گىرىمىڭىز بۇزۇلۇپ كەتسە قانداق قىلىسىز؟
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 8999:ئادەم ئۆگەندى
    خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ ئىشىكتىن چىقىشتىن بۇرۇن گىرىم قىلىشى مۇقەررەر؛ ئەمما سىزنىڭ كۆڭۈل قويۇپ قالغان گىرىمىڭىز، ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۆيدىن چىقىپ ئۇزۇنغا بارمايلا بۇزۇلۇپ كىتىدىغان ئەھۋاللار يۈز بىرىدۇ. بۈگۈن بىز كۆپچىلىك بىلەن بىرگە گىرىم تۇلۇقلاشتىكى بىر نەچچە كىچىك ماھارەتلەرنى كۆرۈپ باقايلى!
     يازدا تەر كۆپ چىقىدۇ، بۇ سەۋەبلىك يۈزىمىزگە سۇۋىغان ئاقارتىش مېيى ئاسانلا تەرلەپ چىققان مايلاردا ئىرىپ كىتىدىغان بولۇپ، يۈزىمىزدە داغ سەپكۈندەك چىكىتلەر پەيدا بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن گىرىم تۇلۇقلاشنىڭ بىرىنچى قەدىمى، ئالدى بىلەن تازىلىق قەغىزى ياكى ماي سۈمۈرۈش قەغىزىدە يۈز تىرىمىزنى يىنىك ھالدا نەچچە قېتىم بېسىپ بىرىمىز، بۇنىڭدا تەرلەپ چىققان مايلار ۋە ئىرىپ كەتكەن ئاقارتىش مايلىرى تازىلىنىدۇ.
     ئەگەر چىققان ماي بەك كۆپ بولمىسا، يۈزىمىزدىن يېراقراق تۇتۇپ تۇرۇپ، يۈزىمىزگە پۈركۈمە پۈركەيمىز.
    بۇنىڭدا تازىلىق قەغىزىنىڭ تىرىمىزنىڭ يۈز قىسمىدىكى ئاقارتىش مايلىرىنى سۈمۈرۋىلىشىغا قولايلىق بولۇپ، بۇندىن باشقا يەنە يۈزىڭىزگە سۇ تۇلۇقلاپ، كىيىنكى قەدەملىك گىرىم تۇلۇقلاشنىڭ تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق بولىشىغا پايدىسى بولىدۇ. بۇ يەردە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بىر ئىش شۇكى، پۈركىگەن ۋاقىتتا كۆز گىرىمىڭىزنى توسۇۋىلىشنى ئۇنۇتماڭ، بولمىسا كۆز گىرىمىڭىزنى بۇزۇۋىتىدۇ.
     كىيىنكى قەدەمدە، كۆز گىرىمى قىسمىغا كىلىمىز؛ كۆز ئەتراپى تىرىسىدىن ماي كۆپرەك چىقىدىغانلارنىڭ كىرپىكى ئاستىنقى كۆز چانىقىغا تىگىپ، كىرپىك لاكى ئاسانلا ئىرىپ ئاستىنقى كۆز چاناقىغا يۇقۇپ، سىزنى ئاسانلا "مۈشۈك ئېيىق"قا ئوخشىتىپ قويىدۇ...
     بۇنىڭدا سىز ئىشىكتىن چىقىش ئالدىدا، سومكىڭىزغا نەچچە تال پاختىلىق شارىكباش(棉签) سېلىۋالسڭىز بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن گىرىم بۇزۇلغان قىسىمنى ئاۋايلاپ سۈرتىۋەتسىڭىز بولىدۇ.
    ئەگەر لاك قېتىۋىلىپ چىقىپ كەتمىسە، پاختىلىق شارىكباشنى سۇغا تەككۈزگەندىن كىيىن، گىرىم بۇزۇلغان قىسىمدىكى تىرىڭىزگە تەككۈزۈپ تۇرۇپ دومىلىتىپ بەرسىڭىز بولىدۇ، ئەمما كۈچەپ سۈرتۈشتىن ساقلىنىڭ، بولمىسا تىرىڭىزنى تارتىشتۇرۇپ ئىنچىكە قورۇق پەيدا قىلىپ قويىدۇ.
    ئەمدى رەسمى گىرىم تۇلۇقلاشنى باشلىساق بولىدۇ. سىرتلاردا ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك بۇلۇتلۇق ئاقارتىش مېيىنى يۈزىڭىزگە يىنىك تەككۈزۈپ بىر قەۋەت تەگ تۇلۇقلىسىڭىز بولىدۇ.
    ئالدىدا سۈرتۈۋەتكەن قىسىملارغا، مەسىلەن كۆز چانىقى، كۆز بۇرجەكلىرى قاتارلىق جايلارغا پاختىلىق شارىكباشنى ئاقارتىش مېيىغا تەككۈزۈپ تۇلۇقلىسىڭىز بولىدۇ.
    ئەگەر يېنىڭىزدا ئەڭلىك بولمىسا، لەۋ سۇرۇخى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ؛ ئاۋال يۈزىڭىزگە تەككۈزۈپ، بارماقلىرىڭىزدا يىنىككىنە ئۇرۇپ تاقىتىۋەتسىڭىزلا بولىدۇ.
    كەينىدىن پۈركۈمە ئىشلىتىپ يۈز گىرىمىڭىزنى مۇقۇملاشتۇرسىڭىز بولىدۇ.
    ئاخىرىدا ئەھۋالغا قاراپ كۆز گىرىمىڭىزنى تۇلۇقلاپ، لەۋ سۇرۇخى سۈرىۋالسىڭىز ئىش تامام بولىدۇ.

ئاياللارنىڭ ئەڭ چىرايلىق نەرسىسى زادى نىمە

ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاق كۆڭۈللۈك ئۇلارنىڭ ئاخىرقى چەك-پىرىنسىپى. ئەگەر شەخسىيەتچى، رەھىمسىز بولسا، ئۇ ئايال كىشى ھەرق

ئاياللار ئىچىدە ياخشى كۆرسىمۇ ئېغىزىدا ئىتراپ قىلمايدىغان ئىشلار

بەزىدە ئاياللارنى چۈشەنمەك ھەقىقەتەن تەس. مەسىلەن، ئۇلار ناھايىتى جەزىملەشتۈرگەن ھالدا "ماقۇل" دەيدۇ، ئەمما ھەقىقى مەنىسى "ياق" دىمەك

بۇ ئۈچ خىل مىۋە ھامىلدار ئايال ۋە ھامىيلىگە پايدىلىق

ئەگەر ھامىلدار ئاياللار قورسىقىدىكى ھامىيلىنى ساغلام يىتىلسۇن دىسە، ئاقسىل تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى يىگەندىن سىرت، يەنە مىۋ-چىۋىلەرنىم

ئاياللىق ھورمۇنى ئازلاپ كىتىشنىڭ ئالامەتلىرى

ئاياللىق ھورمۇنى، ئاياللارنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەگەر بەدەندە بۇ خىل ماددا كەمچىل بولسا، بەدەندە بى

ئاياللار ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەشنى ئۆگىنىۋىلىشى كىرەك

بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن، بەزى ئاياللار تەبىئىلا ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەيدۇ ھەمدە بۇنى شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىك دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى ئايال

نىمە ئۈچۈن تالاغا قاراپ قالغان ئاياللار ئۆزىنى توختىۋالالمايدۇ

توي قىلغاندىن كىيىن تالاغا قاراش مەسىلىسىدە، نۇرغۇن كىشىلەر نۆل قېتىم ۋە نۇرغۇن قېتىم ئېھتىماللىقىلا بار دەپ قارايدۇ. بۇ ۋاقىتتا بەلكىم

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号