"ئاياللار خوشاللىققا تولغان مۇھەببەت جەريانىدا ئۆزىنى نەزەردىن ساقىت قىلىدۇ؛ ئۇ خەۋپ ھىس قىلغان ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ ھالىتىگە قايتىدىن كۆڭۈل بۆلۈشنى باشلاپ، كىيىنىش، ياسىنىشقا دىققەت قىلىشقا باشلايدۇ؛ ئۆينى قايتىدىن تۈزەشتۈرۈپ ئىجتىمائى ئالاقە سورۇنلىرىغا ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىشقا باشلايدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ ۋاقىتتىكى روھى ھالىتى خۇددى جەڭگە تەييارلانغانغا ئوخشاپ قالىدۇ. بەلكىم مۇھەببەت پەقەت زىرىكىشلىك سەۋەبىدىن بولۇپ، ئاخىرىدا ھېچقانداق نەتىجىسى چىقمىسىمۇ، يەنىلا بىر ئادەمنىڭ ئۆزىنى سۆيۈشىنى ئۈمىد قىلىش بولسا كىرەك."

ئەرلەر ئاياللار بىلەن بىرگە بولغاندا، بۇ راستىنلا بىر-بىرىنى ياخشى كۆرگەنلىكتىن بولامدۇ؟ ئەمىلىيەت بەلكىم بۇنداق بولماسلىقى مۇمكىن. بەلكىم ئايال ئەرنى ياخشى كۆرۈپ قالغان بولۇشى، ئەر كىشى ئايال كىشىگە ھەقىقىي مۇھەببىتىمنى تېپىۋالدىم دىگەن خاتا قاراشنى ھىس قىلدۇرۇپ قويغان بولۇشى مۇمكىن. بۇنداق ئەرلەردىن مۇداپىئەلەنمەك ناھايىتى تەس بولۇپ، ئاياللار ئۆزىنى ياخشى تۇتۇشتىن باشقا ھېچقانداق ئامالى بولمايدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا سىز ئۆزىڭىزنى چوقۇم كونتىرول قىلىشىڭىز كىرەك، چۈنكى ئاياللار بۇنداق ئەرلەرگە كۆڭۈل بەرسە، ئۆزىنى ئوتقا ئىتتىرگەن بىلەن ئوخشاش بولىدۇ.
سىز ئۈچۈن قىلغان كىچىككىنە بىر ئىشلىرىنىمۇ سىزگە ئەسكەرتىپ ئۆتىدىغان ئەرلەر
ئەرلەر سىزنى ئۆزى چوڭقۇر مۇھەببەت باغلاشقا تىگىشلىك بولغان ئايال قاتارىدا كۆرمىگەن ۋاقتىدىلا مۇشۇنداق قىلىدۇ. ئاياللار ھەرگىزمۇ ئەرلەرنىڭ كەمچىلىكىنى كۆرەلمەي ئۆتمەسلىكى كىرەك؛ بولمىغاندا، بەخىتنىڭ سىز بىلەن ئالاقىسى يوق بولۇپ قېلىشى مۇقەررەر بولۇپ قالىدۇ. بۇ خىلدىكى ئەرلەر سىزنىڭ كۆڭۈل بىرىشىڭىزگە ئەسلا ئەرزىمەيدۇ، سىز بىلەن توي قىلىشى ۋە ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە بىرگە بولۇشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس.
سىز بىلەن ھەممە ئىشتا ھىسابلىشىپ يۈرىيدىغان ئەرلەر
ئەگەر ئەر كىشى سىز بىلەن بەك ئىنچىكە ھىسابلىشىپ كەتمىسە، بۇ ئۇنىڭ ياخشى ئەر كىشى ئىكەنلىكىنىڭ ئالامىتى. ئەكسىچە، كىچىك بىر ئىشلاردىمۇ سىز بىلەن ئىنچىكە ھىساپ قىلىپ كىتىدىغان ئەرلەرنىڭ سىزگە بولغان مۇھەببىتى چوقۇم يىتەرلىك ئەمەس. ھازىر سىلەر ئەمدى تۇنۇشقان ۋاقىتلاردىلا ئۇ بۇنداق قىلىپ كەتسە، كەلگۈسىدە ئۇزۇن مەزگىل بىرگە بولساڭلار ئۇ نىمىلەرنى قىلار؟
سىز ئۈچۈن ھېچ ئىش قىلىشنى خالىمايدىغان ئەرلەر
ئەلەر ئايال كىشى ئۈچۈن ھېچقانداق ئىش قىلمىسا، بۇ ئەرلەرنىڭ خاتالىقى؛ ئەمما ئاياللار بۇنى بايقىيالمىسا ياكى ھەتتا بايقىسىمۇ بىلمەسكە سېلىۋالسا، ئۇنداقتا بۇ ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ خاتالىقىدۇر؛ چۈنكى سىز ئۇ ئەر كىشىگە بەك يول قويۇۋەتكەن ھەمدە سىز باشتىن-ئاياغ بۇ ئەركىشىنىڭ سىزگە بولغان مەسئۇلىيەتسىزلىك ۋە ياخشى كۆرمەسلىك ئالامەتلىرىنى بايقىيالمىغان . بۇنداق ئەھۋالنى سىز نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقىڭىز، بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلگەن ھامان، ئەڭ ياخشىسى بالدۇرلا ئۇنىڭدىن يېراقلاپ كەتكىنىڭىز ياخشى.
سىز بىلەن بىرگە تۇرغان ۋاقتىدا، ئىزچىل يانفونىغا قاراپ تۇرىدىغان ئەر كىشى
ئەگەر ئەر كىشى سىز بىلەن بىللە تۇرغان ۋاقتىدا ھەمىشە بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلسە، ئۇنداقتا سىز ئىھتىيات قىلمىسىڭىز بولمايدۇ؛ بۇنداق ئەركىشى بەلكىم سىزنى سىز ئويلىغاندەك ئۇنداق چوڭقۇر ياخشى كۆرۈشى ناتايىن، ئۇنىڭ مەقسىتى بەلكىم راستىنلا سىزنى ئالداپ كارۋاتقا چىقىرۋىلىش بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر ئەر كىشى سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرسە، ئۇ ھەرگىز بۇنداق قىلمايدۇ؛ چۈنكى بىر ئەركىشى ئەگەر سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرسە، ئۇ سىز ئۈچۈن ھەرقانداق ئىشلارنى قىلىشتىن باش تارتمايدۇ ھەمدە ھەرۋاقىت سىزگە كۆڭۈل بۆلۈشنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ.