پۇتلىرىڭىزنىڭ ئىنچىكە ھەم گۈزەل بولۇشىنى ئويلامسىز؟ كىلىپ كۆرۈپ بېقىڭ!
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 9270:ئادەم ئۆگەندى

پۇتلىرىڭىزنىڭ سېمىزلىكىدىن ئىچىڭىز پۇشامدۇ؟ پۇتلىرىڭىزنى ئىنچىكە ھەم ئۇزۇن، گۈزەل قىلغۇڭىز بارمۇ؟ بۈگۈن كۆپچىلىككە ئوخشىمىغان سەۋەپلەردىن كىلىپ چىققان "سېمىز پۇت"لارنى تىز سۈرئەتتە ئۈنۈملۈك ئۇرۇقلىتىدىغان ئۇسۇللارنى ئېلىپ كەلدۇق، كۆرۈپ بېقىڭ!

پۇت قىسىم توم بولۇپ قېلىشنىڭ سەۋەبلىرى

     كىسەلگە قاراپ دورا يىمەك لازىمدۇر؛ پۇتىمىزنى ئۇرۇقلىتىش ئۈچۈن، پۇتىمىزنىڭ نىمە ئۈچۈن "سېمىز" بولۇپ قالغىنىنى چۈشىنىپ يىتىشكە توغرا كىلىدۇ.

1.  ئىششۇق سەۋەبلىك سېمىز كۆرنىدىغان پۇت

ئەگەر سىز ئۇزۇن مەزگىل ئىگىز پاشنىلىق ئاياغ كەيسىڭىز، ئۇزۇن مۇددەت ئۆرە تۇرسىڭىز ياكى ئۇزۇن مۇددەت ئولتۇرۇپ ھەرىكەت قىلمىسىڭىز، بۇلارنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ قان ئايلىنىشىڭىزغا توسقۇنلۇق قىلىپ، يۈرەكتىن ئەڭ يېراق بولغان پۇت قىسىمنىڭ ئىششىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، پۇتىڭىزنى "سېمىز" كۆرسىتىپ قويىدۇ.

ھۆكۈم قىلىش ئۇسۇلى: پۇتىڭىز دائىم كۆرنەرلىك كۆپۈپ قالغاندەك ھىس قىلامسىز؟ ياكى سىز قولىڭىزدا پۇتلىرىڭىزنى بېسىپ باقسىڭىز بولىدۇ، قولىڭىزدا باسسىڭىز، بارمىقىڭىز پېتىپ كۆرنەرلىك ئىز پەيدا بولامدۇ؟

2.  مۇسكۇللۇق پۇت

ئەگەر سىزنىڭ بەدىنىڭىزدە كۆپ ياغ يوق، دائىم ھەرىكەت قىلىسىز، چېنىقىسىز؛ ئەمما سىزدە بەدەن سېمىز ئەمەس، پۇت قىسمىڭىز توم ياكى سېمىز كۆرنىدىغان ئەھۋال بولۇشى مۇمكىن. خۇددى يۇقىرقى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك سۇڭ چىيەن يىل بويى ئۇسسۇل ئوينىغانلىق سەۋەبىدىن بۇ خىل ئەھۋال كىلىپ چىققان. تۆۋەندىكى رەسىمدىكى شېن يۆۋېنىڭ پۇتىنى قۇچاقلاپ ئولتۇرغان رەسىمىدىمۇ ئۇنىڭ پۇتلىرى ناھايىتى توم كۈرنىدۇ، ئۇنىڭمۇ مۇسكۇللۇق پۇت بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى.

ھۆكۈم قىلىش ئۇسۇلى: سىز كۈچەپ پۇتىڭىزنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ تۇرۇپ، پاقالچىقىڭىزنىڭى كەينى تەرىپىنى سىلاپ باقسىڭىز، پارچە-پارچە ھەم قاتتىق مۇسكۇللار يېغىلىپتىمۇ يوق؟

3.  ياغدىن سەمىرىپ قالغان پۇت

بۇنىڭ ئاساسى جەھەتتىن سۆزلىگۈدەك يىرى يوق؛ ئەگەر سىزنىڭ بەدەن ياغ نىسبىتىڭىز ناھايىتى يۇقىرى بولسا پۇتلىرىڭىزمۇ سېمىز كۆرنىدۇ؛ بۇ ئەلۋەتتە سېمىز بولغىنىڭىزنىڭ سەۋەبىدىندۇر.

ھۆكۈم قىلىش ئۇسۇلى: بۇنىڭ ھۆكۈم قىلىش ئۇسۇلى مۇسكۇللۇق پۇتقا ئوخشايدۇ؛ پۇتىڭىزنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ تۇرۇپ پاقالچىقىڭىزنىڭ ئارقا تەرىپىنى سىيلىسىڭىز، يەنە يۇمشاق ھالەتتە تۇرامدۇ؟

پاقالچاقنى ئۇرۇقلىتىش ئۇسۇلى

ئالدى بىلەن، ئەگەر سىز ياغدىن سېمىز كۆرنىدىغان پاقالچاقلىق بولسىڭىز، باشقىنى ئويلىماي، ھەرىكەت قىلىشنى باشلاڭ! بۇندىن باشقا كۆپچىلىك ياخشى بولغان ھەرىكەت قىلىش روھى ھالىتىگە ئىگە بولۇش كىرەك. ھەر بىر ئادەمنىڭ بەدەننىڭ قايسى قىسىمنى ئاۋال ئۇرۇقلىتىش، قايسى قىسىمنى كىيىن ئۇرۇقلىتىش ئەھۋالى ئوخشاش بولمايدۇ؛ ئاتالمىش ئايرىم قىسىملارنى ئورۇقلىتىش ھەرىكەت مەشىقى كۆپ ھاللاردا شۇ قىسىمنىڭ شەكىل قۇرۇش ئۈنۈمىنى كۈچەيتىدۇ.

تۆۋەندە بىز تۇنۇشتۇرماقچى بولغان بۇ ئۇسۇللارمۇ پۇت قىسمغا قارىتىلغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن بىرگە قورساق بەل قىسىم مۇسكۇللىرىنىڭ ھەرىكىتىنى كۈچەيتىدۇ؛ بۇنىڭدىكى مەقسەت پۈتكۈل پۇت قىسىم ۋە قورساق بەل قىسىمنىڭ شەكىل سىزىقچىلىرىنى چىڭ قىلىشتۇر.

ئوڭدىسىغا يېتىپ پۇتنى ئايلاندۇرۇش

بۇ ھەرىكەتنى ئىشلەشتىكى مۇھىم نوقتىلار:

1.   ئوڭدىسىغا يېتىپ، قورساقنى چىڭ يېغىش؛ قول ۋە دۈمچە قىسىم يەرگە تىگىپ تۇرۇش

2.  ئىككى پۇتنى جۈپلەپ بىر يانغا ئايلاندۇرۇپ، ھاۋادا چەمبىرەك سىزىش ھالىتىنى شەكىللەندۈرۈش

3.  ئايلاندۇرۇش ئەڭ چوڭ ئارلىقى پۇت بىلەن يەر يۈزى 45گىرادوسلۇق بولۇڭ شەكىللەندۈرسە بولىدۇ.

ھاۋادە ۋەلىسپىت مىنىش

بۇ ھەرىكەتنى ئىشلەشتىكى مۇھىم نوقتىلار:

1.   ئوڭدىسىغا يېتىپ، دۈمچە قىسمىنى يەرگە تەككۈزۈش، ئىككى قولىدا بېشىنىڭ ئىككى تەرىپىنى قاماللاش

2.   پۇتلىرىنى كۆتۈرۈپ، ئاستا-ئاستا ۋەلىسپىت مىنگەن ھەرىكەت ئىشلەش

3.  ھەرىكەت ئىشلىگەندە ئوڭ قولنىڭى جەينىكى سول پۇتىڭىزنىڭ تىز قىسمىغا تىگىشىپ، بۇھالەتنى 2 سىكونت ساقلاش؛ ئۇندىن كىيىن كەينىگە يېنىپ سول قولىڭىزنىڭ جەينىكى ئوڭ پۇتىڭىزنىڭ تىز قىسمىغا تىگىشىپ 2 سىكونت تۇرۇش

قارشى يۆنىلىشتە قورساق يېغىش

بۇ خىل ھەرىكەت ئىشلەشتىكى مۇھىم نوقتىلار:

1.  ئوڭدىسىغا يېتىپ، دۈمچە قىسىمنى يەرگە چىڭ تەككۈزۈش، ئىككى قولىمىزنى ئالقىنىمىزنى ئاستىغا قارىتىپ بەدەننىڭ ئىككى تەرىپىدە قويۇش

2.  ئىككى پۇتىڭىزنى ئىگىپ، قورساق قىسىمنى يېغىپ، ساغرا قىسىم يەردىن كۆتۈرلىدۇ، پۇتىڭىز يەر يۈزى بىلەن تىك ھالەتكە كەلگۈچە كۆتۈرىسىز.

يۇقارقى ھەرىكەتلەرنى رەسىمدە كۆرسىتىلگەنگە ئوپمۇئوخشاش ئىشلىگەندە ئاندىن ئۈنۈم كۆرسىتىدۇ.

ئۇۋۇلاپ بىرىش ۋە پەي سوزۇش

ھەرىكەت ئىشلەپ بولساقلا ئىش تۈگىمەيدۇ؛ ئۇۋۇلاپ بىرىش ۋە پەي سوزۇشمۇ ناھايىتى مۇھىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇۋۇلاپ بىرىش بىلەن پەي سوزۇش قايسى سەۋەپتىن بولغان توم پاقالچاق بولمىسۇن ھەممىسىگە ماس كىلىدۇ.

پەي سوزۇشنىڭ مۇسكۇللارنىڭ زەخمىلىنىپ قېلىشىدىن ساقلاپ، مۇسكۇللارنى ئۈنۈملۈك ھالدا قويۇپ بىرىپلا قالماي، يەنە ئاستا-ئاستاغىنە مۇسكۇللۇق پۇتنى يوقىتىش رولى بار؛ ئۇۋۇلاش بولسا، پۇت قىسىم قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بولۇپ، ئىششۇقتىن بولغان توم پۇتنى يوقىتىشتىكى كەم بولسا بولمايدىغان ھالقىدۇر.

 ئادەتتە ئىشخانىدىلا ئولتۇرىدىغانلار، دەم ئالغان ۋاقىتتا تۆۋەندىكىدەك ھەرىكەت ئىشلەپ بەرسە بولىدۇ.

    ئۇۋۇلاش ئۇسۇلىنىڭ ئىچىدىكى بىر خىل ئۇسۇل، ھەرىكەت قىلىپ بولغاندىن كىيىن، تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك كۆپۈك ئوقى(泡沫轴)دۇمىلىتىپ بىرىشتۇر. ياكى ئۆزىڭىز بىلىدىغان باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق پۇت قىسىمغا قارىتا ئۇۋۇلاش ئېلىپ بارسىڭىزمۇ بولىدۇ.

 

ئاياللارنىڭ ئەڭ چىرايلىق نەرسىسى زادى نىمە

ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاق كۆڭۈللۈك ئۇلارنىڭ ئاخىرقى چەك-پىرىنسىپى. ئەگەر شەخسىيەتچى، رەھىمسىز بولسا، ئۇ ئايال كىشى ھەرق

ئاياللار ئىچىدە ياخشى كۆرسىمۇ ئېغىزىدا ئىتراپ قىلمايدىغان ئىشلار

بەزىدە ئاياللارنى چۈشەنمەك ھەقىقەتەن تەس. مەسىلەن، ئۇلار ناھايىتى جەزىملەشتۈرگەن ھالدا "ماقۇل" دەيدۇ، ئەمما ھەقىقى مەنىسى "ياق" دىمەك

بۇ ئۈچ خىل مىۋە ھامىلدار ئايال ۋە ھامىيلىگە پايدىلىق

ئەگەر ھامىلدار ئاياللار قورسىقىدىكى ھامىيلىنى ساغلام يىتىلسۇن دىسە، ئاقسىل تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى يىگەندىن سىرت، يەنە مىۋ-چىۋىلەرنىم

ئاياللىق ھورمۇنى ئازلاپ كىتىشنىڭ ئالامەتلىرى

ئاياللىق ھورمۇنى، ئاياللارنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەگەر بەدەندە بۇ خىل ماددا كەمچىل بولسا، بەدەندە بى

ئاياللار ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەشنى ئۆگىنىۋىلىشى كىرەك

بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن، بەزى ئاياللار تەبىئىلا ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەيدۇ ھەمدە بۇنى شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىك دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى ئايال

نىمە ئۈچۈن تالاغا قاراپ قالغان ئاياللار ئۆزىنى توختىۋالالمايدۇ

توي قىلغاندىن كىيىن تالاغا قاراش مەسىلىسىدە، نۇرغۇن كىشىلەر نۆل قېتىم ۋە نۇرغۇن قېتىم ئېھتىماللىقىلا بار دەپ قارايدۇ. بۇ ۋاقىتتا بەلكىم

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号