ئون ئايال كىشىنىڭ توققۇزىدا بالىياتقۇسى سۇۋۇپ كېتىش ئەھۋالى بار. بالىياتقۇ سۇۋۇپ كېتىش، گەرچە ئادەتتە كۆپ ئۇچرايدىغان ئاياللار كېسەللىكى بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭغا سەل قاراشقىمۇ بولمايدۇ؛ چۈنكى، بالىياتقۇ سۇۋۇپ كېتىشنىڭ بەدەنگە ئېلىپ كېلىدىغان زىيانلىق تەسىرى بىر قەدەر چوڭ، يىنىك بولغاندا ئايال كىشىنىڭ پۇت قولىنىڭ ئىسسىماسلىقى، بوغۇم ئاغرىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئېغىر بولغاندا بالىياتقۇ ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزۈپ تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ بالىياتقۇسىنى ياخشى ئاسرىشى ئىنتايىن زۆرۈردۇر. تۆۋەندىكى يېمەكلىكلەر، بالىياتقۇ سۇۋۇپ كېتىشنى ئۈنۈملۈك ياخشىلايدىغان يېمەكلىكلەر بولۇپ، ئاياللار كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بەرسە، بالىياتقۇدىكى سوغۇقنى ھەيدەپ، ئاياللار كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
داڭگۈي(当归)

داڭگۈي، ئاياللارنىڭ ئەڭ ئېسىل دورىلىق يېمەكلىكلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ قان تولۇقلاش ۋە قاننى جانلاندۇرۇش، ھەيىزنى نورماللاشتۇرۇپ ئاغرىق توختىتىش قاتارلىق ئۈنۈملىرى بار؛ داڭگۈي ئادەتتە، ھەيىز ئاغرىتىپ كېلىش، بالىياتقۇ سوۋۇپ كېتىش، ھەيىز بىنورماللىشىش قاتارلىقنى داۋالاشقا قارىتا پايدىلىق ئۈنۈم كۆرسىتىپ، بالىياتقۇ سۇۋۇپ كېتىشنى ياخشىلاش ۋە بالىياتقۇنى ئاسراش رولىنى ئوينايدۇ.
تېرىق(小米)

ئاياللار دائىم ئازدۇر-كۆپتۇر تېرىق ئىستېمال قىلىپ بەرسە، نىرۋىنى تىنچلاندۇرۇش رولىنى ئويناپ كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاشقازان ئۈچەينى ئىللىتىپ، بالىياتقۇغا ئىسسىقلىق يەتكۈزۈش رولىنى ئوينايدۇ ۋە بەدەندىكى قان ئايلىنىشقا قارىتا پايدىلىق رول ئوينايدۇ. بۇندىن باشقا، دائىم تېرىق ئىستېمال قىلىدىغان ئاياللارنىڭ ئۇيقۇ سۈپىتىمۇ ياخشىلىنىدىغان بولۇپ، نىرۋىنى تىنچلاندۇرۇپ ئۇيقۇنى ياخشىلايدۇ؛ ئاياللارنىڭ ئۇيقۇ سۈپىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن روھى ھالىتىمۇ تېخىمۇ ياخشىلىنىدۇ، بۇنىڭدا كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى تەبىئىيلا ئېشىپ، ئاياللار كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
زاراڭزا قوشۇلغان بالىياتقۇ ئىللىتىش تۇخۇمى

زاراڭزا بىر خىل جۇڭيى دورىسى بولۇپ، قاننى جانلاندۇرۇش، ئاغرىق پەسەيتىش قاتارلىق ئۈنۈملىرى بار؛ شۇڭا زاراڭزىنىڭ ئاياللارنىڭ ساغلاملىق كۈتۈنىشىگە قارىتا پايدىسى كۆپ، ھەيىزنى تەڭشەپ ھەيىز ئاغرىتىپ كېلىشنى ياخشىلايدۇ. تۇخۇم بولسا، بىز ئاساسەن كۈندە دېگۈدەك ئىستېمال قىلىدىغان بىر خىل يېمەكلىك، ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى؛ تۇخۇمنىڭ ئاقسىل تەركىبى ئىنتايىن مول بولۇپ، دائىم ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، بەدەننىڭ ئىممونت كۈچى ۋە كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، زاراڭزا بىلەن قوشۇپ پىشۇرۇپ يىيىشكە تولىمۇ ماس كېلىدۇ. زاراڭزا قوشۇلغان بالىياتقۇ ئىللىتىش تۇخۇمىنى تەييارلاش ئۇسۇلى ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، تۇخۇمنىڭ چوققىسىدىن ئازراق تۆشۈك ئېچىپ، ئىچىگە مۇۋاپىق مىقداردا زاراڭزا قوشقاندىن كېيىن، تۇخۇمنى ھوردا دۈملەش قازىنىدا دۈملەپ پىشۇرساقلا بولىدۇ.