گۈل كەرەم(花菜)
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 33713:ئادەم ئۆگەندى

   گۈل كەرەم كىرىست گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر خىل كۆكتات بولۇپ، كاللەكبەسەينىڭ ئۆزگەرگەن بىر خىلىدۇر. گۈل كەرەم تەركىبىدە B ۋە C ئائىلىسىدىكى ۋىيتامىنلار مول بولۇپ، بۇ خىل تەركىبلەر سۇدا ئاسان ئىرىيدىغان ماددىلار بولغانلىقى ئۈچۈن، ئادەتتە گۈل كەرەمنى يۇقىرى تىمپىراتۇرىدا قورۇشقا ياكى سۇدا پىشۇرۇشقا ماس كەلمەيدۇ.
خەنزۇچە ئاتىلىشى:  花菜
لاتىنچە ئاتىلىشى:  Brassica oleracea L.var.botrytis L.
ئىنگىلىزچە ئاتىلىشى: Cauliflower
تەۋەلىكى: ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى—يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى—جۈپ پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى—دىللېنىيە دەرىخى كەنجى سىنىپى—كىرىست گۈللۈكلەر ئەترىتى—كىرىست گۈللۈكلەر ئائىلىسى—بىراسسىيە ئۇرۇقدىشى
ئۇزۇقلۇق تەركىبى
    ھەر 100 گىرام گۈل كەرەم تەركىبىدە 24 كىلوكالورىيە ئىنىرگىيە، 2.1 گىرام ئاقسىل، 0.2 گىرام ياغ، 4.6 گىرام كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، 1.2 گىرام يىمەكلىك تالاسى، 5 مىكروگىرام ۋىيتامىن A، 30 مىكروگىرام كاروتىن، 0.03 مىللىگىرام تىئامىن، 0.08 مىللىگىرام رىبوفلاۋىن، 0.06 مىللىگىرام نىكوتىنىك كىسلاتا، 61 مىللىگىرام ۋىيتامىن C، 0.43 مىللىگىرام ۋىيتامىن E، 23 مىللىگىرام كالتسىي، 47 مىللىگىرام فوسفور، 200 مىللىگىرام كالىي، 31.6 مىللىگىرام ناترىي، 18 مىللىگىرام ماگنىي، 1.1 مىللىگىرام تۆمۈر، 0.38 مىللىگىرام سىنىك، 0.73 مىكروگىرام سېلىن، 0.05 مىللىگىرام مىس، 0.17 مىللىگىرام مانگان بار.
ئىستىمال قىممىتى
    1. گۈل كەرەم ئاللىقاچان ھەر قايسى دۆلەت ئۇزۇقلۇق مۇتەخەسسىسلىرى تەرپىدىن راكقا قارشى تۇرغۇچى يىمەكلىكلەر قامۇسىغا كىرگۈزۈلۈپ بولدى. گۈل كەرەمنىڭ تەركىبىدە ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇپ راكنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان مىكرو ئىلمىنىت بار بولۇپ، گۈل كەرەمنى ئۇزۇن مەزگىل ئىستىمال قىلغاندا، سۈت بېزى راكى، تۈز ئۈچەي راكى ۋە ئاشقازان راكى قاتارلىق راك كىسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش نىسپىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ.
   2. گۈل كەرەم، تەركىبىدە فلاۋىنوئىدلار ئەڭ كۆپ بولغان يىمەكلىكلەرنىڭ بىرى بولۇپ، فلاۋىنوئىدلارنىڭ يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار بولغاندىن باشقا، ئۇلار يەنە ئەڭ ياخشى بولغان قان تۇمۇر تازىلىغۇچى بولۇپ، ئۇ خولىستىرىننىڭ ئوكسىدلىنىشىنى توسۇپ، قان پىلازمىلىرىنىڭ ئۇيۇشۇپ نۆكچە بولىۋىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك يۈرەك كىسەللىكى ۋە سەكتىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئازايتىدۇ.
   3. گۈل كەرەمنى كۆپ ئىستىمال قىلغاندا قان تۇمۇر دىۋارلىرىنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى كۈچەيتىپ، ئاسان يېرىلىپ كەتمەيدىغان قىلىدۇ؛ گۈل كەرەم يەنە جىگەرنىڭ زەھەر ياندۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، بەدەن ئورگانىزىمىنىڭ ئىممونىت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش قاتارلىق ئۈنۈمى بار بولۇپ، زۇكام ۋە قان بۇزۇلۇش كىسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
   4. گۈل كەرەم تەركىبىدىكى ۋىيتامىن C,E ، تۆمۈر قاتارلىق ئۇزۇقلۇق ماددىلار قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىتابولىزىم سۈرئىتىنى يۇقىرى كۆتىرىدۇ ھەمدە ھورمۇن ئاجرىلىپ چىقىشنى تەڭشەپ، بۇ ئارقىلىق سۇلۇق ئىششىقنى ياندۇرۇشقا پايدىلىق بولىدۇ.
   5. گۈل كەرەم تەركىبىدىكى يىمەكلىك تالا ماددىسى نىسبەتەن مول بولۇپ، بۇ ئۈچەينىڭ قىمىرلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇشقا پايدىلىق بولىدۇ.
   6. گۈل كەرەمنىڭ سۇ تەركىبى يۇقىرى، ئىنىرگيە مىقدارى بولسا ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ، ئادەمدە ناھايىتى تىزلا تۇيۇنۇش تۇيغۇسى پەيدا قىلىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك سەمىرىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

تەرخەمەك (黄瓜)

تەرخەمەكنىڭ تەركىبىدىكى تەرخەمەك كىسلاتاسى ئادەم بەدىنىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زەھەرنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلاي

پەمىدۇر(西红柿)

سۈرەت ۋە ۋىدىيولار ئۇيغۇرچە ئىسمى پەمىدۇر تارقالغان رايونلار ئەسلى ماكانى ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسى ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى ، ھازىر

قارا قېرىن قۇلاقنىڭ شىپالىق رولى

قارا مورنىڭ قانداق رولى بار؟ ھازىر باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش بىلەن تەڭ يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى بىلەن ئۆلۈپ كېتىدىغان كىشىلەر كۆپىيىپ كەت

پالەك ۋە ئۇنىڭ تەركىبى شىپالىق رولى

پالەك لويلا ئائىلىسىگە تەۋە بولغان بىر ياكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئۇنىڭ ئوق يىلتىزى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، خۇددى چاشقاننى

تۇرۇپنىڭ شىپالىق رولى

تۇرۇپ تەركىبىدە مول لىگنىن بولۇپ، مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئادەم بەدىنىدىكى چوڭ يۇتقۇچى ھۈجەيرىلىرىنى ياخشىلاپ، راك ھۈج

كوكتاتلارنىڭ ئويغۇرچە ئاتالغۇسى ۋە تەبىئېتى

كوپ ئستىمال قىلىندىغان كوكتاتلارنىڭ ئويغۇرچە ئاتالغۇسى ۋە تەبىئېتى ئاتالغۇلارنى رەتلەپ توپلاپ چىققۇچى : سەمەت راخمان 1.بەرەنكە ياڭيۇ (

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号