سەۋزە 胡萝卜
8 يىل ئىلگىرى ئاشپەز 26617:ئادەم ئۆگەندى
سەۋزە ياۋروپا ۋە ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردە ئوزۇقلۇق قىممىتى ئەڭ يۇقىرى سۈپەتلىك كۆكتات، شۇنداقلا غەربچە تائاملاردا كەم بولسا بولمايدىغان ئېسىل يېمەكلىك دەپ قارىلىدۇ. ياپونىيىدە بولسا «مېھرىگىياھ» قا ئوخشاش قەدىرلىنىپ ھەممە ئادەم بەس-بەستە سېتىۋالىدۇ. سەۋزىدىكى كاروتىن ئادەم تېنىدە ۋىتامىن A غا ئۆزگىرىپ، راكقا قارشى تۇرىدىغان ۋە ساقلىقنى ساقلايدىغان رولى بولغاچقا «ئۆمۈرگە شىپا كۆكتات» دەپ نام ئالغان.
ئۇيغۇرچە ئىسمى سەۋزە(ئەسلى پارىسچە سۆز)
خەنزۇچە ئىسمى 胡萝卜
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىغا تەۋە
سىنىپى قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
ئۇرۇقداشلىرى سەۋزە ئۇرۇقدىشى
ئېنگىلىزچە ئىسمى carrot
تارقالغان رايونلار دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرى
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
ئائىلىسى كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسى
باشقىچە ئاتىلىشى زەدەك

بېقىش ئۇسۇلى

سەۋزىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش مۇھىتىغا بولغان شەرت ۋە تەلەپلىرى بىرقەدەر يۇقىرى بولۇپ، تېمپېراتۇرا بەك يۇقىرى ياكى بەك تۆۋەن بولۇش، تۇپراق بەك قۇرغاق ياكى بەك نەم بولۇش قاتارلىق ھادىسىلەرنىڭ ھەممىسى سەۋزىدىكى كاروتىن مىقدارىغا زور تەسىر كۆرسىتىدىكەن. 

ئىشلىتىلىش قىممىتى

ئوزۇقلۇق قىممىتى

100گىرام سەۋزە تەركىبىدە ئاقسىل 0.6گىرام،ياغ0.3گىرام،قەنىت تۈرىدىكىلەر7.6-8.3گىرام،تۆمۈر0.6مىللى گىرام،ۋىتامىن A1.35-17.25  ئۇنىڭ تەركىبىدە مول كاروتىن ھەمدە زور مىقداردا قەنت، كراخمال، ۋىتامىن B ۋە ۋىتامىن C قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار بولىدۇ. كاروتىن ھەزىم قىلىنىپ پارچىلانغاندىن كېيىن ھەسسىلەپ ۋىتامىن A غا ئۆزگىرىپ، بەدەننىڭ يېتىلىشى، سۆڭەكلەرنىڭ ئۆسۈشى، مايلارنىڭ پارچىلىنىشى قاتارلىقلارنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئانالىز قىلىنىشىچە، سەۋزىنىڭ رەڭگى قانچە قىزىل بولسا، تەركىبىدىكى كاروتىن مىقدارىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدىكەن.

تارقالغان رايۇنلار

 سەۋزىنىڭ ئەسلىي ماكانى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئافرىقىنىڭ شىمالىي قىسمى بولۇپ، تېرىپ ئۆستۈرۈلۈش تارىخى خېلى ئۇزۇن. ئۇ 13-ئەسىرلەردە كىچىك ئاسىيادىن ئېلىمىزگە كىرگەن. قەدىمكى دەۋرلەردە غەربىي رايوندىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ياشايدىغان رايونلار «خۇ» دەپ ئاتىلىدىغان، شۇنداقلا شەكلىمۇ تۇرۇپ(لوبو) غا ئوخشاپ كېتىدىغان بولغاچقا، خەنزۇلار» خۇلوبو «دەپ ئاتىغان.

تەرخەمەك (黄瓜)

تەرخەمەكنىڭ تەركىبىدىكى تەرخەمەك كىسلاتاسى ئادەم بەدىنىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زەھەرنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلاي

پەمىدۇر(西红柿)

سۈرەت ۋە ۋىدىيولار ئۇيغۇرچە ئىسمى پەمىدۇر تارقالغان رايونلار ئەسلى ماكانى ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسى ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى ، ھازىر

قارا قېرىن قۇلاقنىڭ شىپالىق رولى

قارا مورنىڭ قانداق رولى بار؟ ھازىر باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش بىلەن تەڭ يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى بىلەن ئۆلۈپ كېتىدىغان كىشىلەر كۆپىيىپ كەت

پالەك ۋە ئۇنىڭ تەركىبى شىپالىق رولى

پالەك لويلا ئائىلىسىگە تەۋە بولغان بىر ياكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئۇنىڭ ئوق يىلتىزى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، خۇددى چاشقاننى

تۇرۇپنىڭ شىپالىق رولى

تۇرۇپ تەركىبىدە مول لىگنىن بولۇپ، مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئادەم بەدىنىدىكى چوڭ يۇتقۇچى ھۈجەيرىلىرىنى ياخشىلاپ، راك ھۈج

كوكتاتلارنىڭ ئويغۇرچە ئاتالغۇسى ۋە تەبىئېتى

كوپ ئستىمال قىلىندىغان كوكتاتلارنىڭ ئويغۇرچە ئاتالغۇسى ۋە تەبىئېتى ئاتالغۇلارنى رەتلەپ توپلاپ چىققۇچى : سەمەت راخمان 1.بەرەنكە ياڭيۇ (

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号