قېيىنئانىڭىزنى توختىتىپ قويالايدىغان 10جۈملە سۆز
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 8754:ئادەم ئۆگەندى
      تۇرمۇشتا، ئەگەر داۋلى چۈشەنمەيدىغان، بىرەر ئەھۋال بولۇپ قالسا، ئىرىڭىزگىلا يان بېسىپ، سىزنى ئەيىبلەيدىغان قېيىنائانىلارغا ئۇچراپ قالسىڭىز، ئۇنداقتا تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى قوللىنىپ باقسىڭىز بولىدۇ.
     1. ئوغلىڭىز پەقەت ئادەتتىكى بىر ئادەم خالاس، سىز ئويلىغاندەك ئۇنداق قالتىس ئەمەس. مىنىڭ ئوغلىڭىزغا ياتلىق بولۇشۇم مىنىڭ يۇقىرغا ياماشقىنىم ئەمەس، كىلىنىڭىزنى قەدىرلەشنى بىلىڭ!
     2. ئوغلىنىڭ قانچىلىك ھۇرۇن ئىكەنلىكىنى ئانىسى ئوبدان بىلىدۇ؛ سىز ئوغلىڭىزنى ئۇنداق ئالدىراش مۇنداق ئالدىراش، شۇڭلاشقا ئۆي ئىشلىرىنىڭ ھەممىنى كىلىن قىلىشى كىرەك دەپ قالماڭ، ئۇنىڭ باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىش، ئويۇن ئويناش بىلەن ئالدىراش بولىدىغىنىنى سىز ئەمىلىيەتتە بەش قولدەك بىلىسىز.
     3. كىلىنىڭىزگە ئوغلۇمدىن مەن ئۇنىڭدىن خەۋەر ئالغانغا ئوخشاش خەۋەر ئېلىڭ دىمەڭ. چۈنكى ئۇ سىزنىڭ ئوغلىڭىز بولغان بىلەن، ئەمما مىنىڭ ئىرىم، شۇڭا مەن ئۇنى پەقەت ئىرىم قاتارىدا كۆرىمەن، ئوغلۇم قاتارىدا كۆرمەيمەن.
     4. ئوغلىڭىزنىڭ ئالدىدا مىنىڭ يامان گېپىمنى قىلماڭ؛ سىز بۇنداق قىلسىڭىز بىزنىڭ توختىماي جىدەل قىلىشىمىزنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاخىردا ئاجرىشىپ كىتىشكە ئېلىپ بارىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ سەۋەبىڭىزدىن بىز ئاجرىشىپ كەتسەك، سىزنىڭ گۇناھىڭىز ئېغىر بولىدۇ.
     5. مەن تۇغقان ۋاقتىمدا بالا ئىمىتكەن ۋاقىتلىرىمدا ياردەم قىلمىسىڭىز مەيلى، سىز ھەتتا سىزنىڭ بۇنداق مەجبۇرىيىتىڭىز يوق دىسىڭىزمۇ بولىدۇ؛ ئەمما ئىسىڭىزدىن چىقارماڭكى، سىزمۇ باشقىلارنىڭ ھالىڭىزدىن خەۋەر ئېلىشىغا مۇھتاج بولغاندا، ئوغلىڭىزنى ئىزدەڭ مىنى ئىزدىمەڭ.
      6. ئوغلىڭىز ماڭا ياردەملىشىپ ئاز-تولا ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشىپ بەرسە، ئۇنى ئۇۋالچىلىق تارتتى دەپ كەتمەڭ؛ چۈنكى بۇ ئۆي ئىككى ئادەمنىڭ، ئوغلىڭىزنىڭمۇ مەجبۇرىيىتى بار.
      7. باشقىلارنىڭ كىلىنى ئۇنداق ياخشىكەن، مۇنداق ياخشىكەن دەپ كەتمەڭ؛ ياخشى بىر كىلىنىم بولسۇن دىسىڭىز، سىزمۇ ئاۋال ياخشى بىر قېيىنئانا بولىشىڭىز كىرەك.
     8.  ئوغلىڭىزغا ياخشى مۇئامىلە قىلسىڭىز، كىلىنىڭىز سىزگە قەرزدار بولۇپ قالىدىغاندەك ئويلاپ قالماڭ. ئەگەر سىز كىلىنىڭىزنى سىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلىشىنى، ھالىڭىزدىن ياخشى خەۋەر ئېلىشىنى ئويلىسىڭىز، سىزمۇ كىلىنىڭىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلىڭ؛ مىنىڭ تەلىپىمنى باشقىلار چوقۇم قانائەتلەندۈرۈشى كىرەك دەپ ئويلاپ قالماڭ.
      9. ھەدىسىلا مىنىڭ ئاتا-ئانامنىڭ نەچچە پۇلى بارلىقى، نەچچە يەردە ئۆيى بارلىقىنى پايلاپ يۈرمەڭ، قانچىلىك كۆپ بولۇشىدىن قەتئىنەزەر سىز بىلەن ئالاقىسى يوق.
     10. مەن ئاتا-ئانامنىڭ قېشىغا ئۇلارنى يوقلاپ بارغاندا، ئۇلارغا نەرسە-كىرەك ئالغاچ بارسام، ھەسەت قىلىپ كەتمەڭ؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ مەن ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەللىرى ھىسابسىز كۆپ. 
    ئەمىلىيەتتە قېينئانا-كىلىن مۇناسىۋىتىنى ساقلاشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل، ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىمىزنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىنى ياخشى كۆرۈش؛ يەنى قېيىنئانا ئوغلىنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن ئۇ سۆيىدىغان ئايالنى—كىلىنىنى  ياخشى كۆرۈش؛ كىلىن ئىرىنى سۆيگەنلىكى ئۈچۈن ئۇ ياخشى كۆرىدىغان ئايالنى—قېينئانىسىنى ياخشى كۆرۈش لازىم.
     ئائىلە مۇناسىۋىتىدە، ئەرلەر ئايالىنى قوغداشقا ئازراق تىرىشىپ بەرسە، ئارامبەخىش بىر ئائىلە كەيپىياتى شەكىللەندۈرەلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەرلەر ھەم ئوغۇل ھەم ئەر سالاھىيىتىدە بولغان "ئوتتۇرلۇقتىكى ئادەم" بولۇش سۈپىتىدە، ھەر ۋاقىت ئەرلىك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ ئۆتۈشى كىرەك؛ ئايالىنى ئەمرىگە ئالغان ئىكەن، ئۇنى ياخشى قەدىرلەشنى بىلىشى كىرەك.

ئاياللارنىڭ ئەڭ چىرايلىق نەرسىسى زادى نىمە

ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاق كۆڭۈللۈك ئۇلارنىڭ ئاخىرقى چەك-پىرىنسىپى. ئەگەر شەخسىيەتچى، رەھىمسىز بولسا، ئۇ ئايال كىشى ھەرق

ئاياللار ئىچىدە ياخشى كۆرسىمۇ ئېغىزىدا ئىتراپ قىلمايدىغان ئىشلار

بەزىدە ئاياللارنى چۈشەنمەك ھەقىقەتەن تەس. مەسىلەن، ئۇلار ناھايىتى جەزىملەشتۈرگەن ھالدا "ماقۇل" دەيدۇ، ئەمما ھەقىقى مەنىسى "ياق" دىمەك

بۇ ئۈچ خىل مىۋە ھامىلدار ئايال ۋە ھامىيلىگە پايدىلىق

ئەگەر ھامىلدار ئاياللار قورسىقىدىكى ھامىيلىنى ساغلام يىتىلسۇن دىسە، ئاقسىل تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى يىگەندىن سىرت، يەنە مىۋ-چىۋىلەرنىم

ئاياللىق ھورمۇنى ئازلاپ كىتىشنىڭ ئالامەتلىرى

ئاياللىق ھورمۇنى، ئاياللارنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەگەر بەدەندە بۇ خىل ماددا كەمچىل بولسا، بەدەندە بى

ئاياللار ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەشنى ئۆگىنىۋىلىشى كىرەك

بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن، بەزى ئاياللار تەبىئىلا ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەيدۇ ھەمدە بۇنى شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىك دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى ئايال

نىمە ئۈچۈن تالاغا قاراپ قالغان ئاياللار ئۆزىنى توختىۋالالمايدۇ

توي قىلغاندىن كىيىن تالاغا قاراش مەسىلىسىدە، نۇرغۇن كىشىلەر نۆل قېتىم ۋە نۇرغۇن قېتىم ئېھتىماللىقىلا بار دەپ قارايدۇ. بۇ ۋاقىتتا بەلكىم

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号