يالىڭاچ سۇلۇ(油麦菜)
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 35558:ئادەم ئۆگەندى

    يالىڭاچ سۇلۇ ئادەتتە بوز تىكەن، ئاچچىق سەي دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، جۇخار گۈلى ئائىلىسگە تەۋە ئۆسۈملۈكتۇر. يالىڭاچ سۇلۇنى ئادەتتە قورۇما قورۇپ يىيىشكە ۋە خام يىيىشكىمۇ بولىدۇ؛ يالىڭاچ سۇلۇنىڭ ئۇزۇقلۇق تەركىبى مول، خام يەيدىغان كۆكتاتلار ئىچىدىكى ئالدىنىقى قاتاردا تۇرىدىغان كۆكتات بولۇپ، "سۇمرۇغ قۇيرىقى" دەپ نام ئالغان.
خەنزۇچە ئاتىلىشى:  油麦菜
چەتئەلچە ئاتىلىشى:  Lactuca sativa L.
تەۋەلىكى: ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى—يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى—جۈپ پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى—جۇخار گۈل ئەترىتى—جۇخار گۈل ئائىلىسى—خەس ئۇرۇقدىشى—يالىڭاچ سۇلۇ
ئۇزۇقلۇق تەركىبى
    ھەر 100 گىرام يالىڭاچ سۇلۇ تەركىبىدە 15 كىلوكالورىيە ئىنىرگىيە، 1.4 گىرام ئاقسىل، 1.5 گىرام كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، 0.4 گىرام ياغ، 95.7 گىرام سۇ، 0.6 گىرام يىمەكلىك تالا ماددىسى، 0.4 گىرام كۈل ماددىسى، 360 مىكروگىرام كاروتىن، 60 مىكروگىرام رىننول ئېكۋىۋالىنىتى، 0.1 مىللىگىرام ۋىيتامىن B2، 0.2 مىللىگىرام نىكوتىنىك كىسلاتا، 20 مىللىگىرام ۋىيتامىن C، 100 مىللىگىرام كالىي، 80 مىللىگىرام ناترىي، 70 مىللىگىرام كالتسىي، 29 مىللىگىرام ماگنىي، 1.2 مىللىگىرام تۆمۈر، 0.79 مىللىگىرام مانگان، 0.43 مىللىگىرام سىنىك، 0.08 مىكروگىرام مىس، 31 مىللىگىرام فوسفور، 1.55 مىكروگىرام سېلىن قاتارلىقلار بار.
ئىستىمال قىممىتى
    يالىڭاچ سۇلۇنىڭ ئىنىرگىيە تەركىبى تۆۋەن، ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولۇپ، خولسىتىرىننى تۆۋەنلىتىش، ئۆپكىگە ھۆللۈك يەتكۈزۈش قاتارلىق ئۈنۈملىرى بار.

تەرخەمەك (黄瓜)

تەرخەمەكنىڭ تەركىبىدىكى تەرخەمەك كىسلاتاسى ئادەم بەدىنىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زەھەرنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلاي

پەمىدۇر(西红柿)

سۈرەت ۋە ۋىدىيولار ئۇيغۇرچە ئىسمى پەمىدۇر تارقالغان رايونلار ئەسلى ماكانى ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسى ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى ، ھازىر

قارا قېرىن قۇلاقنىڭ شىپالىق رولى

قارا مورنىڭ قانداق رولى بار؟ ھازىر باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش بىلەن تەڭ يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى بىلەن ئۆلۈپ كېتىدىغان كىشىلەر كۆپىيىپ كەت

پالەك ۋە ئۇنىڭ تەركىبى شىپالىق رولى

پالەك لويلا ئائىلىسىگە تەۋە بولغان بىر ياكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئۇنىڭ ئوق يىلتىزى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، خۇددى چاشقاننى

تۇرۇپنىڭ شىپالىق رولى

تۇرۇپ تەركىبىدە مول لىگنىن بولۇپ، مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئادەم بەدىنىدىكى چوڭ يۇتقۇچى ھۈجەيرىلىرىنى ياخشىلاپ، راك ھۈج

كوكتاتلارنىڭ ئويغۇرچە ئاتالغۇسى ۋە تەبىئېتى

كوپ ئستىمال قىلىندىغان كوكتاتلارنىڭ ئويغۇرچە ئاتالغۇسى ۋە تەبىئېتى ئاتالغۇلارنى رەتلەپ توپلاپ چىققۇچى : سەمەت راخمان 1.بەرەنكە ياڭيۇ (

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号