ئەر-ئاياللىق مۇھەببەتتە، ئەرلەرنى تەخمىنەن تۆت خىل تۈرگە ئايرىشقا بولىدىغان بولۇپ، ئەمما ئۈزىڭىزنى بىر ئۆمرىنى بېغىشلاشقا ئەرزىيدىغىنى پەقەت بىر خىلدىكى ئەرلەر؛ ئېچىنىشلىق بولغىنى، كۆپىنچە قىزلار باشقا ئۈچ خىلدىكى ئەرلەرگە ياتلىق بولىدىغان بولۇپ، ئاخىرقى بىر تۈردىكى ئەرلەرنى ئۇچرىتالايدىغانلار ئىنتايىن ئاز كىلىدۇ.
01
بىرىنچى خىلدىكى ئەرلەر: چوڭ بولمىغان، "ئانىسىنى ئىمىشتىن توختىمىغان" ئەرلەر
بۇ خىلدىكى ئەرلەر، ئېغىزىدىن سۈت تەمى كەتمىگەن كىچىك بالىغا ئوخشايدىغان بولۇپ، ئۇلار ھەرقانداق ئىشتا ئانىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلايدۇ، ئانىسىنىڭ پىكىرىگە ھەممىدىن بەك ئىتىبار بىلەن قارايدۇ، "ئانام ئۇنداق دىگەن، ئانام مۇنداق دىگەن..." سۆزنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدۇ.
بۇنداق ئەرلەرنىڭ ئادەتتە كەلگۈسىگە قارىتا ھېچقانداق پىلانى بولمايدۇ، ئەرلەردە بولۇشقا تىگىشلىك مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى خالىمايدۇ، مەڭگۈ ئانىسىغا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئويلايدۇ.
بۇ خىلدىكى ئەرلەر ئۆزى ئائىلە قۇرغان ھالەتتىمۇ، ئەركىشىدە بولۇشقا تىگىشلىك مەسئۇلىيەتلەرنى ئاساسى جەھەتتىن زىممىسىگە ئالمايدۇ، ھەممە ئىشتا ئايالىنىڭ ۋە ئانىسىنىڭ پىكىرىنى ئاڭلايدۇ؛ ئەمما ئانىسى بىلەن ئايالى ئوتتۇرسىدا توقۇنۇش پەيدا بولۇپ قالغاندا، ئۇلار ئادەتتە ئانىسى تەرەپتە تۇرۇشنى تاللايدۇ.
بۇنداق ئەرلەرگە ياتلىق بولۇشنىڭ "بالا بېقىش" بىلەن كۆپ پەرقى يوق بولۇپ، ئۇلار خۇددى مەڭگۈ چوڭ بولمايدىغاندەك كىلىدۇ ھەمدە ھازىرقى ھالىتىنى ئۆزگەرتىشنى خالىمايدۇ، ئاخىرىدا ھېرىپ-چارچاپ ئۆلۈپ قېلىشقا ئاز قالىدىغىنى ئايالى بولىدۇ.
02
ئىككىنچى خىلدىكى ئەرلەر: شىرىن-شىكەر سۆزلەرنى قىلىپ قىزلارنى ئالدايدىغان شاللاق ئەرلەر
بۇ خىلدىكى ئەرلەر ئەڭ قايمۇقتۇرۇش كۈچىگە ئىگە ئەرلەر بولۇپ، ئۇلار قىزلارنىڭ كۆڭلىنى قانداق ئۇتۇۋىلىشنى ياخشى بىلىدىغانلىق سەۋەبىدىن، نۇرغۇن پۇللارنى ئىسراپ قىلىۋىتىشتىنمۇ باش تارتماي، سىزنى قوغلىشىدۇ ھەمدە سىز ئۈچۈن رومانتىكىلىق ھالەتلەرنى شەكىللەندۈرىدۇ.
ئەمما ئۇلار سىزنى قولغا كەلتۈرۋالغاندىن كىيىنلا، تىرىككەك ھەم سىزگە سۇغۇق مۇئامىلە قىلىدىغان بولۇپ ئۆزگىرىشكە باشلايدۇ؛ سىزگە بولغان ئەسلىدىكى قىزىقىشىنىمۇ يوقىتىدۇ.
شاللاق ئەرلەرگە ھەرگىز ياتلىق بولۇشقا بولمايدىغان بولۇپ، بۇنداق ئەرلەر بۈگۈن سىز بىلەن توي قىلىپ، ئەتسىلا تالاغا قاراشنى باشلايدۇ؛ ئۇلارنى تويدىن كىيىن ئۆزىڭىزگە سادىق بولۇپ ئۆتۈشى مۇمكىن دەپ ئۈمىد كۈتۈشكە ھەرگىز بولمايدۇ.
ئۇلار پەقەت باشقىلارنى قولغا كەلتۈرۈش خوشاللىقىدىن ھۇزۇرلىنىدۇ، سىزنى ئاسانلىقچە ياخشى كۆرۈپ قالمايدۇ، يالغۇز بىر سىزگىلا ياخشى مۇئامىلە قىلىشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس.
03
ئۈچىنچى خىل ئەرلەر: ھەممە ئىشتا ئىككىلىنىپ ئارىسالدى بولىدىغان لىڭتاسما ئەرلەر
تويلىشىش خۇددى بىر ئىشىككە ئوخشايدۇ، سىز يا ئىشىكتىن كىرىشىڭىز كىرەك ياكى ئىشىكتىن چىقىپ كىتىشىڭىز كىرەك؛ ئەمما بۇ خىلدىكى ئەرلەر ھەمىشە ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قالىدۇ.
ئۇلارنىڭ ھەم سىز بىلەن مۇھەببەتلەشكۈسى كىلىدۇ ھەم سىزگە كەلگۈسى توغرۇلۇق ۋەدە بىرىشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ؛ پەقەت سىزنى ئەسلى ئورنىڭىزدا ساقلىتىپ قويىدۇ.
ئەگەر سىز ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كىتىشنى قارار قىلسىڭىز، ئۇ دەرھال يىڭى ۋەدىلەرنى بىرىدۇ؛ ئەمما سىز قېلىشقا ماقۇل بولسىڭىز، ئۇنداقتا ئۇنىڭ يىڭى توزاق ئايلانمىسىغا چۈشۈپ كەتكەن بولىسىز.
بۇنداق ئەرلەر بىلەن بىرگە بولسىڭىز، سىز بەلكىم بىر ئۆمۈر ساقلاپمۇ، ئۇنىڭ توي قىلىش تەكلىپىنى ساقلاپ بولالماسلىقىڭىز مۇمكىن.
04
تۆتىنچى خىلدىكى ئەرلەر: سىزگە چىن كۆڭلىدىن ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغان ئەرلەر
بۇنداق ئەرلەرنىڭ بەلكىم شىرىن-شىكەر سۆزلەرنى قىلىشنى بىلمىسىمۇ ياكى ناھايىتى پۇلدار بەگزادىلەردىن بولىشى ناتايىن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار سىزنى ياخشى تۇرمۇشقا ئىگە قىلىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ.
ئۇلار ئايالىغا سادىق كىلىدىغان بولۇپ، پۈتكۈل نىيەت مەقسىتى سىلەرنىڭ ئورتاق ئائىلەڭلار ئۈچۈن بولىدۇ؛ سىز ئۇنىڭغا ئىھتىياجلىق بولغان ۋاقتىڭىزدا، ئۇ ھەمىشە سىزنىڭ يېنىڭىزدا بولىدۇ.
بەلكىم سىز بەزىدە ئۇنى ئازراق ئەخمەق ھىس قىلىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن، ئەمما ئۇ ھەقىقەتەن سىزگە چىن دىلىدىن ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغان ئەر كىشى، ئۇ پەقەت سىز بىلەن بىر ئۆمۈر بىرگە بولۇشنى ئويلايدۇ. بۇنداق ياخشى ئەرلەرنى ئۇچرىتىشقا بولىدىغان، ئەمما ئىزلەپ تاپقىلى بولمايدىغان بولۇپ، ئەگەر سىزگە ئۇچراپ قالسا، كىيىنكى يېرىم ئۆمرىڭىزنى ئۇنىڭغا خاتىرجەم تاپشۇرسىڭىز بولىدۇ.
ئۇنداقتا ئەڭ ئاخىرقى بۇ بىر تۈردىكى ئەر كىشىلەرنى قەيەردە ئۇچراتقىلى بولىدۇ؟ سىز پەقەت كۆزىڭىزنى يوغان ئېچىپ، ئەتراپىڭىزدىكى ئالدىنقى ئۈچ خىل تۈرگە تەۋە ئەرلەرنى قوغلىۋەتسىڭىز، سىز بۇ ۋاقىتتا سىزگە ھەقىقى تۈردە چىن كۆڭلىدىن مۇئامىلە قىلىدىغان ئۇ ئەر كىشىنى كۆرەلەيسىز. ئادەتتە ئۇلار كۆپىنچە سىزنىڭ كەينىڭىزدە تۇرۇپ، ئۈن-تىنسىز سىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ، ئەمما سىزنىڭ ئۇلارنى بايقىشىڭىز ئاسانغا توختىمايدىغان بولىدۇ.