بۇ شورپىدىن كۈندە بىر ئىچىۋالسىڭىز قان تۇلۇقلاش تەسكە ئەمەس
5 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 283234:ئادەم ئۆگەندى
   ئاياللار، ئاجىز ھەم ئادەمنى ئەنسىرىتىدىغان بىر توپ بولۇپ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا بىر تەرەپتىن جاپالىق خىزمەت قىلغاچ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆي تۇتۇپ، ھەمىشە چارچاپ سالامەتلىكىگە تەسىر يەتكۈزۈۋالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاياللار ئۆزىنى ياخشى كۈتۈشى كېرەك؛ بولۇپمۇ تۆۋەندىكى ئۈچ خىل شورپىنى دائىم ئىستېمال قىلىپ تۇرۇشى لازىم.
 
قوش قىزىل كاۋا شورپىسى
   كىتەرلىك ماتېرىيالى: كاۋا 500گىرام، قىزىل چىلان 10گىرام، قىزىل شېكەر مۇۋاپىق مىقداردا، سۇ ئىككى لىتىر
تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. كاۋىنىڭ تاشقى پوستىنى سويۇپ ئۇرۇغلىرىنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن، پاكىزە يۇيۇپ توغرايمىز.
   2. چىلاننى يۇيۇپ پاكىزلاپ ئۇرۇغىنى ئېلىۋىتىمىز.
   3. چىلان، كاۋا، قىزىل شېكەر قاتارلىقلارنى بىللە قوشۇپ سۇدا قاينىتىمىز. كاۋا پىشقاندىن كېيىن ئۇسۇپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.
ئۈنۈمى
   كاۋىنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل، كاروتىن تەركىبى مول؛ كاروتىن ماددىلىرى بەدەنگە سۈمۈرۈلگەندىن كېيىن ۋىتامىن A غا ئايلىنىدۇ؛ كاۋىنىڭ تەركىبىدە يەنە ۋىتامىن E بار بولۇپ، ئاياللار ھەيىز مەزگىلىدە ئىستېمال قىلغاندا، قان ۋە ماغدۇر تولۇقلاشقا پايدىلىق بولىدۇ. قىزىل چىلان بولسا ئاشقازان ۋە ئۆتنى قۇۋۋەتلەپ، قاننى جانلاندۇرىدۇ. قارا شېكەر تەركىبىدىكى مىكرو ئىلمىنتلار ۋە كۆپ خىل مىنرالنى ماددىلارنىڭ، ئاشقازانغا ئىسسىق يەتكۈزۈش، قان تولۇقلاش، قان جانلاندۇرۇش، سوغۇق يەلنى ھەيدەش قاتارلىق ئۈنۈملىرى بار بولۇپ، دائىم ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، چىرايىمىزنى تېخىمۇ قىزىل قىلىپ، تېرىنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى ئاشۇرىدۇ.
 
ئالقات ۋە چىلان قوشۇپ قاينىتىلغان قارا توخۇ شورپىسى
   كىتەرلىك  ماتېرىيال: قارا توخۇ گۆشى، غولپىياز، زەنجىۋىل، ئالقات، چىلان، تېتىتقۇ ھارىقى
تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. قارا توخۇ گۆشىنى توغراپ تەييارلايمىز.
   2. غولپىيازنى بۆلەك ھالىتىدە توغرايمىز، زەنجىۋىلنى توغراپ داكا رەختكە ئوراپ تەييارلايمىز.
   3. قۇم قازانغا سۇ قۇيۇپ، داكا بىلەن ئورالغان زەنجىۋىل بىلەن توخۇ گۆشىنى سالىمىز؛ بىرلا ۋاقىتتا تېتىتقۇ ھارىقى، غولپىياز، ئالقات ۋە چىلان قاتارلىقلارنى بىللە قوشۇپ قاينىتىمىز.
   4. چوڭ ئوتنى كىچىك ياكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئوتقا ئالماشتۇرۇپ، تازا يۇمشاپ پىشقۇچە قاينىتىمىز؛ پىشقاندىن كېيىن، زەنجىۋىل ئورالغان داكىنى سۈزۈۋەتكەندىن كېيىن ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.
ئۈنۈمى
   قارا توخۇنىڭ ماغدۇر تۇلۇقلاش، جىگەر بىلەن بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش، قېرىشنى ئاستىلىتىش، سۆڭەكنى چىڭىتىش قاتارلىق ئۈنۈملىرى بار بولۇپ، ئاياللاردىكى ھەيىز قالايمىقانلىشىش، تۆمۈر كەمچىللىكتىن كېلىپ چىققان قان ئازلىق كېسەللىكى قاتارلىقلارغا قارىتا ياخشىلاش رولىنى ئوينايدۇ.
 
داڭگۇي قوشۇپ پىشۇرۇلغان بېلىق شورپىسى
   كىتەرلىك ماتېرىيال: تاپان بېلىق(鲫鱼) بىر تال، داڭگۇي بىر تال، ئالقات مۇۋاپىق مىقداردا، زەنجىۋىل مۇۋاپىق مىقداردا
تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. تاپان بېلىقنى پاكىزلاپ يۇغاندىن كېيىن، دۈمبە قىسىم تەرىپىدە توغرىسىغا كېسىپ، بىر قوشۇق تۇزنى بېلىق گەۋدىسىگە تەكشى سۈرۈپ 15 مىنۇت تۇزلايمىز.
   2. داڭگۇينى يۇيۇپ ياپراقچە ھالىتىدە توغرىۋالىمىز، زەنجىۋىلنى قەلەمچە قىلىپ توغرايمىز؛ ئالقاتنى يۇيۇپ پاكىزلايمىز.
   3. داڭگۇي، ئالقات قاتارلىقلارنى قازانغا سېلىپ، بىر قوشۇق تېتىتقۇ ھارىقى ۋە تۆت چىنە سۇ قۇيۇپ، چوڭ ئوتتا قايناتقاندىن كېيىن، كىچىك ئوتتا 25 مىنۇت تۇۋاقنى يېپىپ قاينىتىمىز.
   4. بېلىقنىڭ قورساق قىسىمىغا ئازراق زەنجىۋىل تىقىپ، بېلىقنى شورپا قازىنىغا سېلىپ، ئۈستىگە ئالدىدا قايناتقان داڭگۇي ئالقات شورپىسىنى تۆكۈپ، چوڭ ئوتتا قايناتقاندىن كېيىن، كىچىك ئوتتا 35 مىنۇتتا قاينىتىمىز. ئاخىرىدا ئازراق تۇز قوشۇپ تەم تەڭشەپ ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.
ئۈنۈمى
   تاپان بېلىق شورپىسى ئىنتايىن قۇۋۋەتلىك بولۇپ، ھەيىز ئاغرىتىپ كېلىدىغان، بەدىنى ئاجىز ئاياللارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ماس كېلىدۇ.

ئاياللارنىڭ ئەڭ چىرايلىق نەرسىسى زادى نىمە

ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاق كۆڭۈللۈك ئۇلارنىڭ ئاخىرقى چەك-پىرىنسىپى. ئەگەر شەخسىيەتچى، رەھىمسىز بولسا، ئۇ ئايال كىشى ھەرق

ئاياللار ئىچىدە ياخشى كۆرسىمۇ ئېغىزىدا ئىتراپ قىلمايدىغان ئىشلار

بەزىدە ئاياللارنى چۈشەنمەك ھەقىقەتەن تەس. مەسىلەن، ئۇلار ناھايىتى جەزىملەشتۈرگەن ھالدا "ماقۇل" دەيدۇ، ئەمما ھەقىقى مەنىسى "ياق" دىمەك

بۇ ئۈچ خىل مىۋە ھامىلدار ئايال ۋە ھامىيلىگە پايدىلىق

ئەگەر ھامىلدار ئاياللار قورسىقىدىكى ھامىيلىنى ساغلام يىتىلسۇن دىسە، ئاقسىل تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى يىگەندىن سىرت، يەنە مىۋ-چىۋىلەرنىم

ئاياللىق ھورمۇنى ئازلاپ كىتىشنىڭ ئالامەتلىرى

ئاياللىق ھورمۇنى، ئاياللارنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەگەر بەدەندە بۇ خىل ماددا كەمچىل بولسا، بەدەندە بى

ئاياللار ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەشنى ئۆگىنىۋىلىشى كىرەك

بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن، بەزى ئاياللار تەبىئىلا ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەيدۇ ھەمدە بۇنى شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىك دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى ئايال

بۇ تۆت خىل ئايال كىشىنىڭ كۈنلىرى بارغانسىرى تەسلىشىپ كىتىدۇ

ئۆزىنى قەدىرلەشنى بىلمەيدىغان ئاياللار، ھەمىشە پاسسىپ ھالدا تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قوبۇل قىلىدىغان بولۇپ، ھەمىشە ھەممىدىن ئاغرىن

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号