قوۋۇرغا كەتىلىت
8 يىل ئىلگىرى ئاشپەز 169327:ئادەم ئۆگەندى
  خام ماتېرىيالى: قوي قوۋۇرغىسى،بەرەڭگە،غولپىياز مايسىسى، قىزىلمۇچ،كىراخمال
   تەم خۇرۇچلىرى: تۇز،تېتىتقۇ،ئاقمۇچ، تۇخۇم بىردانە، زىرە،غولپىياز،سامساق،زەنجىۋىل،قىزىلمۇچ چانالمىسى،پەمىدۇر قىيامى
   تەييارلاش ئۇسۇلى: قوۋۇرغىنى گۆشىدىن ئاجرىتىپ لوق گۆشىنى چاناپ يۇمشىتىپ،تۇز،تېتىتقۇ،ئاقمۇچ، تۇخۇم ، زىرە،كىراخمال بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەملەندۈرىۋالىمىز.
غولپىياز مايسىسى ۋە قىزىلمۇچنى ئۇششاق دانچە قىلىپ توغرايمىز،بەرەڭگىنى ئاقلاپ يۇيۇپ قەلەمچە قىلىپ توغرىۋالىمىز.
تەملەندۈرۈلگەن گۆشنى قوۋۇرغىغا كىراخمال شىرنىسى بىلەن چاپلاشتۇرۇپ تەييارلايمىز.
   قورۇش ئۇسۇلى: قازانغا بىر كىلو ئەتراپىدا ياغ قۇيۇپ ياغ نورمال قىزىغاندا قوۋۇرغىنى سېلىپ پىشۇرۇپ سۈزۈپ ئېلىۋالىمىز، بەرەڭگىنىمۇ ياغقا سېلىپ پىشۇرۇپ سۈزۈپ ئېلىۋالىمىز،قازانغا ئازراق ياغ قۇيۇپ غولپىياز،سامساق،زەنجىۋىل،قىزىلمۇچ چانالمىسى،پەمىدۇر قىيامى سېلىپ قورۇپ مەززىلىك پۇراق چىققاندا ئۈچ چۆمۈچ سۇ قۇيۇپ قاينىغاندا تۇز،تېتىتقۇ،ئاقمۇچ،زىرە سېلىپ ئاندىن قوۋۇرغىنى سېلىپ قاينىتىمىز. 
پىشۇرۇلغان بەرەڭگىنى تەخسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا رەتلىك تىزىپ قوۋۇرغىنى سۈزۈپ ئېلىپ بەرەڭگىنىڭ چۆرىسىگە رەتلەپ تىزىمىز، قازانغابىر چۆمۈچ شورپا قالدۇرۇپتەمىنى تېتىپ ئازراق ھۆل كىراخمال بېرىپ غولپىياز مايسىسى،قىزىلمۇچلارنى سېلىپ بىر تېمىم ياغ تېمىتىپ، شورپىنى قورۇمىنىڭ ئۈستىگە قۇيىمىز. 

قارمۇچ تەملىك ئىتالىيە چۆپى

خام ماتىريالى:ئىتالىيەچۆپى،كالاگۇشى،پىياز،كوك-قىزىلمۇچ تەم خۇرۇچلىرى:ياغ (سېرىق ماي) ،تۇز، قارمۇچ،جاڭيو

پەمىدۇر تەملىك ئىتالىيە چۆپى

خام ماتېرىيالى :ئىتالىيەچۆپى،قوي گۆشى،قىزىلمۇچ،كۆكمۇچ،پەمىدۇر،غولپىياز،سامساق،كۆك پىياز تەم خۇرۇچلىرى: تۇز،تېتىتقۇ،توخۇ تەم جەۋھىر

قىيمىلىق ئىتالىيە چۆپى

خام ماتىريالى:ئىتالىيەچۆپى،كالاگۇشى،پىياز،سامساق،پەمىدۇر،گۇمبەدەك،قوناق تەم خۇرۇچلىرى:سېرىق ماي،زەيتۇن مېيى ،تۇز، قارمۇچ،شېكەر

كاۋاپ تەملىك قوناق چۆپىنى تەييارلاش

خام ماتىريالى:قوناق چۆپى،كالاگۇشى،سامساق،باش پىياز،كوك-قىزىلمۇچ، يۇمغاقسۇت تەم خۇرۇچلىرى:ياغ، سېرىق ماي ،تۇز، قولۇلە يېغى، زىرە،تۇخۇ

پەمىدۇر تەملىك ئىتالىيە چۆپى

قورۇش ئۇسۇلى: قازانغا ئازراق ياغ قويۇپ ، ياغ قىزىغاندىن كىيىن قوي گۆشىنى سالىمىز ئاندىن جاڭيۇ تېمىتىپ ، سامساق غولپىيازنى سىلىپ تەمى چىق

مېۋە پىسا تەييارلاش ئۇسۇلى

خام ماتېرىيالى :ئۇن،ئېچىتقۇ، بانان،ئاپېلسىن ،مايمۇن شاپتۇل،ئوزۇم ۋە ئوزىڭىز ياقتۇرىدىغان مېۋىلەر تەم خۇرۇچلىرى: تۇخۇم،سېرىق ماي،ئۇسۇ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号