قېينئانىڭىزنى خوشال قىلاي دىسىڭىز، بۇلارنى بىلىۋىلىڭ!
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 8714:ئادەم ئۆگەندى
    قېيىنائانا-كىلىن مۇناسىۋىتى ھەر بىر ئايال كىشىنىڭ كۆڭلىدىكى بىر تۈگۈن بولۇپ، ھەممەيلەن قېينئانا بىلەن ئەپ ئۆتمەك تەس دىيىشىدۇ؛ ئەمىلىيەتتە، ياش جەھەتتىن كىچىك بولغان كىلىن، كۈندىلىك تۇرۇمۇش جەريانىدا، چوڭلارغا نىسبەتەن قولاققا ياقىدىغان گەپلەرنى كۆپرەك قىلىپ، چوڭلارنى خوشال قىلىپ ئۆتسە، قېينئانىلار بىلەن چىقىشىپ ئۆتۈشنىڭ ئۇنچە بەك تەس ئەمەسلىكىنى ھىس قىلالايدۇ.
1. " بالا ھەر كۈنى سىزنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدۇ"
    بالا قېيىنئانىڭىزنىڭ قەلبىدە ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ؛ سىز بالىنى ئېلىپ چوڭلارنى يوقلاپ كىلىشكە بارغاندا، قېينئانىڭىزغا " بالا ھەركۈنى سىزنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەي يادلايدۇ" دىسىڭىز، چوڭلار ئاڭلىغاندىن كىيىن، نەۋرىسىگە تېخىمۇ ئامراق بولۇپ كىتىپلا قالماي، يەنە سىزنىمۇ بالىنى ياخشى تەربىيىلەپتۇ دەپ قارايدۇ.
2. " توغرا دىدىڭىز "
    كىشىلەر ھەمىشە ئۆز پىكىرىنى قوللىغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ؛ قېينئانىڭىز بەزىبىر قاراش ياكى تەكلىپ-پىكىرلەرنى ئوتتۇرغا قويغاندا، سىز ئۇنى قوللاپ " سىزنىڭ دىگىنىڭىز توغرا، ئاساسى بار گەپ بولدى" دىگەندەك گەپلەرنى قىلىپ بەرسىڭىز بولىدۇ. قېينئانىڭىزنى خوش قىلالىسىڭىز، ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىز تەبىئىلا ناچار بولۇپ كەتمەيدۇ.
3. " سىز قىلغان تاماقلار بەك يىيشلىك، بالىمۇ بەك ياقتۇرۇپ يىدى"
    چوڭلارنى يوقلاپ تاماققا بارغىنىڭىزدا، بىر نەچچە ئېغىز ماختاشنى ئۇنتۇماسلىقىڭىز كىرەك. " بۇ تاماقلار بەكمۇ ئوخشاپتۇ، قانداق تەييارلىدىڭىز، ماڭىمۇ ئۆگىتىپ قويغان بولسىڭىز " دىگەندەك نەچچە ئېغىز ماختاشلارنى ئايىمىسىڭىز، ھەم قېيىنئانىڭىزنى خوشال قىلالايسىز، ھەم ئىككەيلەننىڭ ئوتتۇرسىدىكى ئارلىقنى يېقىنلاشتۇرالايسىز، بۇنىڭ خوشال بولمايدىغان نىمىسى بار؟
4. " سىز ھەقىقەتەن ئەرزان سېتىۋىلىپسىز "
    چوڭلار ئادەتتە ئۆزى يامان ئەمەس، ئەمما باھاسى ئەرزان نەرسىلەرنى سېتىۋىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ؛ سىز ئۇنىڭدىن نەچچە پۇلغا سېتىۋالغىنىنى سوراپ، ئۇندىن كىيىن " سىز ھەقىقەتەن ئەرزان سېتىۋىلىپسىز " دەپ ئۇنى كۆتۈرۈپ قويسىڭىز، قېينئانىڭىز بۇ گەپلرىڭىزنى ئاڭلىغاندىن كىيىن چوقۇم خوشال بولۇپ كىتىدۇ.
5. " سىز بەك زىرەككەن، بۇنداق ئىلغار قاراشلاردىنمۇ خەۋرىڭىز بار ئىكەن "
    نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بىئارام بولىدىغىنى، بالا تەربىيەلەش قارىشىنىڭ زىت كىلىپ قېلىشى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە چوڭلار ئازراق جاھىل ھەم بەزى قاراشلىرى دەۋرگە ماسلىشالمايدىغان بولۇپ قالغانلىقتىن، بەزىدە ئۇلار نەچچە يۈز قېتىم دىسىڭىزمۇ ئۇلارنىڭ ئىسىدە تۇتالىشى ناتايىن بولىدۇ. ئەمىلىيەتتە سىز ئۇسۇلنى ئالماشتۇرۇپ باقسىڭىز ئۇلار ئىسىدە چىڭ تۇتالىشىڭىز مۇمكىن، يەنى ئۇلاردىن ئاغرىنىپ زارلىنىپ ئولتۇرماي، ئەكسىچە ئۇلارنى ماختاپ بەرسىڭىز بولىدۇ.
    مەسىلەن قېيىنئانىڭىز بالىغا تاماق يىگۈزىۋاتقاندا، سىز " ئانا سىز بەكمۇ يامان ئىكەنسىز، بالىغا بىر تەرەپتىن تاماق يىگۈزۈپ، بىر تەرەپتىن بالىنىڭ ئۆزىنى يىيىشكە يىتەكلەشنىڭ بالىنىڭ مۇستەقىللىكىنى يىتلدۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىدىكەنسىز، سىزنىڭ بۇ ئۇسۇلىڭىز بەك ياخشىكەن" دىسىڭىز، قېيىنئانىڭىزنىڭ بۇنداق تۇنۇشى بولمىغان تەقدىردىمۇ، سىزنىڭ گېپىڭىز بويىچە قىلىدىغان بولىدۇ ھەمدە سىزنىڭ گەپلىرىڭىزدىن سۈيۈنۈپ كىتىدۇ.
6. " ھېلىمۇ ياخشى سىز بار بولۇپتىكەنسىز "
    مەن بالامنى تۇغقاندا قېينئانام مىنىڭ ھالىمدىن خەۋەر ئالغان. گەرچە ئۆز ئانامنىڭ يېنىدىكىدەك ئەركىن بولالمىساممۇ، ئەمما قىينچىلىق مەزگىللەردە سىزدىن خەۋەر ئالغان ئادەم سىزنى بەكمۇ تەسىرلەندۈرىدۇ. مەن تۇغۇتتىن قوپۇشتىن بۇرۇن بالا قېيىنئانام بىلەن بىللە ئۇخلايتتى.
    ئۇنىڭ ئۈستىگە پەرزەنتلىك بولغاندىن كىيىن ھەممىمىز ھىس قىلىپ يىتەلەيمىز، ئاتا-ئانا بولغۇچى باشقىلارنىڭ ئۆزىگە ئىھتىياجى چۈشكەن بۇ خىل تۇيغۇنى ياخشى كۆرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، سىز " ئانا، ھېلىمۇ سىز بار بولۇپ قاپتىكەنسىز " دەپ بىر ئېغىز دەپ قويسىڭىز، قېينئانىڭىز ئاڭلىغاندىن كىيىن، تارتقان جاپالىرىنى بىكارغا كەتمىگەنلىكىنى ھىس قىلىدۇ.

ئاياللارنىڭ ئەڭ چىرايلىق نەرسىسى زادى نىمە

ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاق كۆڭۈللۈك ئۇلارنىڭ ئاخىرقى چەك-پىرىنسىپى. ئەگەر شەخسىيەتچى، رەھىمسىز بولسا، ئۇ ئايال كىشى ھەرق

ئاياللار ئىچىدە ياخشى كۆرسىمۇ ئېغىزىدا ئىتراپ قىلمايدىغان ئىشلار

بەزىدە ئاياللارنى چۈشەنمەك ھەقىقەتەن تەس. مەسىلەن، ئۇلار ناھايىتى جەزىملەشتۈرگەن ھالدا "ماقۇل" دەيدۇ، ئەمما ھەقىقى مەنىسى "ياق" دىمەك

بۇ ئۈچ خىل مىۋە ھامىلدار ئايال ۋە ھامىيلىگە پايدىلىق

ئەگەر ھامىلدار ئاياللار قورسىقىدىكى ھامىيلىنى ساغلام يىتىلسۇن دىسە، ئاقسىل تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى يىگەندىن سىرت، يەنە مىۋ-چىۋىلەرنىم

ئاياللىق ھورمۇنى ئازلاپ كىتىشنىڭ ئالامەتلىرى

ئاياللىق ھورمۇنى، ئاياللارنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەگەر بەدەندە بۇ خىل ماددا كەمچىل بولسا، بەدەندە بى

ئاياللار ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەشنى ئۆگىنىۋىلىشى كىرەك

بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن، بەزى ئاياللار تەبىئىلا ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەيدۇ ھەمدە بۇنى شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىك دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى ئايال

نىمە ئۈچۈن تالاغا قاراپ قالغان ئاياللار ئۆزىنى توختىۋالالمايدۇ

توي قىلغاندىن كىيىن تالاغا قاراش مەسىلىسىدە، نۇرغۇن كىشىلەر نۆل قېتىم ۋە نۇرغۇن قېتىم ئېھتىماللىقىلا بار دەپ قارايدۇ. بۇ ۋاقىتتا بەلكىم

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号