ ھازىر باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش بىلەن تەڭ يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى بىلەن ئۆلۈپ كېتىدىغان كىشىلەر كۆپىيىپ كەت

پالەك ۋە ئۇنىڭ تەركىبى شىپالىق رولى

پالەك لويلا ئائىلىسىگە تەۋە بولغان بىر ياكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئۇنىڭ ئوق يىلتىزى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، خۇددى چاشقاننى

تۇرۇپنىڭ شىپالىق رولى

تۇرۇپ تەركىبىدە مول لىگنىن بولۇپ، مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئادەم بەدىنىدىكى چوڭ يۇتقۇچى ھۈجەيرىلىرىنى ياخشىلاپ، راك ھۈج

كوكتاتلارنىڭ ئويغۇرچە ئاتالغۇسى ۋە تەبىئېتى

كوپ ئستىمال قىلىندىغان كوكتاتلارنىڭ ئويغۇرچە ئاتالغۇسى ۋە تەبىئېتى ئاتالغۇلارنى رەتلەپ توپلاپ چىققۇچى : سەمەت راخمان 1.بەرەنكە ياڭيۇ (

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号