پىياز كالا گۆشى توقىچى تەييارلاش ئۇسۇلى
5 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 292256:ئادەم ئۆگەندى
   بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، ئىنتايىن تەملىك بىر تائام—"پىياز كالا گۆشى توقىچى" تەييارلاش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز. كالا گۆشى توقىچىنى ھامبۇرگ بولكىسى ئىچىدىلا يىيىشكە ماس كېلىدۇ دەپ ئويلاپ قالماڭ، ئۇ يەنە ئائىلىدە مىفەنگە قوشۇپ ئىستېمال قىلىشقىمۇ بولىدۇ.
   كىتەرلىك ماتېرىيال: كالا گۆشى 250گىرام، پىياز 100گىرام، تۇخۇم بىر تال، سېرىقماي(黄油) 10گىرام، تېتىتقۇ ھارىقى 10گىرام، تۇز 5گىرام، شىڭچوۋ جىياڭيۇسى(生抽) 22 مىللىلىتىر، ئۇن 20گىرام، ئىستېمال مېيى 20گىرام، پەمىدۇر قىيامى 20گىرام، ئىلمان سۇ 10 مىللىلىتىر، لىمون شەربىتى(柠檬汁) مۇۋاپىق مىقداردا.
تەييارلاش ئۇسۇلى
   كالا گۆشىنى ئۇششاق چاناپ تەييارلايمىز.
   پىيازنى ئاقلاپ يۇيۇپ، ئۇششاق چاناپ توغرايمىز.
   ئاستى تۈز قازانغا 10گىرام سېرىق ماي قۇيۇپ، كىچىك ئوتتا ئىرىتكەندىن كېيىن، پىيازنى سالىمىز. سېرىقماي سۈت تەمىنى ئاشۇرىدىغان بولۇپ، ئەگەر سېرىقماي بولمىسا، ئورنىغا كۈنجۈت مېيى قاتارلىق باشقا ئىستېمال مايلىرىنى ئىشلەتسەك بولىدۇ).
   پىيازنى قورۇپ تەمىنى چىقارغاندىن كېيىن، قاچىغا ئۇسۇپ ئېلىپ قويىمىز.
   كالا گۆشى قىيمىسىغا تۇخۇمدىن بىرنى چېقىپ، ئۈستىگە بەش گىرام تۇز، 10 مىللىلىتىر تېتىتقۇ ھارىقى، 20 مىللىلىتىر شىڭچوۋ جىياڭيۇسى قوشىمىز.
   چوكا بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز.
   ئالدىدا قورۇپ تەييارلىغان پىيازنى قوشىمىز.
   تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز.
   20گىرام  ئۇن قوشىمىز.
   10گىرام ئىستېمال مېيى قوشۇپ، چوكا بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز.
   قازاننى قىزىتىپ، 10 مىللىلىتىر ماي قۇيۇپ قىزىتىپ، قىلىپ ئىچىگە تەييارلىغان قىيمىنى سالىمىز(چۈمۈچتە بېسىپ چىڭىتىپ بىرىش كېرەك، ئەگەر تەييار قىلىپ بولمىسا، ئالقىنىمىزنى نەمدەپ، مۇۋاپىق مىقداردا قىيما ئېلىپ ئۇۋۇلاپ كۇمىلاچ ھالىتىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن، قولىمىزدا بېسىپ ئىزىپ، توقاچ ھالىتىگە كەلتۈرسەك بولىدۇ).
   گۆش توقىچى شەكىلگە كىرگەندىن كېيىن قىلىپنى ئېلىۋەتسەك بولىدۇ.
   كىچىك ئوتتا ئاستى قىسىمى سارغايغىچىلىك داغلاپ، ئۆرۈپ يەنە بىر يۈزىنى داغلايمىز.
   ھەر ئىككى يۈزى سارغايغاندىن كېيىن، تۇۋاقنى يېپىپ ئۈچ مىنۇت دۈملەپ داغلىغاندىن كېيىن تەخسىگە ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.
   قاچىغا 20گىرام پەمىدۇر قىيامى، 10 مىللىلىتىر ئىلمان سۇ، ئىككى مىللىلىتىر شىڭچوۋ جىياڭيۇسى قۇيۇپ، ئۈستىگە نەچچە تامچە لىمون شەربىتى سىقىمىز.
   تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز.
   ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىغان قىيامنى كالا گۆشى توقىچىنىڭ ئۈستىگە قۇيغاندىن كېيىن ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.

قارمۇچ تەملىك ئىتالىيە چۆپى

خام ماتىريالى:ئىتالىيەچۆپى،كالاگۇشى،پىياز،كوك-قىزىلمۇچ تەم خۇرۇچلىرى:ياغ (سېرىق ماي) ،تۇز، قارمۇچ،جاڭيو

پەمىدۇر تەملىك ئىتالىيە چۆپى

خام ماتېرىيالى :ئىتالىيەچۆپى،قوي گۆشى،قىزىلمۇچ،كۆكمۇچ،پەمىدۇر،غولپىياز،سامساق،كۆك پىياز تەم خۇرۇچلىرى: تۇز،تېتىتقۇ،توخۇ تەم جەۋھىر

قىيمىلىق ئىتالىيە چۆپى

خام ماتىريالى:ئىتالىيەچۆپى،كالاگۇشى،پىياز،سامساق،پەمىدۇر،گۇمبەدەك،قوناق تەم خۇرۇچلىرى:سېرىق ماي،زەيتۇن مېيى ،تۇز، قارمۇچ،شېكەر

كاۋاپ تەملىك قوناق چۆپىنى تەييارلاش

خام ماتىريالى:قوناق چۆپى،كالاگۇشى،سامساق،باش پىياز،كوك-قىزىلمۇچ، يۇمغاقسۇت تەم خۇرۇچلىرى:ياغ، سېرىق ماي ،تۇز، قولۇلە يېغى، زىرە،تۇخۇ

پەمىدۇر تەملىك ئىتالىيە چۆپى

قورۇش ئۇسۇلى: قازانغا ئازراق ياغ قويۇپ ، ياغ قىزىغاندىن كىيىن قوي گۆشىنى سالىمىز ئاندىن جاڭيۇ تېمىتىپ ، سامساق غولپىيازنى سىلىپ تەمى چىق

مېۋە پىسا تەييارلاش ئۇسۇلى

خام ماتېرىيالى :ئۇن،ئېچىتقۇ، بانان،ئاپېلسىن ،مايمۇن شاپتۇل،ئوزۇم ۋە ئوزىڭىز ياقتۇرىدىغان مېۋىلەر تەم خۇرۇچلىرى: تۇخۇم،سېرىق ماي،ئۇسۇ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号