پىدىگەن (茄子)
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 19810:ئادەم ئۆگەندى
    پىدىگەن سامان غوللۇق ياكى پاكار چاتقال ئۆسۈملۈكى بولۇپ، ئۇنىڭ يەنە پاكار كاۋا، ئاسما سەيزىگە، كۆك پېدىگەن قاتارلىق باشقىچە ئاتىلىشلىرىمۇ بار؛ پىدىگەننىڭ ئۆسۈملۈك ئىگىزلىكى ئادەتتە 1 مىتر ئەتراپىدا بولۇپ، گۈلى كۆپ ئەمما يەككە ئېچىلىدۇ، ئومۇمى گۈل رېتى شالاڭ، مىۋىسىنىڭ (بىز ئادەتتە كۆزدە تۇتىدىغان پېدىگەن) شەكلى ۋە چوڭ-كىچىكلىكىدە پەرق بىرقەدەر چوڭ بولىدۇ.
   پىدىگەننىڭ مىۋىسىنى كۆكتات قاتارىدا ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ؛ يىلتىزى، غولى، يۇپۇرماقلىرىنى بولسا دورىغا قوشۇشقا بولىدىغان بولۇپ، سۈيدۈك ھەيدەش ئۈنۈمى بار؛ بۇندىن باشقا يۇپۇرمىقىنى ناركوز قىلىش دورىسى ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. پىدىگەننىڭ ئۇرۇقىنىڭ ئىششىق ياندۇرۇش رولى بار بولۇپ، ئەمما ئۇنىڭ ئاشقازاننى ئاجىزلاشتۇرۇش ۋە قەۋزىيەت پەيدا قىلىش ئەكىس تەسىرىمۇ بار. پىدىگەننىڭ مىۋىسىنى خام يىگەندە يىمەكلىكتىن زەھەرلىنىشنى قايتۇرۇشقا بولىدۇ.
خەنزۇچە ئاتىلىشى:  茄子
لاتىنچە ئىلمى ئاتىلىشى:  solanum melongena
ئىنگىلىزچە ئاتىلىشى:  eggplant
تەبىئىتى:  سۇغۇق تەبىئەتلىك
تەۋەلىكى:  ئۆسۈملۈك دۇنياسى—يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى—جۈپ پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى—پىدىگەن ئەترىتى—پېدىگەن ئائىلىسى—پىدىگەن ئۇرۇقدىشى—پىدىگەن كەنجى ئۇرۇقدىشى—پىدىگەن ئۇرۇغى

ئۇزۇقلۇق قىممىتى
   پېدىگەن تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچرايدىغان كۆكتاتلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىستىمال قىلىشقا بولىدىغان قىسمى %93 كە يىتىدۇ. ھەر 100گىرام پىدىگەننىڭ تەركىبىدە 88 Kj ئىنىرگىيە، 93.4 گىرام سۇ، 1.1 گىرام ئاقسىل، 0.2 گىرام ياغ، 1.3 گىرام يىمەكلىك تالاسى، 3.6 مىللىگىرام كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، 50 مىكروگىرام كاروتىن، 8 مىكروگىرام رىننول(视黄醇)، 0.02 مىللىگىرام تىئامىن ماددىسى(硫胺素)، 0.04 مىللىگىرام رىبوفلاۋىن (核黄素)، 0.6 مىللىگىرام نىكوتىنىك كىسلاتاسى(尼克酸)، 5 مىللىگىرام ۋىيتامىن C، 1.13 مىللىگىرام ۋىيتامىن E، 142 مىللىگىرام كالىي، 24 مىللىگىرام كالتسىي، 13 مىللىگىرام ماگنىي، 0.5 مىللىگىرام تۆمۈر، 0.13 مىللىگىرام مانگان، 0.23 مىللىگرام سىنىك، 0.1 مىللىگىرام مىس، 2 مىللىگىرام فوسفور، 0.485 گىرام سېلىن بار.
دورىلىق ئۈنۈمى
   پىدىگەننىڭ تەركىبىدە ئىتئۈزۈمى ئىشقارى قاتارلىق دورىلىق تەركىبلەر بار بولۇپ، ئۇنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئۈنۈملىرى بار:
     ئىسسىقنى ھەيدەپ قان توختىتىش، ئىششقنى ياندۇرۇپ ئاغرىقنى پەسەيتىش.
     قاندىكى ماي تەركىبىنى ئازايتىش، قان بېسىمىنى چۈشۈرۈش.
     بۇزۇق قان كىسلاتاسىغا قارشى تۇرۇپ، يۈرەك قان تۇمۇرلىرىنى قوغداش.
     پىدىگەن تەركىبىدىكى ئىتئۈزۈمى ئىشقارىنىڭ ھەزىم قىلىش سېستىمىسىدا ئۆسمە پەيدا بولۇشنى ئۈنۈملۈك توسۇش رولى بار.
     قېرىشقا قارشى تۇرۇش.

تەرخەمەك (黄瓜)

تەرخەمەكنىڭ تەركىبىدىكى تەرخەمەك كىسلاتاسى ئادەم بەدىنىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زەھەرنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلاي

پەمىدۇر(西红柿)

سۈرەت ۋە ۋىدىيولار ئۇيغۇرچە ئىسمى پەمىدۇر تارقالغان رايونلار ئەسلى ماكانى ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسى ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى ، ھازىر

قارا قېرىن قۇلاقنىڭ شىپالىق رولى

قارا مورنىڭ قانداق رولى بار؟ ھازىر باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش بىلەن تەڭ يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى بىلەن ئۆلۈپ كېتىدىغان كىشىلەر كۆپىيىپ كەت

پالەك ۋە ئۇنىڭ تەركىبى شىپالىق رولى

پالەك لويلا ئائىلىسىگە تەۋە بولغان بىر ياكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئۇنىڭ ئوق يىلتىزى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، خۇددى چاشقاننى

تۇرۇپنىڭ شىپالىق رولى

تۇرۇپ تەركىبىدە مول لىگنىن بولۇپ، مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئادەم بەدىنىدىكى چوڭ يۇتقۇچى ھۈجەيرىلىرىنى ياخشىلاپ، راك ھۈج

كوكتاتلارنىڭ ئويغۇرچە ئاتالغۇسى ۋە تەبىئېتى

كوپ ئستىمال قىلىندىغان كوكتاتلارنىڭ ئويغۇرچە ئاتالغۇسى ۋە تەبىئېتى ئاتالغۇلارنى رەتلەپ توپلاپ چىققۇچى : سەمەت راخمان 1.بەرەنكە ياڭيۇ (

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号