قورۇما قورىغاندا قانداق رەت تەرتىپلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5825:قېتىم كورۇلدى
   تاماق ئىتىش، بىلىدىغان ئادەمگە نىسبەتەن ئاددىي بىر ئىش؛ ئەمما نۇرغۇنلىغان يېڭى ئۈگەنگۈچىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇ يەنە بىر ئاسان ئورۇندىغىلى بولمايدىغان ۋەزىپە ھېسابلىنىدۇ. ئېنىقلا ناھايىتى ئاددىي بىر قورۇما، ئىشلەتكەن خام ماتېرىياللىرى ۋە تەم خۇرۇچلىرى ئوخشاش، لېكىن ئوخشاش بولمىغان ئادەم قورۇغان قورۇما زور پەرقلىق چىقىدۇ. ئەمەلىيەتتە، قورۇما قورۇشتا ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك بەلگىلىك رەت تەرتىپ بار. تۆۋەندە كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، قورۇما قورۇشتىكى بەزى تەرتىپلەر ۋە قوللىنىشچان چارىلەرنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
ئادەتتىكى قورۇمىلارنى قورىغاندا
   ئادەتتە گۆشسىز قورۇمىلارنى قورۇش نىسبەتەن ئاسان. ئالدى بىلەن كۆكتاتلارنى توغراپ تەييارلىۋالغاندىن كېيىن، بىرىنچى بولۇپ غولپىياز ياكى زەنجىۋىل قاتارلىقلارنى سېلىپ تەم چىقىرىمىز؛ ئىككىنچى قەدەمدە ئەڭ قاتتىق كۆكتاتلارنى سېلىپ، چوڭ ئوتتا 2-1 مىنۇت ئەتراپىدا قورۇيمىز؛ ئۈچىنچى قەدەمدە، نىسبەتەن يۇمشاق ۋە چۈرۈك بولغان، ئاسان پىشىدىغان كۆكتاتلارنى سېلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا تەم خۇرۇچلىرىنى قوشىمىز؛ ئۇسۇپ ئالىدىغان ۋاقىتتا، ئۆزىمىزنىڭ تەم خاھىشىغا ئاساسەن، ئازراق ئاچچىقسۇ ياكى كۈنجۈت مېيى، چانالغان غولپىياز مايسىسى دېگەنلەرنى قوشۇۋىتىپ ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.
   مەسىلەن، كۆكمۇچ قوشۇپ قورۇلغان بەرەڭگە قەلەمچىسى، تەييارلاش ئاددىي ئەمما ناھايىتى يىيىشلىك بىر خىل قورۇما بولۇپ، ئالدى بىلەن قازاندىكى قىزىغان مايغا كاۋاۋىچىن سېلىپ تەم چىقارغاندىن كېيىن، توغرالغان قاقمۇچ سېلىپ قورۇيمىز، بۇنىڭدا تەمنىڭ يېمەكلىك ماتېرىيالىغا تېخىمۇ ياخشى سىڭىپ كىرىدۇ. كەينىدىن، بەرەڭگە قەلەمچىسىنى سېلىپ تېز سۈرئەتتە ئارىلاشتۇرۇپ قورۇيمىز، تەخمىنەن بىر يېرىم مىنۇت ئەتراپىدا قورۇپ، ئازراق شىڭچۇۋ جىياڭيۇسى ۋە ئاچچىقسۇ قوشۇپ، قەلەمچە قىلىپ توغرالغان كۆكمۇچنى سېلىپ قورۇيمىز؛ ئۆزىمىزنىڭ تەم خاھىشىغا ئاساسەن، مۇۋاپىق مىقداردا تۇز ۋە شېكەر قوشۇپ ئارىلاشتۇرۋەتكەندىن كېيىن، تەخمىنەن 20سىكونت ئەتراپىدا قورۇپ ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ. گۆشسىز قورۇما قورۇشقا كۆپ ۋاقىت كەتمەيدۇ، ئادەتتە كۆپىنچىسىنى چوڭ ئوتتا تېز سۈرئەتتە قورۇيمىز؛ بۇنىڭدا، كۆكتاتنىڭ چۈرۈكلىكى ۋە ئەسلى تەمىگە تەسىر يىتىشتىن ساقلىنىپ قالغىلىلا بولماي، يەنە كۆكتات تەركىبىدىكى ئۇزۇقلۇق تەركىبلىرىنىڭ ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
گۆشلۈك قورۇمىلارنى قورۇغاندا
   گۆش، تۇرمۇشىمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان يېمەكلىك، ئۇنىڭ ئۈستىگە گۆش تۈرلىرىنى قورۇپ ئىستېمال قىلغاندا، تەمى ئالاھىدە ياخشى بولىدۇ. لېكىن گۆشلۈك قورۇمىلارنى قورۇغان ۋاقىتتا، ئادەتتە ئوتتۇرا ھال ئوتتا قورۇيمىز. بىرىنچى قەدەمدە غولپىياز، زەنجىۋىل قاتارلىقلارنى سېلىپ تەم چىقارغاندىن كېيىن، گۆشنى سېلىپ رەڭگى سارغايغىچىلىك قورۇيمىز؛ بۇ جەرياندا، ئەگەر ياقتۇرسىڭىز ئازراق تېتىتىقۇ ھارىقى قوشۇۋەتسىڭىزمۇ بولىدۇ. كېيىنكى قالغان قەدەملەر گۆشسىز قورۇما قورۇشقا ئوخشاش بولۇپ، رەت تەرتىپ بويىچە كۆكتاتلارنى سېلىپ قورۇپ، ئاخىرىدا تەم خۇرۇچلىرىنى قوشۇپ ئارىلاشتۇرۋەتكەندىن كېيىن ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.
   بەزىلەر سورىشى مۇمكىن، بىرگە قوشۇپ ئىشلىتىشكە بولمايدىغان تەم خۇرۇچلىرى بارمۇ يوق؟ ئەمەلىيەتتە، بۇ جەھەتتە بەك كۆپ چەكلىمە يوق؛ تەم خۇرۇچلىرىنىڭ رولى، قورىمىغا تەم، رەڭ كىرگۈزۈش ئۈچۈنلا بولىدۇ خالاس. لېكىن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى، ئادەتتە شىڭچوۋ جىياڭيۇسى قوشقاندىن كېيىن، لاۋچوۋ جىياڭيۇسى قوشۇش بىھاجەت بولىدۇ، تۇزنىمۇ مۇۋاپىقىدا قوشۇش كېرەك؛ چۈنكى، بەك تۇزلۇق ياكى مايلىق تاماق يېيىش، سالامەتلىككە زىيانلىق. لاۋچوۋ جىياڭيۇسى ئادەتتە قورۇمىغا رەڭ كىرگۈزۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ، تەمىمۇ نىسبەتەن تۇزلۇق بولىدۇ؛ شىڭچۇۋنىڭ بولسا رەڭگى نىسبەتەن سۇسراق بولۇپ، تۇزلۇق دەرىجىسىمۇ بىرقەدەر تۆۋەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، تەم خۇرۇچلىرىنى تەكرار ئىشلىتىشتىن ئىمكان قەدەر ساقلانماق لازىم، بولمىغاندا ئەكسىچە قورۇمىنىڭ مەززىلىك تەمىنى بۇزۇپ قويىشىمىز مۇمكىن.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

ھەقىقىي ئىلمىي ئورۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم 90 كۈن قەتئىي داۋاملاشتۇرىمىز

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاسا

ئادەم نېمىشقا بۇرنىنى كوچىلاشقا ئامراق كېلىدۇ

ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، %91 ئادەم بۇرنىنى كوچىلايدىكەن؛ قالغان %9 ئادەم بولسا، ھەر نېمە دېگەن بىلەنمۇ بۇرنىنى كوچىلايدىغانلىقىنى ئې

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号