بىر ياز كۈنلىرى ساپما كەش، باسنۇشكا كىيىپ زىرىكتىڭىزمۇ؟ شۇنداق، سىز ئۈچۈن سودا-سارايلارمۇ ئاياغ تۈرلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى باشلىدى. بۈگۈن بىز بىرلىكتە كۈز پەسىللىق بىر نەچچە نۇسخىدىكى ئاياغلارنى كۆرۈپ باقايلى!
مارى جانى ئايىغى
مارى جانى ئايىغى ئەڭ دەسلەپتە بىر رەسىملىك كىتاپنىڭ باش قەھرىمانى مارى.جانىدىن كەلگەن بولۇپ، ئاياغ شەكلى يۇمىلاقراق، تاسمىسى پۇت دۈمبىسى تەرەپتە، كىلاسسىكلىق تۇيغۇسىغا ئىگە ئاياغ نۇسخىسىدۇر.
مارى جانى ئايىغىنىڭ ئەڭ كۆرنەرلىك ئالاھىدىلىكى، ئۇنىڭ پۇت دۈمبىسى تەرەپكە لاھىيىلەنگەن تاسمىسى بولۇپ، ئادەمگە بىر خىل ئەركىن-ئازادىلىك تۇيغۇسى بىرىدۇ.
كۆپ تاسمىلىق لاھىيىلىنىش، ئادەتتىكى ئاياغنىمۇ نەپىسلىككە ئىگە قىلىدۇ.

پۇت دۈمبە قىسمىدىكى تاسمىدىن باشقا، ھوشۇق قىسىمغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان پاسۇندىكى ئاياغ، كۆپ قىسىم پۇت دۈمبىسىنى ئۇچۇق قالدۇرۇپ، سىزنىڭ تېخىمۇ مەدەنىي ھەم لاتاپەتلىك قىلىدۇ.
مارى جانى ئايىغىنىڭ لاھىيىلىنىش پۇتى نىسبەتەن قىسقا، بويى نىسبەتەن پاكارراق كەلگەن خانىم قىزلارغىمۇ ماس كىلىدۇ.
نۇرغۇن ئاياللار سىناشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان قىزىل، قىزغۇچ رەڭدىكى ۋە كىلاسسسىك پاسوندىكى مارى جانى ئايىغى ماسلاشتۇرۇپ كىيىلسە، سىزنى ياشلىق باھارى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان قىزلاردەك كۆرسىتىدۇ.
چاسا پاشنىلىق ئاياغ
ئىگىز پاشنىلىق ئاياغ كېيگەندە پۇتىڭىزنى ئاغرىپ كەتتى دىسىڭىز، تۈز تاپانلىق ئاياغنى نازىنىنلىقىڭىزنى يوقىتىدۇ دەپ قارىسىڭىز قاندا قىلىش كىرەك؟ ئۇنداقتا سىز ئىگىز پەسلىكى ئوتتۇرا ھال كەلگەن چاسا پاشنىلىق ئاياغنى كىيىپ سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ.
ئىگىز پاشنىلىق ئاياغقا قارىغاندا، چاسا پاشنىلىق ئاياغنىڭ بىرىدىغان پىشىپ يىتىلگەن تەننازلىق تۇيغۇسى نىسبەتەن كەمچىل بولىدۇ؛ تۈز تاپانلىق ياكى قېلىن چەمىلىك ئاياغقا قارىغاندا، چاسا پاشنىلىق ئاياغ تېخىمۇ يىنىك ھەم قولايلىق، ئۇسلۇبى ئۆزگىرىشچان كىلىدىغان بولۇپ، ھەر قانداق خانىم-قىزلارغا ماس كىلىۋىرىدۇ.
ئوتتۇرھال ئۇزۇنلۇقتىكى يوپكا ۋە كۆينەك چاسا پاشنىلىق ئاياغقا ماسلاشتۇرۇشقا ئىنتايىن ماس كىلىدىغان بولۇپ، سىزنىڭ تېخىمۇ لاتاپەتلىك كۆرسىتىپ، سالاپىتىڭىزنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.
تۇمشۇقى ئۇچلۇق نۇسخىدىكى ئاياغ
يازدا ئەركىن-ئازادە كىلىدىغان ئاياغلارنى كىيىمىز؛ كۈز كۈنلىرىدە بولسا سىزنى لاتاپەتلىك كۆرسىتىدىغان سالاپىتىڭىزنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان ئاياغلارنى تاللاپ كىيىشكە توغرا كىلىدۇ.
ئۇچلۇق تۇمشۇقلۇق ئاياغنىڭ پاچاقنى تېخىمۇ ئۇزۇن كۆرسىتىش ئۈنۈمى بار بولۇپ، ئەگەر تۈز تاپانلىق ئاياغ تاللىماقچى بولسىڭىز، تۇمشۇقى ئۇچلۇق كەلگەن ئاياغ بويىڭىزنى ھەممىدىن بەك ئىگىز كۆرسىتىدىغان، پۇتىڭىزنىمۇ ئۇزۇن كۆرسىتىدىغان پاسۇندۇر.
ئىنچىكە پاشنىلىق تۇمشۇقى ئۇچلۇق ئاياغ سىزنىڭ ئاياللىق نازىڭىزنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرىدىغان بولۇپ، پادىچىلار ئىشتىنى بىلەن ماسلاشتۇرۋالسىڭىز مودا بولۇپ كىتىسىز.
ئۇچلۇق تۇمشۇقلۇق ئاياغ كىيىم تاللىمايدىغان بولۇپ، ھەر خىل پاسون، ھەر خىل رەڭدىكى كىيىملەر بىلەن ئاسانلا ماسلاشتۇرالايسىز.