قىزىلمۇچ بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، غولى تۈز، شاخچىلىرى كۆپ كىلىدۇ. قىزىلمۇچ ئادەتتە كۇنۇسسىمان شەكىلدە ياكى ئۇزۇن يۇمىلاق شەكىلدە كىلىدىغان بولۇپ، تۇلۇق پىشمىغان ۋاقتىدا يىشىل بولۇپ، پىشقاندىن كىيىن ئۇچۇق قىزىل رەڭگە ياكى سېرىق، بىنەپشە رەڭلەرگە كىرىدۇ.
قىزىلمۇچ ئادەتتە تۇرمۇشىمىزدا تائاملارغا ئاچچىق تەم كىرگۈزۈش ئۈچۈن كۆپ ئىشلىتىلىدۇ.
خەنزۇچە ئاتىلىشى: 红辣椒
ئەسلى تارقالغان جايى: ئوتتۇرا-جەنۇبى ئامرىكا قىتئەسى ئىسسق بەلباغ رايونلىرى
ئاساسلىق تەركىبى: ۋىيتامىن C ۋە كاروتىن

ئۇزۇقلۇق تەركىبى
قىزىلمۇچنىڭ ۋىيتامىن C ۋە كاروتىن تەركىبى ھەممىدىن يۇقىرى؛ بۇندىن باشقا يەنە، قىزىلمۇچ تەركىبىدە كۆپ خىل ۋىيتامىن B (بۇنىڭ ئىچىدە ۋىيتامىن B6 نىڭ مىقدارى ئەڭ يۇقىرى) ۋە كالىي، ماگنىي، تۆمۈر قاتارلىق ئادەم بەدىنىگە زۈرۈر بولغان مىكرو ئىلمىنىتلار بار. قىزىلمۇچ تەركىبىدىكى ۋىيتامىن C نىڭ باشقا يىمەكلىكلەر تەركىبىدىكى قان قىزىلى ماددىسى مەنبەسىدىن بولمىغان تۆمۈر ماددىسىنىڭ سۈمۈرلۈشىگە پايدىسى بار.
ئىستىمال قىممىتى
قىزىلمۇچ تەركىبىدە ۋىيتامىن قاتارلىق ماددىلارنىڭ تەركىبى مول بولۇپ، ئۇنى ئىستىمال قىلغاندا تاماق ئىستىمال مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، بەدەننى كۈچلەندۈرىدۇ ھەمدە سۇغۇقتىن قورقۇش، مۇزلاش، قان تۇمۇر خارەكتىرىدىكى باش ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى ياخشىلايدۇ. يۇقىرقىلاردىن باشقا قىزىلمۇچ ئىستىمال قىلغاندا، بەلگىلىك دەرىجىدە تۆۋەندىكىدەك ئۈنۈملەرگە ئىرىشكىلى بولىدۇ:
1. ئىسسىقنى ياندۇرۇش، ئاغرىق توختىتىش ئۈنۈمى بار. قىزىلمۇچ تەمى ئاچچىق بولۇپ، ئادەمنى تەرلىتىش ئارقىلىق، ئادەم بەدىنىنىڭ تىمپىراتورسىنى تۆۋەنلىتەلەيدۇ ھەمدە مۇسكۇللاردىكى ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ.
2. راك كىسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. قىزىلمۇچنىڭ ئاساسلىق تەركىبى قىسمى كاپزائىتسىن بولۇپ، بۇ بىر خىل ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرىدىغان ماددىدۇر؛ بۇ خىل ماددا ئالاقىدار ھۈجەيرىلەرنىڭ مىتابولىزىمىنى توسۇپ، بۇ ئارقىلىق ھۈجەيرە ئورگانىزىمىنىڭ راكقا ئۆزگىرىش جەريانىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتەلەيدۇ.
3. ئىشتىھانى ئېچىپ، ھەزىم قىلىشقا پايدىلىق. قىزىلمۇچنىڭ كۈچلۈك ئاچچىق تەمى شۆلگەينىڭ غىدىقلىنىشقا ئۇچراپ ئاجرىلىپ چىقىشنى ۋە ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ غىدىقلىنىشقا ئۇچراپ ئاجرىلىپ چىقىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بولۇپ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ ھەمدە ئۈچەينىڭ قىمىرلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ھەزىم قىلىشقا پايدىلىق بولىدۇ.
4. ياغ مىقدارىنى تۆۋەنلىتىپ ئۇرۇقلىتىدۇ. مۇچ تەركىبىدىكى كاپزائىتسىن ماددىسى بەدەننڭ ياغ تەركىبىنىڭ مىتابولىزىمىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بولۇپ، ماي تەركىبلىرىنىڭ بەدەندە يېغىلىپ ساقلىنىپ قېلىشىدىن ساقلايدۇ.
5. بۆرەكنى قوغدايدۇ. قىزىلمۇچ تەركىبىدىكى كاپزائىتسىن ماددىسىنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى ئەخلەتلەرنى پارچىلاش رولى بار بولۇپ، بۇ ئارقىلىق بۆرەكنى قوغدايدۇ.
دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار
قىزىلمۇچ تالقىنى تەركىبىدىكى كاپزائىتسىن ماددىسى ئاشقازان-ئۈچەي شىللىق پەردىلىرىنى قاتتىق غىدىقلاشقا ئۇچرىتىدىغان بولغاچقا، ئەگەر قىزىلمۇچ تالقىنىنى زىيادە كۆپ ئىستىمال قىلىۋەتسەك، ئاشقازان ئاغرىش، ئىچى سۈرۈش، مەقئەت قىزىرىپ ئاغرىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى پەيدا قىلىپ، ئاشقازان-ئۈچەي كىسەللىكلىرى ۋە بۇۋاسىرنىڭ قاناپ كىتىشى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
