بەزىلەر چوڭقۇر مۇھەببەت مەخپى كىلىدۇ، خۇددى ئورمانلىققا يۇشۇرۇنغا روھقا ئوخشاش بولىدۇ دەيدىكەن. ئەمىلىيەتتە مۇھەببەت بەزىدە بەك يېراقلاپ كەتمەيدۇ، ئۇ سىزنىڭ ئاشىقىڭىزنىڭ يانفونىغا يۇشۇرۇنغان بولىدۇ.
بىر ئەر كىشىنىڭ سىزنى ياخشى كۆرىدىغان ياكى كۆرمەيدىغانلىقىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، بۇ ناھايىتى ئاددى بىر ئىش؛ سىز ئۇنىڭ يانفونىدا، تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل سىزنى ياخشى كۆرۈشنىڭ ئىپادىسى بار ياكى يوقلىقىغا قارىسىڭىزلا بىلەلەيسىز.

1. يانفون ئىكرانىنىڭ قۇلۇپلىغاندىكى ئارقا كۈرنۈش سىزنىڭ سۈرىتىڭىزمۇ ئەمەس؟
سىزنى كۆرسە خوشال بولۇپ كىتىدىغان ئادەم، ئۇ چوقۇم سىزنى ياخشى كۆرىدۇ؛ يانفونىنى قولىغا ئالغان ھامان سىزنىڭ رەسىمىڭىزنى كۆرۈشنى ئويلايدىغان ئادەم، ئۇ چوقۇم سىزنى ناھايىتى بەك ياخشى كۆرىدۇ؛ بۇ سەۋەبلىك ئۇ ئۆزى ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان يانفوننىڭ ئىكران ئارقا كۆرنۈشىگە ئۇ كۆرۈشنى ئەڭ خالايدىغان ئادەمنىڭ سۈرىتىنى چىقىرىپ قويىدۇ.
ئەگەر ئۇ يانفونىنىڭ ئىكران ئارقا كۈرنىشىگە سىزنىڭ سۈرىتىڭىزنى چىقىرىپ قويسا، بۇنىڭدا سىز مەيلى ئۇنىڭ يېنىدا بولۇپ ياكى بولماڭ، ئۇ ھەر ۋاقىت سىزنى كۆرۈپ تۇرالايدۇ؛ ھەر كۈنى ئەتىگەن ئورنىدىن تۇرغان ۋاقتىدا بىرىنچى بولۇپ كۆرىدىغان ئادىمى سىز بولىسىز. بۇ ھەقىقەتەن بىر كىشىنى زوقلاندۇرىدىغان قىلمىش بولۇپ، بىر ئادەم سىزنى چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرۈپ قالغاندىلا، ئۇنىڭدا ئاندىن ھەر مىنۇت ھەر سىكونت سىزنى ئەسلەيدىغان ھالەت شەكىللىنىدۇ.
مۇھەببەت ئۆز-ئارا بولىدۇ؛ كىچىك بىر ئىنچىكە ھالقىلاردىن قارشى تەرەپنىڭ سىزگە بولغان مۇھەببىتىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلىۋىلىشقا بولىدۇ؛ ئەگەر سىزمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش ئىنكاس قايتۇرۇپ، يانفونىڭىزنىڭ ئىكران ئارقا كۈرنىشىگە ئۇنىڭ سۈرىتىنى چىقىرىپ قويسىڭىز، بۇ سىلەرنىڭ مۇھەببىتىڭلارنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەم قوغداشقا ناھايىتى پايدىلىق بولىدۇ.

2. ئۇنىڭ يانفونىدىكى سىزگە قويغان ئاتاق يېقىنلىق تۇيغۇسى بىرىدىغان ئاتاقمۇ ئەمەس؟
پىسخىلوگلار ئىلگىرى بۇ ھەقتە تەتقىقات ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئەگەر بىر ئادەم ئۆزى ئۈچۈن ياكى باشقىلار ئۈچۈن بىر ئاتاق بەلگىلىسە، ئۇنداقتا بۇ ئادەم ئۆزى بىلىپ-بىلمەي بۇ ئاتاقنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئۆزىنى تەدرىجى شۇ ئاتاق تەرەپكە قاراپ تەرەققى قىلدۇرىدىكەن.
مۇھەببەت جەريانىدىكى ئاتاقمۇ ھەم شۇنداق؛ ئەگەر بىر ئەر كىشى ئۈندىداردىكى سىزنىڭ ئىزاھات ئاتىقىڭىزغا، ناھايىتى يېقىنلىق ھەم مۇھەببەتلىك تۇيغۇسى بىرىدىغان ئاتاق تەڭشەپ قويسا، ئۇنداقتا ئۇ ھەر كۈنى سىز بىلەن پاراڭلاشقان ۋاقتىدا، ئۆزىمۇ تۇيمىغان ئەھۋال ئاستىدا بۇ ئاتاق ۋەكىللىك قىلىدىغان مەنىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ماڭىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسىرى ئۇ سىزگە بولغان مۇھەببىتىنى بارغانسىرى چوڭقۇرلاپ كىتىپ بارغاندەك ھىس قىلىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەگەر بىر ئادەم سىزنى ياخشى كۆرسە، ئۇ چوقۇم يىقىنلىق تۇيغۇسىغا ئىگە ئەڭ شىرىن ئاتالغۇ بىلەن ئىككىڭلار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى سۈپەتلەيدۇ؛ بۇ ئۇنىڭ سىزگە بولغان كۆڭلىنى چۈشەندۈرۈپلا قالماي، يەنە ئۇنى ھەر قېتىم بۇ ئاتاقنى ئويلىغاندا كۆڭلى ئاجايىپ شىرىن ھىسياتلارغا تولىدىغان قىلىدۇ.

3. سىزنىڭ يانفونىڭىزدىكى پىروگىراممىلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ يانفونىدا بارمۇ يوق؟
سىزنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەم، سىز ياقتۇرىدىغان ھەر بىر ئىشنى چۈشىنىپ يىتىشنى ئويلايدۇ؛ چۈنكى ئۇ سىز ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان شەيئىلەر ھەققىدە ئېغىز-ئېغىزىڭىزغا تەگمەي سۆزلەپ كەتكەن ۋاقتىڭىزدا، ئاز-تولا پىكىر قاتناشتۇرالايدىغان بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ ھەمدە سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى دۇنيانى بىلىپ بېقىشنى ئويلايدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەگەر بىر ئەر كىشى سىزنىڭ يانفونىڭىزدىكى پىروگىراممىلارنىڭ ھەممىنى ئۆز يانفونىغا چۈشۈرۈپ قاچىلىۋالسا، بۇ بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ سىزنى تېخىمۇ بەك چۈشىنىش ئۈچۈن زىھىنىنى سەرەپ قىلىشىنى خالايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ سىزگە بولغان مۇھەببىتىنىڭ چىن كۆڭلىدىن ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ.
سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغان ئادەم، تۇرمۇشنىڭ ھەر قايسى جەھەتلىرىدىن سىزگە ئىللىقلىق ھىس قىلدۇرىدۇ؛ ئۇ ھەم سىزنى ياخشى كۆرگەنلىك سەۋەبلىك، سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزدىكى بارلىق نەرسىلەرگە كۆڭۈل بۆلىدۇ.

قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، يېشى كىچىكرەك ۋاقىتتىكى ئوغۇل، قىزلار ھەممسى مۇھەببەت دىگەن ھەر دائىم قول تۇتۇشۇپ بىرگە يۈرۈش، باشقىلارنى ھەۋەس قىلدۇرغۇدەك جاھان كىزىپ، دۇنيانىڭ راھەت-پاراغەتلىرىدىن تەڭ بەھىرلىنىش دەپ قارايدۇ؛ ئەمما ھەقىقى مۇھەببەتلەشكەندىن كىيىن بولسا، مۇھەببەتنىڭ يەنە ئاز-ئازدىن يىغىلىپ توپلانغان، تۇرمۇشنىڭ كىچىك ھالقىلىرى ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ. سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغان ئادەم ئۆزىنىڭ مۇھىم نەرسىلىرىدە سىزنىڭ ئىزنالىرىڭىزنى قالدۇرىدۇ؛ سىز ياقتۇرىدىغان نەرسىلەرنى، ئۇمۇ ياقتۇرۇشقا تىرىشىدۇ ھەمدە سىزنى ئۆزىنىڭ ھاياتىغا بىرىكتۈرىدۇ.