يىڭنىسىمان گۈمبەمەدەك(金针菇)
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 35030:ئادەم ئۆگەندى

   يىڭنىسىمان گۈمبەمەدەكنىڭ ئىلمى ئاتىلىشى تۈكلۈك ساپاقلىق كوللىبىيە زەمبۇرۇغى بولۇپ، ئۇنىڭ زەمبۇرۇغ ساپىقى ئىنچىكە ئۇزۇن كىلىدۇ ھەمدە ئالتۇن يىڭنىگە ئوخشىشىپ قالىدۇ، بۇ سەۋەپلىك يىڭنىسىمان گۈمبەمەدەك دەپ ئاتالغان.
خەنزۇچە ئاتىلىشى:  金针菇
ئىلمى ئاتىلىشى:  تۈكلۈك ساپاقلىق كوللىبىيە زەمبۇرۇغى(毛柄金钱菇)
لاتىنچە ئاتىلىشى: Flammulina velutiper
تەۋەلىكى:  زەمبۇرۇغلار دۇنياسى—قالپاقلىق زەمبۇرۇغ ئەترىتى—ئاق موگو ئائىلىسى—نۆكچە موگو ئۇرۇقدىشى
ئۇزۇقلۇق تەركىبى
   ھەر 100گىرام يىڭنىسىمان گۈمبەمەدەك تەركىبىدە 26 كىلوكالورىيە ئىنىرگىيە، 2.4 گىرام ئاقسىل، 0.4 گىرام ياغ، 6 گىرام كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، 2.7 گىرام تالا ماددىسى، 5 مىكروگىرام ۋىيتامىن A، 30 مىكروگىرام كاروتىن، 0.15 مىللىگرام تىئامىن، 0.19 مىللىگىرام رىبوفلاۋىن، 4.1 گىرام نىكوتىنىك كىسلاتا، 2 مىللىگىرام ۋىيتامىن C، 1.14 مىللىگرام ۋىيتامىن E ، 97 مىللىگىرام فوسفور، 4.3 مىللىگىرام ناترىي، 17 مىللىگىرام ماگنىي، 1.4 مىللىگىرام تۆمۈر، 0.39 مىللىگىرام سىنىك، 0.28 مىكروگىرام سېلىن، 0.14 مىللىگرام مىس، 0.1 مىللىگىرام مانگان، 195 مىللىگرام كالىي، 1 مىكروگىرام ۋىيتامىن D بار.
ئىستىمال قىممىتى
   1. يىڭنىسىمان گۈمبەمەدەكنىڭ ئامىنو كىسلاتا تەركىبى مول بولۇپ، ئادەتتىكى گۈمبەمەدەك تۈرىدىن يۇقىرى كىلىدۇ، بولۇپمۇ لىسىن كىسلاتاسىنىڭ تەركىبى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، لىسىن كىسلاتاسىنىڭ بالىلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىنىڭ يىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىقتىدارى بار.
   2. يىڭنىسىمان گۈمبەمەدەك جىگەر كىسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە داۋالاپلا قالماي، ئۇ يەنە يۇقىرى قان بېسىمى بىمارلىرى، سېمىز ئادەملەر ۋە ئوتتۇرا ياش ياشانغانلارنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا ماس كىلىدۇ؛ چۈنكى كۈنلۈكسىمان گۈمبەمەدەك يۇقىرى كالىيلىق ۋە تۆۋەن ناترىيلىق يىمەكلىكتۇر.
   3. يىڭنىسىمان گۈمبەمەدەك قاننىڭ ماي تەركىبى ئۆرلەپ كىتىشنى توسۇپ، خولىستىرىننىڭ مىقدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ ۋە يۈرەك قان-تۇمۇر كىسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. بۇلاردىن باشقا يىڭنىسىمان گۈمبەمەدەكنىڭ چارچاشقا قارشى تۇرۇش، باكتىرىيىگە قارشى تۇرۇپ ياللۇغ قايتۇرۇش، ئېغىر مىتاللىق تۇز تۈرىدىكى ماددىلارنى يوقىتىش، ئۆسمىگە قارشى تۇرۇش قاتارلىق روللىرى بار.
   4. يىڭنىسىمان گۈمبەمەدەكنىڭ تەركىبىدىكى ئاقسىل، ۋىيتامىن B1 ۋە ۋىيتامىن B2 قاتارلىقلارنىڭ، ھۆل ئسىسىقنى ھەيدەش، كۆكسىنى بوشىتىش، سۈيدۈك ھەيدەش، قان توختىتىش قاتارلىق ئۈنۈمى بار.

تەرخەمەك (黄瓜)

تەرخەمەكنىڭ تەركىبىدىكى تەرخەمەك كىسلاتاسى ئادەم بەدىنىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زەھەرنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلاي

پەمىدۇر(西红柿)

سۈرەت ۋە ۋىدىيولار ئۇيغۇرچە ئىسمى پەمىدۇر تارقالغان رايونلار ئەسلى ماكانى ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسى ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى ، ھازىر

قارا قېرىن قۇلاقنىڭ شىپالىق رولى

قارا مورنىڭ قانداق رولى بار؟ ھازىر باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش بىلەن تەڭ يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى بىلەن ئۆلۈپ كېتىدىغان كىشىلەر كۆپىيىپ كەت

پالەك ۋە ئۇنىڭ تەركىبى شىپالىق رولى

پالەك لويلا ئائىلىسىگە تەۋە بولغان بىر ياكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئۇنىڭ ئوق يىلتىزى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، خۇددى چاشقاننى

تۇرۇپنىڭ شىپالىق رولى

تۇرۇپ تەركىبىدە مول لىگنىن بولۇپ، مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئادەم بەدىنىدىكى چوڭ يۇتقۇچى ھۈجەيرىلىرىنى ياخشىلاپ، راك ھۈج

كوكتاتلارنىڭ ئويغۇرچە ئاتالغۇسى ۋە تەبىئېتى

كوپ ئستىمال قىلىندىغان كوكتاتلارنىڭ ئويغۇرچە ئاتالغۇسى ۋە تەبىئېتى ئاتالغۇلارنى رەتلەپ توپلاپ چىققۇچى : سەمەت راخمان 1.بەرەنكە ياڭيۇ (

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号