كاۋا(南瓜)
8 يىل ئىلگىرى ئاشپەز 60075:ئادەم ئۆگەندى

 ئۇيغۇرچە نامى كاۋا

خەنزۇچە ئاتىلىشى 南瓜

تەبىئىتى ھۆل ئىسسىق

كاۋا كاۋا ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، پېلەك تاشلاپ ئۆسىدىغان، سامان غوللۇق، كاۋىغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، غولىنىڭ توغرا كەسمە يۈزى بەش بۇرجەك شەكىلدە، گۈلى سېرىق كېلىدۇ. ئۇنىڭ مانتا كاۋىسى، تونۇر كاۋىسى ۋە سەي كاۋىسى قاتارلىق كۆپ خىل تۈرلىرى بولۇپ، مېۋىسىنىڭ شەكلىمۇ ھەرخىل بولىدۇ. ئادەتتە ھەممىسى ئىستېمال قىلىنىدۇ.

دورىغا كاۋا ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى ۋە ساپىقى، گۆشى ۋە پىلىكى ئىشلىتىلىدۇ.

كاۋا ئۆسۈملۈكى پىشقاندا كېيىن ئۈزۈپ ئېلىش ۋاقتىدا ساپىقىنى ئېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، كاۋىنى يېگەن ۋاقىتتا ئۇرۇقىنى ئېلىپ، يۇيۇپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، شاكىلىنى ئېلىۋېتىپ، ئىشلىتىش ۋاقتىدا سوقۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.

مەددە چۈشۈرۈش، سۈت پەيدا قىلىش، ئىششىق ياندۇرۇش، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش، زەھەر قايتۇرۇش، ھامىلە ئاسراش خۇسۇسىيىتىگە خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

رىتسىپ:كاۋا ئۇرۇقىدىن 60 ~ 130 گرام ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ، شامىسى بىلەن قوشۇپ ئاچ قورساققا بىراقلا ئىچىپ، 1 ~ 2 سائەتتىن كېيىن تازىلانغان شوردىن 25 گرامنى قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، سازاڭ مەددىسىنى چۈشۈرىدۇ.

130 گرام كاۋا پىلىكىنى قورۇپ سارغايتىپ، 35 گرام سۇسىز زەمچىنى سوقۇپ، تالقان قىلىپ، كۈنجۈت يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، يەرلىك ئورۇنغا سۈركەپ بەرسە، بالىلاردىكى ھۆل تەمرەتكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

15 گرام كاۋا ئۇرۇقىنى سوقۇپ ئۇنىڭغا مۇۋاپىق مىقداردا ئاق شېكەر قوشۇپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا مۇۋاپىق مىقداردا ئۇدا 3 ~ 5 كۈن ئاچ قورساققا ئىچىپ بەرسە، سۈت ۋە مەنىينى كۆپەيتىدۇ.

كاۋا ساپىقىدىن 3 ~ 5 تالدىن قاينىتىپ، كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا مۇۋاپىق مىقداردا ئۇدا 5 ~ 7 كۈن ئىچىپ بەرسە، ئادەتلەنگەن بويىدىن ئاجراشقا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.

خام كاۋا گۆشىنى ئېزىپ يەرلىك ئورۇنغا سۈركەپ بەرسە، كۆيۈپ ۋە ئوق تېگىپ يارىلانغان يارىغا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.

كاۋا ساپىقىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، كۆيدۈرۈپ كۆمۈر ھالەتكە كەلتۈرۈپ، يۇمشاق سوقۇپ، يارا ئاغزىغا سەپسە، تەگكەن ئوقنى چىقىرىدۇ. 

ھۆل كاۋا يوپۇرمىقى ۋە زىرىقتىن 70 گرامدىن ئېلىپ سوقۇپ، يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، سۈت بېزى ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 

 

تەرخەمەك (黄瓜)

تەرخەمەكنىڭ تەركىبىدىكى تەرخەمەك كىسلاتاسى ئادەم بەدىنىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زەھەرنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلاي

پەمىدۇر(西红柿)

سۈرەت ۋە ۋىدىيولار ئۇيغۇرچە ئىسمى پەمىدۇر تارقالغان رايونلار ئەسلى ماكانى ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسى ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى ، ھازىر

قارا قېرىن قۇلاقنىڭ شىپالىق رولى

قارا مورنىڭ قانداق رولى بار؟ ھازىر باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش بىلەن تەڭ يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى بىلەن ئۆلۈپ كېتىدىغان كىشىلەر كۆپىيىپ كەت

پالەك ۋە ئۇنىڭ تەركىبى شىپالىق رولى

پالەك لويلا ئائىلىسىگە تەۋە بولغان بىر ياكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئۇنىڭ ئوق يىلتىزى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، خۇددى چاشقاننى

تۇرۇپنىڭ شىپالىق رولى

تۇرۇپ تەركىبىدە مول لىگنىن بولۇپ، مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئادەم بەدىنىدىكى چوڭ يۇتقۇچى ھۈجەيرىلىرىنى ياخشىلاپ، راك ھۈج

كوكتاتلارنىڭ ئويغۇرچە ئاتالغۇسى ۋە تەبىئېتى

كوپ ئستىمال قىلىندىغان كوكتاتلارنىڭ ئويغۇرچە ئاتالغۇسى ۋە تەبىئېتى ئاتالغۇلارنى رەتلەپ توپلاپ چىققۇچى : سەمەت راخمان 1.بەرەنكە ياڭيۇ (

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号