مىكرو سېمىز قىزلارنىڭ ئۇرۇق كۆرنىدىغان كىيىنىش ئۇسۇللىرى
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 8625:ئادەم ئۆگەندى
    بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، ئازراق سېمىز ياكى بەدىنى تولۇپ كەلگەن قىزلارنىڭ كىيىنىش ئۇسۇلى توغرىسىدىكى قاراشلىرىمىزنى سۇندۇق، دەرھال خاتىرىڭىزنى ئېلىپ خاتىرلىۋىلىىڭ!
    ئازراق سېمىز ياكى بەدىنى تولۇپ كىلىش ئەھۋالى ھەممە ئادەمنىڭ ئوخشاش بولمايدۇ؛ بەزىلەرنىڭ بەلكىم بەدىنىنىڭ مەلۇم قىسىملىرىدا ئارتۇق ياغ بولۇشى مۇمكىن، يەنە بەزىلەرنىڭ بولسا پۈتۈن بەدىنى تەكشى ياغ ئورنىغان بولۇشى مۇمكىن؛ ئەمما قايسى خىلدىكى مىكرو سېمىزلىك ياكى تولۇپ كەلگەن بەدەن بولسۇن، تۆۋەندىكى كىيىنىش ئۇسۇللىرى سىزنى 5 كىلوگىرام ئۇرۇقلىغاندەك كۆرسىتىدۇ.
 
چوڭ ياقىلىق كىيىملەرنى كىيىش
   ئاسىيالىق ئاياللارنىڭ بويۇن قىسمى ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئۇزۇن ھەم ئىنچىكە ئەمەس؛ شۇنىڭ ئۈچۈن يۈزىڭىزگە گۆش تولغان ياكى بوينىڭىز ئەسلىدىنلا ئىنچىكە ھەم ئۇزۇن بولمىسا، ئۇنداقتا چىرايىڭىزنى ۋە بوينىڭىزنى كۆرۈش سىزىمى جەھەتتىن تىك شەكىلدە ئۇزارتىش ئۈنۈمىگە ئىرىشىش سىزنىڭ ئەڭ ياخشى ھتاللىشىڭىز بولالايدۇ؛ بۇنىڭدا بوينىڭىز ئىنچىكە ھەم ئۇزۇن كۆرنۈپلا قالماي، يەنە چىرايڭىزنىمۇ ئۇرۇق ھەم كىچىك كۆرسىتىدۇ.

   كىچىك ياقىلىق كىيىملەرنى كىيىشتىن ساقلىنىشىڭىز كىرەك؛ مەيلى كىچكى يۇمىلاق ياقا بولسۇن ياكى كىچىك Vشەكىللىك ياقا بولسۇن، بۇلارنىڭ ھەممىسى باشقىلارنىڭ دىققەت نوقتىسىنى چىراي قىسمىڭىزغا مەركەزلەشتۈرۈپ قويىدىغان بولۇپ، يۈزىڭىزنى چوڭ ھەم كەڭ كۆرسىتىپ قويىدۇ. بويۇن سىزىقچىلىرىڭىزنى يۆگىۋالمايدىغان Vشەكىللىك ياقا بولسا ئادەمنى تىخىمۇ ئىگىز كۆرسىتىدۇ ھەم مۈرىنى كەڭ كۆرسىتىپ قويمايدۇ.
   چوڭ يۇمىلاق ياقا ۋە چاسا شەكىللىك ياقىمۇ كىيىشكە بولىدىغان بولۇپ، ئوقۇرەك سۆڭەكنىڭ تېخىمۇ كۆپرەك قىسمىنى ئۇچۇق قويۇپ، سىزنى تەنناز كۆرسىتىدۇ.

   قىسقا كۆينەكلەرمۇ يامان ئەمەس تاللاش بولۇپ، كەيگەن ۋاقتىڭىزدا بىر ئىككى تال تۈگمىسىنى ئېچىپ قويسىڭىز، ئۆزىڭىز يڭىدىن Vشەكىللىك ياقا پەيدا قىلغىنىڭىزغا ئوخشاش بولىدۇ.

 
بەل قىسىمنى گەۋدىلەندۈرۈپ كىيىنىش 
    نۇرغۇن قىزلار ئۆزىنى سېمىز دەپ ئويلاپ، سېمىز جايلارنىڭ ھەممىنى يۆگىۋالىدۇ؛ بۇ سىزنىڭ ئۇرۇق كۆرسىتىش ئەمەس، بەلكى كىيىم نۇسخىسى كەڭ كەلگەنلىك سەۋبىدىن سىزنى تېخىمۇ سېمىز كۆرسىتىپ قويۇشى مۇمكىن.
بولۇپمۇ بۇنىڭدەك بەل سىزىقى ئايرىلمىغان ئۇزۇن كۆينەك، بىلەك ۋە پۇت قىسمى نىسبەتەن گۆشلۈك كەلگەن مىكرو سېمىز قىزلارغا نىسبەتەن، بۇ خىلدىكى يۆگەش سىزنى توغرىسىغا تېخىمۇ كەڭ كۆرسىتىپ، سىزنىڭ بىلىڭىزنى چىلەككە ئوخشىتىپ قويىشى مۇمكىن.
     Aشەكىللىك يوپكا، نەشپۈت شەكىللىك بەدەننىڭ ساغرا ۋە يوتا قىسمىدىكى يىتەرسىزلىكلەرنى يۆگەپ كىتىدىغان بولۇپ، ئاسىيالىق قىزلارنىڭ كىيىشىگە ئەڭ ماس كىلىدىغان يوپكا نۇسخسىدۇر.

    مىكرو سېمىز كەلگەن قىزلار قىسقا ئىشتان تاللىغاندا بەك چىڭ كىلىدىغان ئىشتان تاللىماسلىقى كىرەك؛ بۇنىڭغا ئوخشاش كەڭرەك تۇرىدىغان Aشەكىلدىكى قىسقا ئىشتان تاللىسىڭىز، راھەت ھىس قىلىسىز ھەم چىرايلىق كۆرنىسىز.

لابا ئىشتان
   لابا ئىشتاننىڭ نەشپۈت شەكىللىك بەدەنگە قانچىلىك ماس كىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرمىساممۇ بولىدۇ. ئادەتتە، قىزلارنىڭ ھوشۇق قىسمى بىلەن كىچىك بىلىكى ئەڭ ئۇرۇق كىلىدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن، گۆشلۈك كەلگەن قىسىمنى يۆگەپ، ئۇرۇق كەلگەن قىسىمنى ئۇچۇق قويساق، باشقىلارنىڭ دىققىتى ئىختىيارسىز ھالدا ئاۋال ئۇچۇق تۇرغان قىسىمنى كۆزىتىدۇ.
    مۇۋاپىق تۈردە تىرىنى ئۇچۇق قويۇش، سىزنى ئۇرۇق كۆرسىتىپلا قالماي، يەنە ئىگىز كۆرسىتىدۇ.

    بەل قىسمى ئىگىزرەك كەلگەن لابا ئىشتان، كۆرۈش سىزىمى جەھەتتە بەدەن شەكلىنى ئىگىز كۆرسىتىدىغان ھەمدە سېمىزلىكنى يۆگەيدىغان ئەڭ ياخشى قورالدۇر.
    يان تەرپىدىن چەك ئېچىلغان لابا ئىشتانمۇ يامان ئەمەس تاللاش بولۇپ، كىچىك دائىردە تىرىنى ئۇچۇق قالدۇرىدۇ؛ ئىگىز پاشنىلىق ئاياغ ياكى تۈز تاپانلىق ئاياغقا ئوخشاشلا ماس كىلىدۇ.


ئوخشاش رەڭلىك كىيىملەرنى كىيىش

    ئاستى-ئۈستى ئوخشاش رەڭلىك كىيىملەرنى كەيگەندە، كۆرۈش سىزىمى جەھەتتە سىزنى تىك شەكىلدە تېخىمۇ ئىگىز كۆرسىتىدىغان بولۇپ، توغرىسىغا نىسبەتەن كەڭرى بولغان بەدەن شەكلىنى ئاز-تولا يۇشۇرىدۇ.

    قارا رەڭ ھەممىدىن بەك ئىگىز ھەم ئۇرۇق كۆرسىتىدۇ.

    ئاق رەڭلىك كىيىم گەرچە كۆپۈش تۇيغۇسى بىرىدىغان رەڭ بولسىمۇ، ئەمما ئاستىن-ئۈستۈن پۈتۈن ئاق رەڭدە كىيىنسىڭىز، ئاق رەڭلىك يەككە كىيىمگە قارىغاندا ئۇرۇق كۆرسىتىدۇ.

ئاياللارنىڭ ئەڭ چىرايلىق نەرسىسى زادى نىمە

ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاق كۆڭۈللۈك ئۇلارنىڭ ئاخىرقى چەك-پىرىنسىپى. ئەگەر شەخسىيەتچى، رەھىمسىز بولسا، ئۇ ئايال كىشى ھەرق

ئاياللار ئىچىدە ياخشى كۆرسىمۇ ئېغىزىدا ئىتراپ قىلمايدىغان ئىشلار

بەزىدە ئاياللارنى چۈشەنمەك ھەقىقەتەن تەس. مەسىلەن، ئۇلار ناھايىتى جەزىملەشتۈرگەن ھالدا "ماقۇل" دەيدۇ، ئەمما ھەقىقى مەنىسى "ياق" دىمەك

بۇ ئۈچ خىل مىۋە ھامىلدار ئايال ۋە ھامىيلىگە پايدىلىق

ئەگەر ھامىلدار ئاياللار قورسىقىدىكى ھامىيلىنى ساغلام يىتىلسۇن دىسە، ئاقسىل تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى يىگەندىن سىرت، يەنە مىۋ-چىۋىلەرنىم

ئاياللىق ھورمۇنى ئازلاپ كىتىشنىڭ ئالامەتلىرى

ئاياللىق ھورمۇنى، ئاياللارنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەگەر بەدەندە بۇ خىل ماددا كەمچىل بولسا، بەدەندە بى

ئاياللار ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەشنى ئۆگىنىۋىلىشى كىرەك

بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن، بەزى ئاياللار تەبىئىلا ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەيدۇ ھەمدە بۇنى شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىك دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى ئايال

نىمە ئۈچۈن تالاغا قاراپ قالغان ئاياللار ئۆزىنى توختىۋالالمايدۇ

توي قىلغاندىن كىيىن تالاغا قاراش مەسىلىسىدە، نۇرغۇن كىشىلەر نۆل قېتىم ۋە نۇرغۇن قېتىم ئېھتىماللىقىلا بار دەپ قارايدۇ. بۇ ۋاقىتتا بەلكىم

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号