كاللەكبەسەي ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئۇ يەنە كاپوستا، ئەجنەبىيلەر بەسىيى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كاللەكبەسەي قاتمۇ-قات كەلگەن يۇمىلاق شار شەكلىدە بولۇپ، ئوتتۇرا دېڭىز بويلىرىدا تارىلىپ، 16-ئەسىردىن باشلاپ دۆلىتىمىزگە كىرىشكە باشلىغان.
خەنزۇچە ئاتىلىشى: 卷心菜
خەنزۇچە باشقىچە ئاتىلىشى: 结球甘蓝
تەۋەلىكى: ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى—يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى—جۈپ پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى—كىرىست گۈللۈكلەر ئەترىتى—كىرىست گۈللۈكلەر ئائىلىسى—بىراسسىيە ئۇرۇقدىشى—گەنلەن

ئۇزۇقلۇق تەركىبى
ھەر 100گىرام كاللەكبەسەي تەركىبىدىكى ئۇزۇقلۇق تەركىبى تۆۋەندىكىچە: ئىنىرگىيە 17 كىلوكالورىيە، ئاقسىل 1.5 گىرام، ياغ 0.1 گىرام، كاربون سۇ بىرىكمىلىرى 3.20 گىرام، يىمەكلىك تالاسى 0.8 گىرام، ۋىيتامىن A 20 مىكروگىرام، كاروتىن 120 مىكروگىرام، تىئامىن 0.04 مىللىگىرام، رىبوفلاۋىن 0.05 مىللىگىرام، نىكوتىنىك كىسلاتا 0.6 مىللىگىرام، ۋىيتامىن C 31 مىللىگىرام، ۋىيتامىن E 0.76 مىللىگىرام، كالتسىي 50 مىللىگىرام، فوسفور31 مىللىگىرام، ناترىي 57.5 مىللىگىرام، ماگنىي 11 مىللىگىرام، تۆمۈر 0.7 مىللىگىرام، سىنىك 0.38 مىللىگىرام، سېلىن 0.49 مىكروگىرام، مىس 0.05 مىللىگىرام، مانگان 0.15 مىللىگىرام، كالىي 124 مىللىگىرام. بۇلاردىن باشقا كاللەكبەسەينىڭ سۇ تەركىبى يۇقىرى بولۇپ، تەخمىنەن %90كە يىتىدۇ.

دورىلىق قىممىتى
1. ياپونيىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىچە، كاللەكبەسەينىڭ قېرىشقا قارشى تۇرۇش ۋە ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمى بىرقەدەر يۇقىرى ئىكەن.
2. كاللەكبەسەينىڭ فولىن كىسلاتا تەركىبى ئىنتايىن مول بولۇپ، ھامىلدار ئاياللار ۋە قان ئازلىق كىسىلى بارلار كۆپرەك يەپ بەرسە پايدىلىق؛ ئۇندىن باشقا ئۇ ئاياللاغا نىسبەتەن مۇھىم بولغان ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش يىمەكلىكى ھىسابلىنىدۇ.
3. كاللەكبەسەي ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممونىت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، زوكامنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە راك كىسىلى بىمارلىرىنىڭ تۇرمۇش كۆرسەتكۈچىنى ساقلايدۇ؛ كاللەكبەسەي راكقا قارشى تۇرىدىغان كۆكتاتلار ئىچىدە، كاللەكبەسەي بەشىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.
4. يىڭى كاللەكبەسەينىڭ باكتىرىيە ئۆلتۈرۈپ ياللۇغ قايتۇرۇش ئۈنۈمى بار بولۇپ، گال ئاغرىش، سىرتقى جاراھەت ئىششىپ ئاغرىش، ئاشقازان ئاغرىش ۋە چىش ئاغرىش قاتارلىقلارغا بەلگىلىك دەرىجىدە ئۈنۈم كۆرسىتىدۇ.
5. كاللەكبەسەي تەركىبىدە مەلۇم بىر خىل "يارا ئېغىزلاندۇرۇش فاكتورى بار بولۇپ، ھەر خىل تىپتىكى يارا كىسەللىكلىرىگە قارىتا ئۈنۈملۈك داۋالاش رولى بار.
6. كاللەكبەسەينى كۆپ يەپ بەرگەندە، ئىشتىھانى ئېچىپ، ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ۋە قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
