ئاياللار داغ ۋە قورۇقچە يوقىتىدىغان بۇ قورۇمىنى چوقۇم يەڭ
5 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 25575:ئادەم ئۆگەندى
   تۇرمۇش سۈپىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ، بىز تويۇنۇش مەسىلىسى بىلەنلا قانائەتلىنىپ قالماي، ھازىر يېمەك-ئىچمەك ساغلاملىقىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بىرىدىغان بولدۇق. ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، ياخشى يېمەك-ئىچمەك ئادىتى ياخشى بەدەن شەكلىمىزنى قۇرۇپ چىقىدۇ؛ لېكىن چوڭ يەپ چوڭ ئىچىش بولسا، سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۇۋىتىدۇ ھەمدە ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، تېرە يىرىكلىشىش، تېرە رەڭگى ئۆڭۈش، قاتارلىق ئەھۋاللارنى پەيدا قىلىدۇ. بولۇپمۇ ئاياللار ئادەتتە تېرە ئاسراشقا دىققەت قىلمىغاندا، يەنە تېخى قورۇقچە چۈشۈش، داغ سەپكۈن پەيدا بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، داغ سەپكۈنلەرنى يوقىتىپ قورۇقچىلارنى سۇسلاشتۇرىدىغان، ئۈچەي يوللىرىنى تازىلاپ ئۇرۇقلىتىدىغان بىر خىل مەززىلىك تائام تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
   ياڭيۇ، تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل يېمەكلىك؛ لېكىن، سىز بىنەپشە رەڭلىك ياڭيۇنى كۆرۈپ باققانمۇ؟ بىنەپشە رەڭلىك ياڭيۇنىڭ ئېتى بىنەپشە رەڭدە بولۇپ، ئۇزۇقلۇق تەركىبىمۇ ئادەتتىكى ياڭيۇغا قارىغاندا مول؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، بىنەپشە ياڭيۇنىڭ تەمىمۇ ئادەتتىكى ياڭيۇغا قارىغاندا ياخشى. بىنەپشە ياڭيۇنىڭ سىئانىدىن تەركىبى نىسبەتەن يۇقىرى بولۇپ، بۇ خىل ماددىنىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، بەدەندىكى ئەركىن رادىكاللارنى تازىلايدۇ؛ شۇڭا بىنەپشە ياڭيۇنى كۆپرەك ئسىتېمال قىلغاندا، تېرىنى يۇمرانلاشتۇرۇپ قارا رەڭ ماددىسىنى ئازايتىش رولىنى ئوينايدۇ.
 
سۈزۈك قورۇلغان بىنەپشە ياڭيۇ قورىمىسى
   كىتەرلىك ماتېرىيال: بىنەپشە ياڭيۇ، تۇز، توخۇ تەم جەۋھىرى، سامساق، ئىستېمال مېيى، ئاچچىقسۇ
تەييارلاش ئۇسۇلى
   ئالدى بىلەن، ياڭيۇنى بىتەرەپ قىلىمىز؛ ياڭيۇنى توغراپ بولغاندىن كېيىن، سۇدا نەچچە قېتىم يۇغاندىن كېيىن، سۈزۈپ ئېلىپ سۈيىنى سارقىتىپ ئىشلىتىش ئۈچۈن ئېلىپ قويىمىز؛ سامساقنى ئاقلاپ چاناپ توغرىۋالىمىز.
   ئىككىنچى قەدەمدە، قازان ئېسىپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال مېيى قۇيۇپ قىزىتىپ، سامساقنى سېلىپ تەم چىقىرىمىز؛ ئارقىدىنلا ياڭيۇ قەلەمچىسىنى سېلىپ، چوڭ ئوتتا تېز سۈرئەتتە ئىككى مىنۇت قورۇيمىز؛ ياڭيۇ پىشقاندىن كېيىن، تۇز، توخۇ تەم جەۋھىرى، ئاچچىقسۇ قاتارلىقلارنى قوشۇپ تەم تەڭشەپ ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.
   بىنەپشە ياڭيۇنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى، تەمىمۇ ياخشى بولۇپ، ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن ئادەمدە كۈچلۈك تويۇنۇش تۇيغۇسى پەيدا قىلىدۇ ۋە ئاشقازان ئۈچەينىڭ قىمىرلىشىنى غىدىقلاپ، يېمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم بولۇشى ۋە بەدەندىكى ئەخلەتلەرنىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بىنەپشە ياڭيۇ تەركىبىدە سىئانىدىن، ۋىتامىن C، ۋىتامىن E قاتارلىقلار مول بولۇپ، قېرىشقا قارشى تۇرۇش، داغ سەپكۈنلەرنى يوقىتىش، كىچىك تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇپ ئىسسىق يەل ھەيدەش، تېرە ئاقارتىش قاتارلىق ئۈنۈملەرنى كۆرسىتىدۇ.
 

ئاياللارنىڭ ئەڭ چىرايلىق نەرسىسى زادى نىمە

ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاق كۆڭۈللۈك ئۇلارنىڭ ئاخىرقى چەك-پىرىنسىپى. ئەگەر شەخسىيەتچى، رەھىمسىز بولسا، ئۇ ئايال كىشى ھەرق

ئاياللار ئىچىدە ياخشى كۆرسىمۇ ئېغىزىدا ئىتراپ قىلمايدىغان ئىشلار

بەزىدە ئاياللارنى چۈشەنمەك ھەقىقەتەن تەس. مەسىلەن، ئۇلار ناھايىتى جەزىملەشتۈرگەن ھالدا "ماقۇل" دەيدۇ، ئەمما ھەقىقى مەنىسى "ياق" دىمەك

بۇ ئۈچ خىل مىۋە ھامىلدار ئايال ۋە ھامىيلىگە پايدىلىق

ئەگەر ھامىلدار ئاياللار قورسىقىدىكى ھامىيلىنى ساغلام يىتىلسۇن دىسە، ئاقسىل تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى يىگەندىن سىرت، يەنە مىۋ-چىۋىلەرنىم

ئاياللىق ھورمۇنى ئازلاپ كىتىشنىڭ ئالامەتلىرى

ئاياللىق ھورمۇنى، ئاياللارنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەگەر بەدەندە بۇ خىل ماددا كەمچىل بولسا، بەدەندە بى

ئاياللار ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەشنى ئۆگىنىۋىلىشى كىرەك

بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن، بەزى ئاياللار تەبىئىلا ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەيدۇ ھەمدە بۇنى شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىك دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى ئايال

بۇ تۆت خىل ئايال كىشىنىڭ كۈنلىرى بارغانسىرى تەسلىشىپ كىتىدۇ

ئۆزىنى قەدىرلەشنى بىلمەيدىغان ئاياللار، ھەمىشە پاسسىپ ھالدا تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قوبۇل قىلىدىغان بولۇپ، ھەمىشە ھەممىدىن ئاغرىن

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号