ئايال چولپانلارنىڭ سۈيۈشۈش كۆرنۈشلىرىگە رول ئېلىشتا قوللانغان ئۇسۇللىرى
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 8225:ئادەم ئۆگەندى
     كىنو-فىلىملارنى سۈرەتكە ئالغاندا، ھەقىقىيلىق تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، نۇرغۇن كۈرنۈشلەردە ئارتىستلار ئۆزى رول ئوينايدۇ؛ بۇ سەۋەبلىك بەزى ۋاقىتلاردا سۈيۈشۈش كۆرنۈشلىرىنى سۈرەتكە ئالغان ۋاقىتتىمۇ، ئارتىستلارنىڭ  ھەقىقى رول ئېلىنىشى تەلەپ قىلىنىدىغان ئەھۋاللار بولۇپ قالىدۇ.
    بەزى ۋاقىتلاردا ئەر چولپانلار بىرىنچى قېتىم سۈيۈشۈش كۆرنىشىدە رول ئالغانلىقى ياكى بەك بىرىلىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن، سۈيۈشۈش كۈرنۈشلىرىنى سۈرەتكە ئېلىۋىتىپ، فىزىلوگىيىلىك ئىنكاس پەيدا بولۇپ قالىدىغان ئەھۋاللار كۆرلىدىغان بولۇپ، بۇنداق ۋاقىتتا كەيپىيات ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىپ، ئايال چولپانلار ئۆزىنى ھۆرمەت قىلىنمىغاندەك ھىس قىلىپ قالىدۇ؛ ئەمما كەسپى ئەخلاق سەۋەبلىك ئۇلار يەنىلا سۈرەتكە ئېلىشقا داۋاملاشتۇرۇشقا مەجبۇر بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، بۇنداق ئەھۋاللارغا قارىتا ئۆزىگە خاس "ھەل قىلىش" قىلىش ئۇسۇللىرىنى ئويلاپ چىققان.
      مەسىلەن خۇاڭ شىياۋمىڭ بىلەن سۇڭ چىيەن بىر قېتىملىق سۈيۈشۈش كۆرنۈشىنى سۈرەتكە ئېلىش جەريانىدا، خۇاڭ شىياۋمىڭ بەك بىرىلىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن، كىنوغا سۈرەتكە ئېلىۋاتقانلىق ئەمىلىيىتىنى ئۇنتۇپ قېلىپ، سۈرەتكە ئېلىش ئاياغلاشقاندىمۇ ھىسياتىنى يېغالماي، سۇڭ چىيەننى سۈيۈۋاتقان ئېغىزىنى بوشاتمىغان؛ بۇ ۋاقىتتا سۇڭ چىيەن بىۋاستىلا خۇاڭ شىياۋمىڭنىڭ كالپۇكىنى چىشلىۋالغان، بۇنىڭ بىلەن خۇاڭ شىياۋمىڭمۇ دەرھال ئەس-ھۇشىنى تاپقان.
     جۇڭ خەنلىياڭ رول ئېلىش ماھارىتى ناھايىتى يۇقىرى بولغان ئارتىستلارنىڭ بىرى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزىمۇ قاملاشقان بولغاچقا، نۇرغۇن ئايال چولپانلارمۇ ئۇنىڭ مەستانىلىرى ھىسابلىنىدۇ. جۇڭ خەنلىياڭنىڭ ئايال چولپانلارنى رول ئېلىش تۇيغۇسىغا ئېلىپ كىرىش ماھارىتى ناھايىتى ئۈستۈن بولۇپ، ئايال كىنو چولپىنى جاڭ جۈن نىڭ بىلەن  بولغان بىر قېتىملىق سۈيۈشۈش كۆرنىشىنى سۈرەتكە ئېلىش جەريانىدا، ئىككەيلەن پۈتۈنلەي ئېلىۋاتقان رول ئىچىگە بىرىلىپ كەتكەن بولۇپ، ھەتتا رىژىسورمۇ ئىككەيلەننى مۇھەببەت دېڭىزىغا چۆكۈپ كەتكەندەك ھىس قىلغان. شۇنىڭدىن كىيىن، ئايال چولپان لى شىياۋ رەن بىر قېتىم جۇڭ خەنلىياڭ بىلەن سۈيۈشۈش كۆرنىشىگە رول ئالغاندا، لى شىياۋرەن جۇڭ خەنلىياڭنىڭ رول ئېلىشقا "بەك بىرىلىپ" كىتىشىدىن ئەنسىرەپ، سۈرەتكە ئېلىشنى باشلاشتىن بۇرۇن كۈدە قىيمىسىدا تەييارلانغا جۇۋاۋا يەۋالغان، بۇنىڭ بىلەن سۈرەتكە ئېلىش جەريانىدا جۇڭ خەنلىياڭمۇ رول ئېلىشقا "بەك بىرىلىپ" كىتىشكە ئامالى بولمىغان، گەرچە بىئارام بولغان بولسىمۇ، كەسپى ئەخلاقنى ئويلاپ، سۈرەت ئېلىش ئاخىرلاشقۇچە بەرداشلىق بەرگەن.
     بەزى ۋاقىتلاردا سۈيۈشۈش كۆرنىشىنى "ئورۇن ئۆتنە ئېلىش" ئۇسۇلى قوللىنىپ سۈرەتكە ئېلىشقا بولىدىغان بولۇپ، ھەقىقى سۈيۈشۈش كەتمەيدۇ، بۇنداق بولسا ئەڭ ياخشى بولىدۇ. ئەمما بەزى ۋاقىتلاردا بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللىنىشقا ئامال بولمىغان ۋاقىتتا، بەزى ئايال چولپانلار ئېغىزىغا يىڭى ساقلاش پىلاستىرى چاپلىۋىلىش ئۇسۇلىنى قوللانغان. ئەمما دىلرابا بولسا ئېغىزىغا بانكا كارتىسى سېلىۋىلىش ئۇسۇلىنى قوللانغان. بىر قېتىم دىلرابا بىلەن دېڭ لۈننىڭ بىر سۈيۈشۈش كۆرنىشىنى سۈرەتكە ئېلىش لازىم بولغاندا، رىژىسور ھەقىقىيلىق تۇيغۇسى چىقمىسا بولمايدۇ دەپ، "ئورۇن ئۆتنە ئېلىش" ئۇسۇلىنى قوللىنىشنى خالىمىغان، شۇنىڭ ئۈچۈن دىلرابا ئېغىزىغا بانكا كارتىسى سېلىۋىلىش ئۇسۇلىنى قوللانغان.
     ھەممىدىن يامىنى يەنىلا ياڭ مىي، ياڭ مىي كىنو-فىلىم ساھەسىگە قەدەم قويغاندىن باشلاپ، ئىزچىل تۈردە داڭلىنىپ كەلدى؛ ياش كىنو چولپىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن سۈيۈشۈش كۈرنۈشلىرىگە چىقىدىغان ئەھۋاللارمۇ دائىم كۆرلۈپ تۇرىدۇ، شۇڭلاشقا ياڭ مىينىڭمۇ بۇنداق ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرىدىغان ئاماللىرى ناھايىتى كۆپ. ھەممىمىزگە تۇنۇشلۇق بولغان "ئۈزۈلمەس رىشتە" ناملىق تىلىۋىزىيە-تىياتىرىنى سۈرەتكە ئېلىش جەريانىدا، ياڭ مىي بىلەن جاۋ يوۋ تىڭنىڭ سۈيۈشۈش كۈرنىشى بار بولۇپ، ياڭ مىي بۇ كۈرنۈشلەرنى سۈرەتكە ئېلىشتىن ئاۋال ھەر قېتىمدا ناھايىتى كۆپ سامساق يەۋەلغان؛ بۇ قىلمىش بىچارە جاۋ يوۋ تىڭنى ناھايىتى بىئاراملىق ھىس قىلدۇرۇپ، ياڭ مىيغا گەپ قىلىشنىمۇ خالىمايدىغان قىلىپ قويغان.

ئاياللارنىڭ ئەڭ چىرايلىق نەرسىسى زادى نىمە

ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاق كۆڭۈللۈك ئۇلارنىڭ ئاخىرقى چەك-پىرىنسىپى. ئەگەر شەخسىيەتچى، رەھىمسىز بولسا، ئۇ ئايال كىشى ھەرق

ئاياللار ئىچىدە ياخشى كۆرسىمۇ ئېغىزىدا ئىتراپ قىلمايدىغان ئىشلار

بەزىدە ئاياللارنى چۈشەنمەك ھەقىقەتەن تەس. مەسىلەن، ئۇلار ناھايىتى جەزىملەشتۈرگەن ھالدا "ماقۇل" دەيدۇ، ئەمما ھەقىقى مەنىسى "ياق" دىمەك

بۇ ئۈچ خىل مىۋە ھامىلدار ئايال ۋە ھامىيلىگە پايدىلىق

ئەگەر ھامىلدار ئاياللار قورسىقىدىكى ھامىيلىنى ساغلام يىتىلسۇن دىسە، ئاقسىل تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى يىگەندىن سىرت، يەنە مىۋ-چىۋىلەرنىم

ئاياللىق ھورمۇنى ئازلاپ كىتىشنىڭ ئالامەتلىرى

ئاياللىق ھورمۇنى، ئاياللارنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەگەر بەدەندە بۇ خىل ماددا كەمچىل بولسا، بەدەندە بى

ئاياللار ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەشنى ئۆگىنىۋىلىشى كىرەك

بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن، بەزى ئاياللار تەبىئىلا ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەيدۇ ھەمدە بۇنى شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىك دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى ئايال

نىمە ئۈچۈن تالاغا قاراپ قالغان ئاياللار ئۆزىنى توختىۋالالمايدۇ

توي قىلغاندىن كىيىن تالاغا قاراش مەسىلىسىدە، نۇرغۇن كىشىلەر نۆل قېتىم ۋە نۇرغۇن قېتىم ئېھتىماللىقىلا بار دەپ قارايدۇ. بۇ ۋاقىتتا بەلكىم

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号