كۆك كاۋا(冬瓜)
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 33506:ئادەم ئۆگەندى

   كۆك كاۋا، كاۋا ئائىلىسى كۆك كاۋا ئۇرۇقدىشىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك، مىۋىسى ئۇزۇن سىلىندىر شەكىللىك ياكى چەمبەرگە يېقىنلاپ قالىدىغان يۇمىلاق شەكىللىك كىلىدۇ.
   كۆك كاۋىنى كۆكتات ئورنىدا ئسىتىمال قىلغاندىن سىرت، ئۇنىڭ مىۋە پوستى ۋە ئۇرۇقىنى دورىلارغا قوشۇپ ئىشلەتسەك، ياللۇغ قايتۇرۇش، سۈيدۈك ھەيدەش، ئىششىقنى ياندۇرۇش قاتارلىق ئۈنۈملەرنى كۆرسىتىدۇ.
خەنزۇچە ئاتىلىشى:  冬瓜
لاتىنچە ئاتىلىشى:  Benincasa hispida (Thunb.)
تەۋەلىكى:  ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى—يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى—جۈپ پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى—گۈلنەپشە ئەترىتى—كاۋا ئائىلىسى—كۆك كاۋا ئۇرۇقدىشى
ئۇزۇقلۇق تەركىبى
   كۆك كاۋىنىڭ تەركىبىدە ئاقسىل، كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، ۋىيتامىن ۋە مىنرالنى ئىلمىنىت قاتارلىق ئۇزۇقلۇق ماددىلار مول بولۇپ، ئادەتتە ئوخشىمىغان جايدا يىتىشتۈرۈلگەن كۆك كاۋىنىڭ ئۇزۇقلۇق تەركىبىدە بەلگىلىك پەرق بولىدۇ. دۆلىتىمىز گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە يىتىشتۈرۈلگەن كۆك كاۋىنى مىسالغا ئالساق، ھەر 100 گىرام يىڭى كۆك كاۋىنىڭ تەركىبىدە 0.3 گىرام ئاقسىل، 1.8 گىرام كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، 0.9 گىرام يىمەكلىك تالاسى، 65 مىللىگىرام كالىي، 0.2 مىللىگرام ناترىي، 14 مىللىگىرام فوسفور، 5 مىللىگىرام ماگنىي، 0.1 مىللىگىرام تۆمۈر، 27 مىللىگىرام ۋىيتامىن C، 0.02 مىللىگىرام ۋىيتامىن E، 0.01 مىللىگىرام رىبوفلاۋىن، 0.01 مىللىگىرام تىئامىن، 0.2 مىللىگىرام نىكوتىنىك كىسلاتا قاتارلىقلار بار.
ئىستىمال قىممىتى
   تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، كۆك كاۋا تەركىبىدىكى ئاسكوربىك كىسلاتا، تىئامىن، رىبوفلاۋىن ۋە نىكوتىنىك كىسلاتا قاتارلىق ۋىيتامىنلارنىڭ مىقدارى نىسبەتەن يۇقىرى بولۇپ، راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىغا ئىگە ۋىيتامىن B1 بولسا، كۆك كاۋا ئۇرۇغىنىڭ تەركىبىدە ناھايىتى مول؛ مىنرالنى ئىلمىنىتلاردىن كالىي، ناترىي، كالتسىي، تۆمۈر، سىنىك، مىس، فوسفور، سېلىن قاتارلىقلار بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى كالىينىڭ مىقدارى ناترىينىڭ مىقدارىغا قارىغاندا كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە يۇقىرى، شۇڭا كۆك كاۋا تىپىك كەلگەن يۇقىرى كالىي تۆۋەن ناترىيلىق كۆكتات بولۇپ ھىسابلىنىدۇ ھەمدە تۆۋەن ناترىيلىق تۇز تەركىبلىك يىمەكلىكلەرنى يىيىش لازىم بولغان بۆرەك كىسىلى، يۇقىرى قان بېسىم، ئىششىق قاتارلىق كىسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان بىمارلارغا پايدىلىق كىلىدۇ؛ كۆك كاۋا تەركىبىدىكى سېلىن ماددىسىنىڭ راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك ئۈنىمى بار؛ كۆك كاۋا تەركىبىدىكى ئادەم بەدىنىگە زۈرۈر بولغان ئامىنو كىسلاتالاردىن، تىرىپتوفاندىن باشقىلىرىنىڭ مىقدارى نىسبەتەن يۇقىرى.
    بۇلاردىن باشقا، كۆك كاۋىنىڭ تەبىئىتى سۇغۇق بولۇپ، ياللۇغ قايتۇرۇش، سۈيدۈك ھەيدەش، ئىششىق ياندۇرۇش قاتارلىق ئۈنۈملىرى بار. كۆك كاۋىنىڭ ناترىي تەركىبى نىسبەتەن تۆۋەن بولۇپ، ئارتىرىيە قېتىشىش كىسەللىكى، تاجىسىمان يۈرەك كىسەللىكى، يۇقىرى قان بېسىم، بۆرەك ياللۇغى، سۇلۇق ئششىق قاتارلىق كىسەللىكلەرگە قارىتا بىر قەدەر ياخشى بولغان قوشۇمچە داۋالاش رولى بار.

تەرخەمەك (黄瓜)

تەرخەمەكنىڭ تەركىبىدىكى تەرخەمەك كىسلاتاسى ئادەم بەدىنىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زەھەرنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلاي

پەمىدۇر(西红柿)

سۈرەت ۋە ۋىدىيولار ئۇيغۇرچە ئىسمى پەمىدۇر تارقالغان رايونلار ئەسلى ماكانى ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسى ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى ، ھازىر

قارا قېرىن قۇلاقنىڭ شىپالىق رولى

قارا مورنىڭ قانداق رولى بار؟ ھازىر باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش بىلەن تەڭ يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى بىلەن ئۆلۈپ كېتىدىغان كىشىلەر كۆپىيىپ كەت

پالەك ۋە ئۇنىڭ تەركىبى شىپالىق رولى

پالەك لويلا ئائىلىسىگە تەۋە بولغان بىر ياكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئۇنىڭ ئوق يىلتىزى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، خۇددى چاشقاننى

تۇرۇپنىڭ شىپالىق رولى

تۇرۇپ تەركىبىدە مول لىگنىن بولۇپ، مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئادەم بەدىنىدىكى چوڭ يۇتقۇچى ھۈجەيرىلىرىنى ياخشىلاپ، راك ھۈج

كوكتاتلارنىڭ ئويغۇرچە ئاتالغۇسى ۋە تەبىئېتى

كوپ ئستىمال قىلىندىغان كوكتاتلارنىڭ ئويغۇرچە ئاتالغۇسى ۋە تەبىئېتى ئاتالغۇلارنى رەتلەپ توپلاپ چىققۇچى : سەمەت راخمان 1.بەرەنكە ياڭيۇ (

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号