ئەرلەر بىلەن ئاياللار ئوتتۇرسىدىكى پەرق زادى قانچىلىك چوڭ؟
ئۇلار ئوتتۇرسدىكى پەرق ئالەمشۇمۇل چوڭ...
مەسىلەن:
ئوغۇل دوستى قىز دوستىغا دەيدۇ: سىز يىڭىدىن ئالغان يۈزيۇيۇش سوپۇنى زەنجىۋىل تەملىك ئىكەن ھە ؟
قىز دوستى ئاڭلىغاندىن كىيىن، بۇ دۆت ئاپلىسىن پۇرىقى بىلەن زەنجىۋىل پۇرىقىنىمۇ ئايرىيالمايدۇ دەپ ئويلايدۇ؛ كەينىدىنلا ئوغۇل دوستىنىڭ زەنجىۋىل يىيىشنى ياخشى كۆرمەيدىغىنىنى ئويلايدۇ؛ بۇ ۋاقىتتا، ئۆزىنىڭ ئوغۇل دوستىغا ناھايىتى ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغىنىنى، تاماق قىلغاندا ئەزەلدىن زەنجىۋىل ئىشلەتمەيدىغىنىنى ئىسىگە ئالىدۇ؛ كەينىدىن ئۇلاپلا ئوغۇل دوستىنىڭ ئۆزىنىڭ كۆكمۇچ يىمەيدىغىنىنى ھە دىسىلا ئىسىدىن چىقىرىپ قويىدىغىنىنى ئەسكە ئالىدۇ؛ يەنە كەينىدىن ئەمما ئوغۇل دوستىنىڭ ئالدىنىقى قىز دوستىنىڭ پۇرچاق ئۈندۈرمىسى يىمەيدىغانلىقىنى ھازىرغىچە ئۇنتۇپ قالمىغانلىقىنى ئىسىگە ئالىدۇ دە، ئوغۇل دوستىنىڭ ئالدىدىكى سورىغان سۇئالىغا جاۋاپ قايتۇرىدۇ: "ئۆزىڭىز يالغۇز ئۆتۈڭ بولدى....." .
ئوغۇل دوستى بۇ جاۋاپنى ئاڭلاپ، نىمە بولغىنىنى ئاڭقىرالمايلا قالىدۇ.
ئاياللار بۇ خىل لوگىكىنى چۈشىنەلەيدۇ، ئەمما ئەرلەر پۈتۈنلەي چۈشىنەلمەيدۇ.

ئەگەر بىز ئاياللارنىڭ تەپەككۇرىدا مۇھەببەتلەشسەك، بىز ھەمىشە مۇنداق سۇئاللارنى ئۇچرىتىمىز:
ئۇ مىنى چىن دىلىدىن ياخشى كۆرەمدىغاندۇ؟
نىمە ئۈچۈن بىز جىدەللىشىپ قالساقلا، ئۇجىمجىت بولۇۋالىغاندۇ؟
مەن ئۈچۈن پۇل خەجلەشكە ئۇنىڭ نىمىشقا كۆزى قىيمايدۇ؟
ئۇ تېخى يالغان ئېيتىشنى ئۆگىنۋاپتىغۇ؟
....
ئاياللارنىڭ داۋاملىق ئويلايدىغىنى، ئۇ مىنى ياخشى كۆرەمدۇ كۆرمەمدۇ؟ زادى ياخشى كۆرەمدۇ يوق؟ ئەمما ئەرلەرگە نىسبەتەن، ھىسيات ئۇلارنىڭ دۇنياسىنىڭ بىر قىسمى، ئۇلار تېخىمۇ مۇھىم بىلىدىغىنى، بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىش كىرەك؟ سىزنىڭ بۇ لوگىكىڭىز قانداق پەيدا بولدى ئەمدى؟ بۇ قەستەن چاتاق تاپقانلىق ئەمەسمۇ؟...

ئەگەر ئاياللار ئەرلەرنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، بىر ئەر كىشى بىلەن مۇھەببەتلەشسە، ئۇنداقتا ئىككەيلەن ئوتتۇرسىدىكى %90 مەسىلە قايتا مەۋجۇت بولمايدۇ.
مۇھەببەت ئوڭۇشلۇق بولمىسا، تويدىن كىيىنكى تۇرمۇش كۆڭۈلدىكىدەك بولمىسا، ئىرىڭىز سىزگە سىز ئويلىغاندەك ئامراقلىق قىلمىسا، بۇ بەلكىم سىزنىڭ ئەرلەرنىڭ كۆڭلىنى چۈشەنمىگەنلىكىڭىزدىن بولۇشى مۇمكىن؛ ئوتتۇرلۇقتا پەرق بولغانلىق سەۋەپلىك، ئاياللار ھەمىشە كىچككىنە بىر ئىشلارنىڭ ياكى ئەرزىمەس بىرەر قېتىملىق گەپ تالىشىپ قېلىشنىڭ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، "سىز مىنى ياخشى كۆرمەيدىغان بولۇپ قالدىڭىزمۇ؟"غا ئۆزگەرتىۋىتىدۇ؛ ئەمىلىيەتتە نۇرغۇن ئىشلار پەقەت ئەر ۋە ئايال كىشى ئوتتۇرسىدىكى پەرقتىنلا كىلىپ چىقىدۇ خالاس.

ئەرلەر "يۇقىرى ئورۇن" يۆنىلىشىدە تەپەككۇر قىلىدۇ
"يۇقىرى ئورۇن" يۆنىلىشىدە تەپەككۇر قىلىش دىگەن نىمە؟ سىز ئەرلەرنىڭ ھەممىدىن بەك ئىتىبار بىرىدىغان نەرسىسى نىمە، بۇنى ئويلاپ باقسىڭىزلا ئۇنىڭ مەنىسىنى چۈشىنەلەيسىز.
ئەرلەر غۇرۇر، قىممەت تۇيغۇسى، ھوقۇق قاتارلىقلارغا ئەڭ ئىتىبار بىرىدىغان بولۇپ، ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، مەيلى كىمنىڭ ئالدىدا بولمىسۇن، ئۆزىنىڭ "يۇقىرى ئورنىنى" گەۋدىلەندۈرۈشنى ئويلايدۇ؛ ئۇلار يول سوراش، پىسخىك مەسلىھەت سوراش، ئۆزىنىڭ كەمچىلىكلىرىنى باشقىلارغا ئاشكارىلاش قاتارلىقلارنى ياقتۇرمايدۇ، چۈنكى بۇنداق "تۆۋەن ئورۇن"غا چۈشۈپ قالىدىغان ئىشلار ئۇلارنىڭ يۈزىنى تۆكىۋىتىدۇ.
ئاياللار"تۆۋەن ئورۇن" يۆنۈلىشىدە تەپەككۇر قىلىدۇ.
بۇ دىگىنىمىز بىر دەرىجە تۆۋەن تۇرىدۇ دىگەنلىك ئەمەس، بەلكى ئاياللار يېقىنلىق تۇيغۇسىغا تېخىمۇ بەكرەك ئېتىبار بىلەن قارايدىغان بولۇپ، ئۆزى تۆۋەن ئورۇندا تۇرۇپ قالدىمۇ يوق دىگەنلەرگە پەرۋا قىلىپ كەتمەيدۇ، ئۇلار ئاجىزلىق بىلدۈرۈش ۋە ياردەم سوراشنى خالايدۇ.

ئەرلەرنىڭ ئۆزىنىڭ كۈچلۈك ئورنىنى گەۋدىلەندۈرۈشنى ياخشى كۆرىشىگە قارىغاندا، ئاياللار ئۆزىنىڭ يېقىنلىق تۇيغۇسىنى ئىپادىلەشنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار ئۆزىنىڭ مەسىلىسى ۋە مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاشنى، مۇناسىۋەتنى يېقىنلاشتۇرۇشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى دەپ قارايدۇ.
ئەر، ئاياللار ئوتتۇرسىدىكى بۇ خىلدىكى پەرقلەر، مۇھەببەت جەريانىدىكى نۇرغۇن ئۇقۇشماسلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مۇھەببەتتە،ئاياللار ئەرلەرنىڭ كۆڭلىنى چۈشەنگەنسىرى، ئەرلەرگە ئوخشاش تەپەككۇر قىلىشنى ئۆگەنگەنسىرى، جىدەللىشىش ۋە گەپ تەگىشىشلەرنى ئازايتقىلى بولىدۇ، شۇنداقلا مۇھەببىتىنى ئوڭۇشلۇق تەرەققى قىلدۇرۇپ، ئىرىنىڭ قەلبىنى ئۇتۇۋىلىشىغا زور پايدىسى بار بولىدۇ.