غولپىياز پىيازنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئۇ تەمى ئاچچىق، تەبىئىتى مۆتىدىلگە مايىل كەلگەن كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكتۇر. غولپىياز دۆلىتىمىزدە ۋە باشقا جايلاردىكى جۇڭگۇلۇقلار ئارىسىدا ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدىغان بولۇپ، ئادەتتە پۇراقلىق تەم-خۇرۇچى ياكى كۆكتات قاتارىدا ئىستىمال قىلىنىدۇ.
خەنزۇچە ئاتىلىشى: 大葱
لاتىنچە ئاتىلىشى: Allium fistulosum L.
تەۋەلىكى : ئۆسۈملۈك دۇنياسى—يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى—تاق پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى—گۈلسامساق ئەترىتى—گۈلسامساق كەنجى ئەترىتى—گۈلسامساق ئائىلىسى—پىياز ئۇرۇقدىشى
تارقالغان رايونلار: دۆلىتىمىزنىڭ ئىچىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كەڭ تۈردە ئۆستۈرىلىدۇ؛ دۆلەت سىرتىدا قىسمەن رايونلاردا تېرىپ ئۆستۈرىلىدۇ.

ئۇزۇقلۇق قىممىتى
ھەر 100 گىرام غولپىياز تەركىبىدە 23 كىلوكالورىيە ئىنىرگىيە، 11.5 مىكروگىرام فولىن كىسلاتا، 0.03 مىللىگىرام رىبوفلاۋىن، 3 مىللىگىرام ۋىيتامىن C، 0.3 گىرام ياغ، 0.16 مىللىگىرام ۋىيتامىن B6، 2.4 گىرام يىمەكلىك تالاسى، 0.5 مىللىگىرام نىكوتىنىك كىسلاتا، 1.6 گىرام ئاقسىل، 11 مىكروگىرام ۋىيتامىن A، 64 مىكروگىرام كاروتىن، 5.8 گىرام كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، 0.06 مىللىگىرام تىئامىن، 110 مىللىگىرام كالىي، 0.21 مىكروگىرام سېلىن، 8.9 مىللىگىرام ناترىي، 0.03 مىللىگىرام مىس، 16 مىللىگىرام ماگنىي، 0.34 مىللىگىرام مانگان، 63 مىللىگىرام كالتسىي، 0.6 مىللىگرام تۆمۈر، 25 مىللىگىرام فوسفور، 0.29 مىللىگىرام سىنىك بار.

دورىلىق قىممىتى
1. غولپىياز تەركىبىدىكى ھەرخىل ۋىيتامىنلىق ئىلمىنىتلار ئادەم بەدىنىدىكى ھورمۇنلارنىڭ نورمال ئاجرىتىپ چىقىرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ ھەمدە جىنسىي ھەۋەسنى ئۈنۈملۈك تۈردە غىدىقلاپ، باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ.
2. غولپىيازنىڭ زەھەر قايتۇرۇپ تەم تەڭشەش رولى بار بولۇپ، ئۇنىڭ سۇغۇقتىن بولغان زۇكام ۋە قىزىش، سۇغۇقتىن بولغان قورساق ئاغرىش، باش ئاغرىپ بۇرۇن پۈتۈش، قەۋزىيەت قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ياخشىلاشقا بەلگىلىك پايدىسى بار.
3. غولپىياز بەدەندىكى تەر بەزلىرىنى غىدىقلاش ئۈنۈمىگە ئىگە بولۇپ، تەر چىقىرىپ ئىسسىقلىقنى تارقىتىش رولىنى ئوينايدۇ؛ غولپىياز تەركىبىدىكى سامساق ماددىسىنىڭ بولسا، باكتىرىيىلەرنى توسۇشتا كۈرنەرلىك رولى بار.
4. غولپىياز تەركىبىدىكى پىكتىن، بوغما ئۈچەي راكىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتىنى كۆرنەرلىك تۈردە تۆۋەنلىتىدىغان بولۇپ، راكقا قارشى تۇرۇش رولىنى ئۆتەيدۇ.
5. غولپىيازنىڭ تەركىبىدە پىيازغا ئوخشاش ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى غىدىقلايدىغان ماددىلار بار بولۇپ، ئىشتىھانىڭ ئېچىلىشىغا پايدىسى بار بولىدۇ.
6. غولپىيازنىڭ تەركىبىدىكى ۋىيتامىنCنىڭ مىقدارى نىسبەتەن مول بولۇپ، كىچىك قان تومۇرلارنى كېڭەيتىپ قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئۆتەيدۇ؛ ئۇ يەنە قان بېسىم يۇقىرىلاپ كىتىشتىن كىلىپ چىققان باش قېيىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، چوڭ مىڭىنىڭ ھەرىكەتچانلىقىنى ساقلايدۇ ھەم ياشانغانلار گالۋاڭلىق كىسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
7. غولپىيازنىڭ ناچار خولىستىرىننىڭ يېغىلىپ قېلىشىنى تۆۋەنلىتىش ئۈنۈمى بار.
