ئاياللارنىڭ تۇخۇمدان نېمىشقا بالدۇر ئاجىزلاپ كېتىدۇ؟
5 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 16799:ئادەم ئۆگەندى
   ئاياللارغا نىسبەتەن، تۇخۇمدان ۋە بالىياتقۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، بالىياتقۇ بەدەن مىتابولىزىمىنى ساقلايدىغان مۇھىم سورۇن، تۇخۇمدا بولسا ئاياللارنىڭ "بالدۇرلا قېرىپ كېتىشى" بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ شۇڭا، ئەگەر ئاياللار بالدۇر قېرىپ كەتمەي دېسە، ئۇنداقتا ئۆزىنىڭ تۇخۇمدانىنى ياخشى قوغدىشى زۆرۈردۇر. نۇرغۇن ئاياللار ھەمىشە، ئۆزىدىن ياشقا چوڭ ئاياللارنىڭ ئەكسىچە ئۆزىدىن ياش كۆرۈنىدىغانلىقىنى كۆرۈپ ئىچىپ پۇشۇپ كېتىدۇ؛ ئەمەلىيەتتە، بۇ ئۇلارنىڭ تۇخۇمداننى ئاسراشنى نەزەردىن ساقىت قىلغانلىقىدىن بولۇپ، تۇرمۇشتىكى بەزىبىر ئىنچىكە ھالقىلارغا دىققەت قىلمىغاندا، ئاسانلا تۇخۇمداننىڭ زەخىمگە ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر تۇخۇمدان زىيان زەخىمگە ئۇچرىسا، ئاياللار بالدۇرلا قېرىپ كېتىدۇ. ئۇنداقتا، ئاياللارنىڭ تۇخۇمدانى نېمىشقا بالدۇرلا قېرىپ كېتىدۇ؟ بۇ بەلكىم تۆۋەندىكى تۆت خىل قىلمىشتىن بولۇشى مۇمكىن.
بالا چۈشۈرۈش
   ھازىر ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتى بارغانسېرى ئۇچۇقلىشىپ كەتمەكتە، شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەر بالدۇرلا ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇشى ئۆتكۈزۈشنى باشلايدۇ؛ لېكىن يات جىنىسلىقلار مۇناسىۋىتىگە قارىتا يىتەرلىك بىلىم ساۋاتقا ئىگە بولمىغاچقا، كۆپ قىسىم ئاياللار ئۆزىنى قانداق قوغداشنى بىلمەيدۇ. بۇنىڭغا ھازىرقى ئەرلەرنىڭ مەسئۇل بولمايدىغانلىرىنىڭ كۆپىيىپ كەتكەنلىكى قوشۇلۇپ، ئېھتىياتسىزلىقتىن ھامىلدار بولۇپ قېلىش ئەھۋاللىرى ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدۇ. ئېھتىياتسىزلىقتىن ھامىلدار بولۇپ قېلىش قېتىم سانىنىڭ كۆپىيىشى، سۈنئى ئۇسۇلدا بالا چۈشۈرۈشنىڭ كۆپەيگەنلىكىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بالا چۈشۈرۈش تۇخۇمداننى زەخىمگە ئۇچرىتىدۇ؛ بالا چۈشۈرگەن قېتىم سانى قانچە كۆپ بولغانسېرى، زەخىم شۇنچە چوڭ بولۇپ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ھەيىز توختاپ قېلىش، تۇخۇمدا بالدۇر قېرىپ كېتىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
تاماكا چىكىش
   جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، شەھەرلەردە ياشاۋاتقان ئەر-ئاياللارنىڭ بېسىمى بارغانسېرى يۇقىرىلاپ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بېسىمنى يەڭگىللىتىش ئۇسۇلى، تاماكا چىكىشكە ئايلىنىپ قالدى، ئاياللارمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر ھاراق ئىچىپ تاماكا چىكىدىغان ئاياللارنىڭ سانى ئىزچىل ئېشپ مېڭىۋاتماقتا، ھەتتا بەزىلەرنىڭ ھاراق-تاماكا خۇمارى ئەرلەرنىڭكىدىنمۇ كۈچلۈك. لېكىن، تاماكىنىڭ ئادەمنىڭ ئۆپكىسىگە بولغان زىيىنى ئىنتايىن چوڭ، ئاياللارغا نىسبەتەن زىيىنى تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ. تاماكا تەركىبىدىكى نىكوتىن ۋە كاربون ئوكسىد قوشۇلسا، بۇ ماددىلار ئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى ئاياللىق ھورمىنىنىڭ بىرىكىشىنى توسۇپ، ھەيىز قالايمىقانلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە تۇخۇمداننىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.
كەيپىياتتا داۋالغۇش كۆرۈلۈش
   بىر ئادەمنىڭ كەيپىياتى، بۇ ئادەمنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. كەيپىيات، ئىچكى ئاجرىلىشقا تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئايال كىشىنىڭ كەيپىياتىدا نىسبەتەن چوڭ داۋالغۇش كۆرۈلگەندە ھەمدە ئۇزۇن مۇددەت غەزەپلىنىش ياكى بېسىلىش ھالىتىدە تۇرغاندا، ئۇلاردا ئىچكى ئاجرىلىشنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاسانلا تۇخۇمداننىڭ بالدۇر قېرىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
چاچ بۇياش
گۈزەللىكنى سۈيۈش، ئاياللارنىڭ تەبىئىتى. لېكىن، ھازىر ئاياللارنىڭ گۈزەللىككە بولغان ئىنتىلىشى ئۆزگىرىشكە باشلاپ، گۈزەللىكنى قوغلىشىش ئۈچۈن چاچنى ھەر خىل رەڭلەردە بۇيايدىغان بولدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە دائىم بۇيايدۇ. بىراق، چاچ بۇيىقىنىڭ تەركىبىدە زور مىقداردا ئېغىر مىتال ئىلمىنتلىرى بار بولۇپ، بۇ ئىلمىنتلار تېرە چاپلاشقاق پەردىسى ئارقىلىق بەدەنگە ئۆتۈپ، زور زىيانلىق تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. شۇڭا چاچنى بەك كۆپ بۇياش، ئاياللارنىڭ بەدەن مىتابولىزىم ئىقتىدارىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، تۇخۇمداننىڭ بالدۇر قېرىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئاياللارنىڭ ئەڭ چىرايلىق نەرسىسى زادى نىمە

ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاق كۆڭۈللۈك ئۇلارنىڭ ئاخىرقى چەك-پىرىنسىپى. ئەگەر شەخسىيەتچى، رەھىمسىز بولسا، ئۇ ئايال كىشى ھەرق

ئاياللار ئىچىدە ياخشى كۆرسىمۇ ئېغىزىدا ئىتراپ قىلمايدىغان ئىشلار

بەزىدە ئاياللارنى چۈشەنمەك ھەقىقەتەن تەس. مەسىلەن، ئۇلار ناھايىتى جەزىملەشتۈرگەن ھالدا "ماقۇل" دەيدۇ، ئەمما ھەقىقى مەنىسى "ياق" دىمەك

بۇ ئۈچ خىل مىۋە ھامىلدار ئايال ۋە ھامىيلىگە پايدىلىق

ئەگەر ھامىلدار ئاياللار قورسىقىدىكى ھامىيلىنى ساغلام يىتىلسۇن دىسە، ئاقسىل تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى يىگەندىن سىرت، يەنە مىۋ-چىۋىلەرنىم

ئاياللىق ھورمۇنى ئازلاپ كىتىشنىڭ ئالامەتلىرى

ئاياللىق ھورمۇنى، ئاياللارنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەگەر بەدەندە بۇ خىل ماددا كەمچىل بولسا، بەدەندە بى

ئاياللار ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەشنى ئۆگىنىۋىلىشى كىرەك

بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن، بەزى ئاياللار تەبىئىلا ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەيدۇ ھەمدە بۇنى شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىك دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى ئايال

بۇ تۆت خىل ئايال كىشىنىڭ كۈنلىرى بارغانسىرى تەسلىشىپ كىتىدۇ

ئۆزىنى قەدىرلەشنى بىلمەيدىغان ئاياللار، ھەمىشە پاسسىپ ھالدا تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قوبۇل قىلىدىغان بولۇپ، ھەمىشە ھەممىدىن ئاغرىن

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号