
گۈلسامساق پىياز گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، گۈلسامساققا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئۆپكىنى تازىلاش، يۆتەل توختىتىش، ھارارەتنى پەسەيتىش، تىنچلاندۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
تونۇشتۇرۇلىشى :گۈلسامساق پىياز گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، گۈلسامساققا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 70 ~ 80 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ يەر ئاستىدىكى تەڭگىسىمان غولى يۇمىلاق، تۇخۇمسىمان، ئەتلىك، سۇس سېرىق رەڭلىك بولىدۇ، يەر ئۈستى غولى بىر تال بولۇپ، تىك، سىلىق، تۈكسىز كېلىدۇ؛ يوپۇرماقلىرى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، ياش مايسا ۋاقتىدا، ئايلانمىراق ئۆسىدۇ، سېپى بولمايدۇ، تېمىنىسىمان، تولۇق گىرۋەكلىك؛ گۈلى ئۇچىدا ياكى يوپۇرماقلىرىنىڭ قولتۇقىدا ئۆسىدۇ، رەڭگى سۇس جىگەررەڭ، گۈل تاجى ياپراقچىسى ئارقىسىغا قايرىلىپ تۇرىدۇ؛ مېۋىسى غوزا مېۋە، شەكلى تەتۈر تۇخۇمسىمان، ئۇزۇنىغا ئالتە تال قىرى بولىدۇ.
خۇسۇسىيىتى: ئۆپكىنى تازىلاش، يۆتەل توختىتىش، ھارارەتنى پەسەيتىش، تىنچلاندۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
دورىلىق قىسمى:گۈلسامساقنىڭ تەڭگىچە غولى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
تەبىئىتى:قۇرۇق ئىسسىق.
ئىشلىتىش مىقدارى:ئەھۋالغا قاراپ 8 ~ 20 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
يىغىپ تەييارلاش ئۇسۇلى
گۈلسامساق ئۆسۈملۈكنى كۈز پەسلىدە يەر ئۈستىدىكى قىسمى سولىشىشقا باشلىغاندا كولىۋېلىپ، سىرتىنى ئاقلىۋېتىپ، پاكىز يۇيۇپ ياكى تەڭگچە غولىنىڭ تۈۋىنى ئازراق كېسىۋېتىپ، تەڭگىچە پارچىلىرىنى ئاجرىتىپ، قايناق سۇغا ئاق رەڭگى تۈگىگەنگە قەدەر بېسىپ، ئاندىن سۈزۈۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتقاندىن كېيىن، خام پېتى ياكى ھەسەل بىلەن قوشۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
ئۆسۈش ئورنى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ تاغلىق جايلىرىدىكى تاغ ئورمانلىقلىرى، چۆپلىك ۋە نەم، سايە يەرلەردە ئۆسىدۇ (تېرىپمۇ ئۆستۈرۈلىدۇ).
رېتسىپلار
گۈلسامساق ۋە چىلاننىڭ ھەربىرىدىن بىر تالدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بەدەن ئاجىزلىق ۋە يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ. گۈلسامساقتىن 20 گرام، تەڭگىيوپۇرماقتىن 12 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ، ئۇنىڭغا 35 گرام ھەسەل قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، كاناي ياللۇغى، يۆتەل، دەم سىقىلىش ۋە ئاۋاز پۈتۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
20 گرام گۈلسامساقنى 15 گرام سۆئلەپ، 61 گرام خام ئەگرىسۇنا، 12 گرام غاز ئوتى، 10 گرام قوڭغۇراقگۈل بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، كانايچىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشى ۋە قان تۈكۈرۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
گۈلسامساقتىن 20 گرام، 18 گرام ئارچا مېغىزى، 12 گرام كەرمان بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، نېرۋا ئاجىزلىقى ۋە ئۇيقۇسىزلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.

تەرخەمەكنىڭ تەركىبىدىكى تەرخەمەك كىسلاتاسى ئادەم بەدىنىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زەھەرنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلاي
سۈرەت ۋە ۋىدىيولار ئۇيغۇرچە ئىسمى پەمىدۇر تارقالغان رايونلار ئەسلى ماكانى ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسى ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى ، ھازىر
قارا مورنىڭ قانداق رولى بار؟ ھازىر باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش بىلەن تەڭ يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى بىلەن ئۆلۈپ كېتىدىغان كىشىلەر كۆپىيىپ كەت
پالەك لويلا ئائىلىسىگە تەۋە بولغان بىر ياكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئۇنىڭ ئوق يىلتىزى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، خۇددى چاشقاننى
تۇرۇپ تەركىبىدە مول لىگنىن بولۇپ، مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئادەم بەدىنىدىكى چوڭ يۇتقۇچى ھۈجەيرىلىرىنى ياخشىلاپ، راك ھۈج
كوپ ئستىمال قىلىندىغان كوكتاتلارنىڭ ئويغۇرچە ئاتالغۇسى ۋە تەبىئېتى ئاتالغۇلارنى رەتلەپ توپلاپ چىققۇچى : سەمەت راخمان 1.بەرەنكە ياڭيۇ (
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号