1. بىريېقىنلاپ، بىر يېراقلاپ تۇرىدىغان ئارلىق ساقلىغان ۋاقتىڭىزدا
سىزنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەم ھەرۋاقىت سىزنى كۆرۈپ تۇرۇشنى ئويلايدۇ؛ ئەگەر سىز ئۇنىڭغا بىردەم يېقىنلاپ بىردەم يېراقلاپ تۇرسىڭىز ئۇ چوقۇم چىدىيالمايدۇ؛ بۇلۇپمۇ ئۇ سىزنى قوغلىشىۋاتقان، مۇھەببەتلەشكىنىڭلارنى تېخى بىكىتمىگەن ۋاقىتتا، بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ئۇنىڭ سىزگە بولغان مۇھەببىتىنىڭ چىن دىلىدىن ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكىنى بىلىپ يىتەلەيسىز. ئەگەر ئۇ سىزنى چىن دىلىدىن ياخشى كۆرمىسە، سىلەرنىڭ ئوتتۇراڭلاردىكى ئارلىقنىڭ يېقىن ياكى يېراق بولۇشىغا بەك ئىتىبار بىرىپ كەتمەيدۇ.
2. ئۇنىڭغا مۇلايىم ھەم يېقىنچىلىق قىلىش پوزىتسىيىسىدە بولغان ۋاقتىڭىزدا
ئادەتتە ئوغۇللار قىزلارنىڭ مۇلايىملىقى ۋە يېقىنچىلىقىنى رەت قىلمايدۇ؛ ئەمما ئۇ سىزنى ياخشى كۆرمىسە ۋە سىزگە دەخلى قىلىپ قويۇشنى خالىمىسا، سىز ئۇنىڭغا قانچە يېقىنچىلىق قىلغانسىرى، ئۇ سىزدىن شۇنچە قورقىدۇ؛ بۇ بەلكىم ئىككىڭلارنىڭ ئوتتۇرسىدىكى دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ بۇزۇلۇپ كىتىشىدىن قورققىنى بولۇشى مۇمكىن ۋە ياكى سىزنىڭ ئۈستىڭىزدە ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىشنى خالىمىغانلىقى سەۋەبىدىن بولۇشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ سىزنىڭ مۇلايىملىقىڭىز ۋە يېقىنچىلىقىڭىزنى قوبۇل قىلىشنى خالىسا، بۇ سىزنى ياخشى كۆرۈدىغانلىقىدىن دىرەك بىرىدۇ؛ ئەلۋەتتە قارشى تەرەپ چوقۇم تۈز كۆڭۈل كەلگەن، باشقىلارنىڭ ھىسياتىنى ئالدايدىغان ئادەم بولمىغان بولۇشى كىرەك.
3. سىز قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان ۋاقىتىڭىزدا
بىر ئادەمنى ھەقىقى ياخشى كۆرسە، ئۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىشقا رازى بولىدۇ؛ بولۇپمۇ سىز قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن ۋاقتىڭىزدا سىزدىن ئايرىلماي، سىزگە كۆڭۈل بۆلىدۇ، سىزنى ئاسرايدۇ؛ سىز ئۈچۈن مەيدە كېرىپ چىقىپ، سىزگە ئىللىقلىق تۇيغۇسى يەتكۈزىدۇ. ئەگەر سىز چوڭراق ئاۋارىچىلىققا يولۇققان ۋاقتىڭىزدا، ئۇ ھەمىشە باھانە-سەۋەب كۆرسىتىپ سىزگە ياردەملىشىشكە بارمىسا، ئاۋارىچىلىق ئۆتۈپ كەتكەندىن كىيىن يەنە ھېچ ئىش بولمىغاندەك سىزنىڭ قېشىڭىزدا پەيدا بولسا، بۇنداق ئادەمدىن ۋاقتىدا يېراق تۇرىشىڭىز كىرەك.
4. ئۇنىڭغا سۇغۇق مۇئامىلە قىلغان ۋاقتىڭىزدا
ئەگەر سىز ئۇغۇللارنىڭ سىزنى چىن دىلىدىن ياخشى كۆرىدىغان ياكى كۆرمەيدىغانلىقىنى سىناپ باقماقچى بولسىڭىز، ئۇنىڭغا قارىتا سۇغۇق مۇئامىلە قىلىپ سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ، بەزىدە قانچىلىك سۇغۇق مۇئامىلە قىلالىسىڭىز شۇنچە سۇغۇق بولسا تېخىمۇ ياخشى. ئەگەر ئۇ سىزنىڭ سۇغۇق مۇئامىلىڭىزگە چىدىسا، بۇ ئۇنىڭ سىزگە كۆڭلى يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، چۈنكى ئۇ سىزنىڭ سۇغۇق مۇئامىلە قىلىشىڭىز ياكى قىزغىن مۇئامىلە قىلىشىڭىزغا پەرۋا قىلمايدۇ. ئەگەر ئۇ سىزنىڭ سۇغۇق مۇئامىلىڭىزگە چىدىيالمىسا، بۇ ئۇنىڭ سىزنى ياخشى كۆرىدىغىنىنى بىلدۈرىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ سىزنىڭ سۇغۇق مۇئامىلە قىلىش ياكى قىزغىن مۇئامىلە قىلىشىڭىزغا ناھايىتى بەك ئىتىبار بىلەن قارايدىغىنىنى چۈشەندۈرىدۇ.