سىرتتا كۆزنى قاماشتۇرىدىغان، ئۆيدە گۈل كەلتۈرىدىغان" بولۇش، ئاياللارغا قويۇلىدىغان ئەنئەنىۋى تەلەپ؛ ئەمما ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدە، زامانىۋى ئاياللار بۇنىڭدىن باشقا يەنە تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىشى كىرەك.
مۇستەقىل بولۇش
ئىقتىسادتا مۇستەقىل بولۇش، ئىدىيىدە مۇستەقىل بولۇش، ئادىمىيلىكى مۇستەقىل بولۇش؛ ھازىرقى زامان ئاياللىرى ھېچ بولمىغاندا ئىقتىساد جەھەتتىن بولسىمۇ مۇستەقىل بولۇش كىرەك.
كەڭ قورساق بولۇش
سىز باشقىلارنىڭ قارىشىنى توغرا دەپ بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن، ئەمما سىز ئۇنىڭ ئۆز قارىشىنى ئىپادىلەش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشىڭىز كىرەك.
ئۆزىنىڭ دۇنيا قارىشى بولۇش
مەسىلەن "ياخشى ئىشلىگەندىن، ياخشى ئەرگە ياتلىق بولغان ياخشى" دىگەندەك كۆز قاراشلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماسلىقىڭىز كىرەك؛ چۈنكى ياخشى ئەرگە ياتلىق بولۇش، ئۆزىنىڭ بەخىتلىك ياكى ئەمەسلىكىنىڭ بىردىنبىر ئۆلچىمى ئەمەس.
تويلىشىشنى بىردىنبىر تاللاش قىلىۋالماسلىق
دۇنيادىكى ئاياللارنىڭ ھەممىسى توي قىلسا، سىزنىڭمۇ چوقۇم توي قىلىشىڭىز شەرتمۇ؟ ناتايىن؛ ھەممەيلەن سىزنى بەخىتلىك بولۇڭ دەيدۇ، سىز چوقۇم بەخىتلىك بولۇشىڭىز شەرتمۇ؟ ناتايىن؛ ئاز-تولا بەخىتسىز بولۇپ قالسىڭىزمۇ ھېچۋەقەسى يوق، ھاياتلىق ئەسلىدىنلا باشتىن ئاياغ ئوڭۇشلۇق بولىدىغان ئەمەس.
چاپلىشىۋالماسلىق
ئايرىلىپ كەتكەن ۋاقىتتا، كەسكىن بولۇش، لىڭتاسمىلىق قىلىپ ئالدى كەينىگە قارىماسلىق، يىڭى زامان ئاياللىرىدا بولۇشقا تىگىشلىك ساپالارنىڭ بىرسى.
لامپۇچكا ئالماشتۇرالايدىغان، سۇ تۇربىلىرىنى ئوڭشىيالايدىغان بولۇش
لامپۇچكا ئالماشتۇرۇش، سۇ تۇربىلىرىنى ئوڭشاش دىگەنلەر ئەرلەرنىڭ ئىشى دەپ كىم دەيدۇ؟ ئۆيىڭىزدا قورال-سايمان ساندۇقىدىن بىرنى تەييارلاپ قويسىڭىز، بۇلارنىڭ ھەممىسى مەسىلە بولالمايدۇ؛ ئەمما ئىرىڭىز بۇ سەۋەپلىك ھېچقانداق "پايدىلىنىش قىممىتى" يوق بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
ھىسابات قىلىشنى بىلىش
كىرىم-چىقىمنى خاتىرلەپ مېڭىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، ئۇنى تۈرلەرگە ئايرىپ تەپسىلى تۇتۇش، ئەڭ مۇھىمى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ مېڭىش.
بالا بېقىش
ئانا بولۇش ھەم ئايال بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، چوقۇم ئۆزىڭىز مۇستەقىل ھالدا بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالايدىغان ئىقتىدارىڭىز بار بولۇشى كىرەك.
كىتاپ ئوقۇش ئادىتىنى تاشلىۋەتمەسلىك
كىتاپ ئوقۇش، رىئال دۇنيادىن خىيالى دۇنياغا كىرىشتىكى ئەڭ ئاددى ئۇسۇل، شۇڭا نىمە كىتاپ ئوقۇسىڭىز مەيلى ئەمما بۇ ئادىتىڭىزنى تاشلاپ قويماڭ.
ئاز دىگەندىمۇ بىر خىل قىزىقىشى بار بولۇش
ئەرمەك ھايۋان بېقىش، گۈل پەرۋىش قىلىش، رەسىم سىزىش، ساياھەتكە چىقىش...قاتارلىقلار، مەيلى قايسسى بولمىسۇن، ھېچبولمىغاندا بىر خىل قىزىقىشىڭىز بولسۇن.
ئاز دىگەندىمۇ بىر خىل بېسىمنى يەڭگىللىتىش ئۇسۇلى بولۇش
تەشۋىشلەنگەن ۋاقىتلاردا، بەزىلەر توختىماي توردىن نەرسە سېتىۋالىدۇ، بەزىلەر بېشىنى چۆكۈرۈپ تازىلىق قىلىدۇ. سىزنىڭمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىرەر بېسىم يەڭگىللىتىش ئۇسۇلىڭىز بولسۇن.
ئاز دىگەندىمۇ بىر خىل چەتئەل تىلى بىلىش
ھازىر ئاز دىگەندىمۇ بىر خىل چەتئەل تىلى بىلىش، خىزمەتتىكى جەزمەن بولۇشقا تىگىشلىك ماھارەتنىڭ بىرسى بولۇپلا قالماستىن، تۇرمۇشتىمۇ ھەم شۇنداق. ئاز دىگەندىمۇ بىر خىل چەتئەل تىلى، بولۇپمۇ ئىنگىلىز تىلىنى بىلسىڭىز، تورغا چىقىش ياكى باشقا ئىجتىمائى پائالىيەتلەر بولسۇن، سىزگە كۆپ قولايلىق يارىتىدۇ.