ئاياللار دائىم بۇنىڭدا ناشتا قىلسا بارغانسېرى ياشىرىپ كېتىدۇ
5 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 23217:ئادەم ئۆگەندى
   ئاياللار ئەڭ ئېتىبار بىلەن قارايدىغان ئىش نېمە دېسە، چوقۇم ئۇلارنىڭ يېشى بولۇپ، ئاياللار تېخىمۇ ياشىرىپ چىرايلىق بولىمەن دېسە، ئۇنداقتا كۈندىلىك ئاسراشقا دىققەت قىلىش كېرەك. بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە بىر خىل تائام تونۇشتۇرىمىز، بۇ تائامنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئاياللارغا نىسبەتەن پايدىسى ئىنتايىن كۆپ.
   بۇ تائام، قىزىل چىلان ۋە ئاق قېرىنقولاق قوشۇپ قاينىتىلغان ناۋات سۈيى بولۇپ، بۇنىڭغا ئىشلىتىلگەن يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنىڭ ھەممىسى ئاياللارغا ناھايىتى پايدىلىق ماتېرىياللار بولۇپ، مەسىلەن چىلاننىڭ قان تولۇقلاش، ئادەمنىڭ رەڭگى رويىنى ياخشىلاش قاتارلىق ئۈنۈمى بار. ئاق قېرىنقولاقمۇ ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدىغان برى خىل يېمەكلىك ماتېرىيال بولۇپ، ئۇزۇقلۇق قىممىتى ۋە ساغلاملىق ئۈنۈمى ئىنتايىن يۇقىرى، ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش ئۈنۈمىمۇ ناھايىتى كۆرۈنەرلىك.
   ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇنى ئەتىگەنلىك ناشتىغا يېسە سۈمۈرۈلۈشكە تېخىمۇ پايدىلىق بولۇپ، ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. تۆۋەندە، كۆپچىلىككە بۇ تائامنى تەييارلاش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
   كىتەرلىك ماتېرىيال: چىلان، ئاق قېرىنقولاق، ناۋات، ئالقات
تەييارلاش ئۇسۇلى
   بىرىنچى قەدەمدە، ئاق قېرىنقولاقنى بىر كۈن ئاۋۋال چىلاپ قويۇپ، ئىككىنچى كۈنى كۆپۈپ تەييار بولغاندىن كېيىن ئۇنى پاكىزە يۇيۇپ تىتىپ كىچك پارچە قىلىمىز.
  ئىككىنچى قەدەمدە، چىلان بىلەن ئالقاتنىمۇ يۇيۇپ تەييارلايمىز. توك قازىنىغا يىتەرلىك مىقداردا سۇ يۇيۇپ، ئاۋۋال ئاق قېرىنقولاق بىلەن ئالقاتنى سېلىپ، تاماق پىشۇرۇش كونوپكىسىنى بېسىپ بىر سائەت قاينىتىمىز؛ كەينىدىن چىلاننى سېلىپ داۋاملىق قاينىتىپ، چىلاندا يىلىملىق ماددا پەيدا بولغاننى ھېس قىلغان ۋاقىتتا، ناۋاتنى سېلىپ يەنە نەچچە مىنۇت قاينىتىمىز.
   ئۈچىنچى قەدەمدە، پىشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئىسسىق ساقلاش ھالىتىگە ئەكىلىپ، يېرىم سائەت دۈملەپ قويغاندىن كېيىن، توكتىن ئاجرىتىپ ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.
   ئەمەلىيەتتە، ئاق قېرىنقولاق ۋە چىلان قوشۇپ قاينىتىلغان ناۋات سۈيىنى تەييارلاش ئۇسۇلى ناھايىتى ئاددىي، لېكىن تەملىك بولسۇن دېسىڭىز چوقۇم ئۇزۇنراق قاينىتىشىڭىز كېرەك. گەرچە ئازراق ۋاقىت ئىسراپ بولسىمۇ، ئەمما ئۈنۈمىگە سېلىشتۇرغاندا، بۇنچىلىك ۋاقىت ئىسراپ قىلىشقا ئەرزىيدۇ.
   ئەسكەرتىش: ئادەتتە ئاق قېرىنقولاقنى 20 مىنۇت ئەتراپىدا چىلاپ قويساقلا بولىدۇ، بىر كۈن ئاۋۋال چىلاپ قويۇش، بۇ پەقەت مېنىڭ شەخسىي ئادىتىم.

ئاياللارنىڭ ئەڭ چىرايلىق نەرسىسى زادى نىمە

ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاق كۆڭۈللۈك ئۇلارنىڭ ئاخىرقى چەك-پىرىنسىپى. ئەگەر شەخسىيەتچى، رەھىمسىز بولسا، ئۇ ئايال كىشى ھەرق

ئاياللار ئىچىدە ياخشى كۆرسىمۇ ئېغىزىدا ئىتراپ قىلمايدىغان ئىشلار

بەزىدە ئاياللارنى چۈشەنمەك ھەقىقەتەن تەس. مەسىلەن، ئۇلار ناھايىتى جەزىملەشتۈرگەن ھالدا "ماقۇل" دەيدۇ، ئەمما ھەقىقى مەنىسى "ياق" دىمەك

بۇ ئۈچ خىل مىۋە ھامىلدار ئايال ۋە ھامىيلىگە پايدىلىق

ئەگەر ھامىلدار ئاياللار قورسىقىدىكى ھامىيلىنى ساغلام يىتىلسۇن دىسە، ئاقسىل تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى يىگەندىن سىرت، يەنە مىۋ-چىۋىلەرنىم

ئاياللىق ھورمۇنى ئازلاپ كىتىشنىڭ ئالامەتلىرى

ئاياللىق ھورمۇنى، ئاياللارنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەگەر بەدەندە بۇ خىل ماددا كەمچىل بولسا، بەدەندە بى

ئاياللار ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەشنى ئۆگىنىۋىلىشى كىرەك

بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن، بەزى ئاياللار تەبىئىلا ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەيدۇ ھەمدە بۇنى شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىك دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى ئايال

بۇ تۆت خىل ئايال كىشىنىڭ كۈنلىرى بارغانسىرى تەسلىشىپ كىتىدۇ

ئۆزىنى قەدىرلەشنى بىلمەيدىغان ئاياللار، ھەمىشە پاسسىپ ھالدا تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قوبۇل قىلىدىغان بولۇپ، ھەمىشە ھەممىدىن ئاغرىن

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号