سۇدا ئىشلىتىپ بىر ھەپتىدە داغ سەپكۈنلەرنى سۇسلاشتۇرالايسىز
5 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 16732:ئادەم ئۆگەندى

   گۈزەللىكنى سۈيۈش ئاياللارنىڭ تەبىئىتى، شۇڭا ھەممە ئايال كىشى ئۆزىنىڭ ئاپئاق نۇقسانسىز تېرىگە ئىرىشىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. لېكىن ياشنىڭ ئۆزلۈكسىز ئېشىشىغا ئەگىشىپ ۋە تۇرمۇش خىزمەتنىڭ قوش بېسىمى، يېمەك-ئىچمەك ئادىتى قانۇنىيەتسىز، تېرە ئاسراش جايىدا بولماسلىق قاتارلىق ئامىللار تۈپەيلىدىن، چىرايىمىزدا ھەمىشە بەزىبىر تېرە مەسىلىلىرى كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغىنى، دەل داغ سەپكۈن بولۇپ، بۇنى ئاياللارنىڭ قوبۇل قىلمىقى تەسكە توختايدۇ. لېكىن، نۇرغۇن ئاياللار داغ سەپكۈننى يوقىتىشتا مۇۋاپىق ئۇسۇل قوللىنالماي، ئاخىرىدا پۇل ۋە ۋاقىت ئىسراپ قىلىدۇ.
   ئۇنداقتا بۇ خىل ئەھۋالغا نىسبەتەن، بىز قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، داغ سەپكۈن يوقىتىشنىڭ ئاددىي بىر ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز. بۇ ئۇسۇلنى تونۇشتۇرۇشتىن ئاۋۋال، بىز ئادەتتە تۇرمۇشتا ئىشلىتىدىغان تۇزنى تىلغا ئالماي بولمايدۇ؛ تۇزنىڭ تازىلاپ پاكىزلاش رولى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، تېرىنى چوڭقۇر قاتلاملىق تازىلاش بىلەن بىرگە، چۆكۈپ يېغىلىپ قالغان قارا رەڭ ماددىلىرىنى پارچىلاپ، بۇ ئارقىلىق داغ سەپكۈنلەرنى سۇسلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.
   لېكىن، يالغۇز تۇزنىلا ئىشلەتسەك، ئنۈمى تازا كۆرۈنەرلىك بولمايدۇ؛ شۇڭا ئىشلەتكەن ۋاقىتتا، سۇدا ۋە چىش پاستىسى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىش لازىم بولىدۇ. ئىشلىتىش ئۇسۇلىغا كەلسەك، ئالدى بىلەن پاكىزە قاچىدىن بىرنى تەييارلايمىز؛ قاچا چوقۇم پاكىزە بولۇش كېرەك، ھەم ئىشلىتىشتىن ئاۋۋال قايناقسۇغا چىلاپ دىزىنفىكسىيە قىلىۋەتسەك تېخىمۇ ياخشى. تەييارلىغان قاچىغا بىر قوشۇق تۇز ۋە بىر قوشۇق سۇدا قوشقاندىن كېيىن، ئۈستىگە تەخمىنەن 5 سانتىمىتىر ئۇزۇنلۇقتا چىش پاستىسى سىقىپ چىقىرىمىز؛ كەينىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئىلمان سۇ قوشۇپ قوچۇپ ئارىلاشتۇرساقلا، يەرلىك تۇزلۇق يۈز چاپلىقى تەييار بولىدۇ.
   ئىككىنچى قەدەمدە، گىرىمنى يۇيۇپ يۈزىمىزنى پاكىزلايمىز. يۈزىمىزنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، ئىسسىق لۆڭگىنى يۈزىمىزگە بەش مىنۇت قويۇپ بىرىمىز؛ بۇنىڭدا، يۈزىمىزدىكى تۈك تۆشۈكچىلىرى ئېچىلىپ، تېرىنىڭ يۈز چاپلىقىنىڭ جەۋھەر قىسىملىرىنى سۈمۈرۈشىمىزگە پايدىلىق بولىدۇ. ئۈچىنچى قەدەمدە، بىر دانە پىرىسلانغان يۈز چاپلىقىنى قاچىغا سېلىپ، پۈتۈنلەي كېرىلىپ قويۇپ بىرىلگەندىن كېيىن يۈزىمىزگە چاپلايمىز؛ بۇنىڭدا ئادەتتە يۈز چاپلىقى چاپلىغانغا ئوخشاشلا يۈزىمىزگە چاپلاپ كىرىسلودا 15 مىنۇت ياتقاندىن كېيىن، يۈزىمىزنى يۇۋىتىپ، كۈندىلىك تېرە ئاسراش بۇيۇملىرىنى سۈرۈپ ئۇخلىساق بولىدۇ.
   بۇ ئۇسۇلنى كۈندە قوللىنىپ ھەپتە داۋاملاشتۇرساقلا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمىنى كۆرەلەيمىز؛ داغ سەپكۈنلەر سۇسلىشىپ، تېرىمىز بارغانسرى ئاق ھەم پاقىراپ تۇرىدىغان، يۇمران بولۇپ ئۆزگىرىشكە باشلايدۇ. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى، ئادەتتىكى تېرە ئاسراش خىزمىتىگە يەنىلا ئەھمىيەت بەرمەي بولمايدۇ؛ مەسىلەن، ئاپتاپتا كۈيۈشتىن ساقلىنىش، سۇ تۇلۇقلاش، نەملىك ساقلاش قاتارلىقلار. بۇندىن باشقا، كىچىسى ئۇخلىماي قېلىشتىن ساقلىنىش، ۋىتامىنلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ سۇنى كۆپرەك ئىچىپ بىرىش كېرەك. ئەگەر بۇ ئادەتلەرنى ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشتۇرساق، تېرىمىز بارغانسېرى ئاقىرىپ كېتىدۇ.

ئاياللارنىڭ ئەڭ چىرايلىق نەرسىسى زادى نىمە

ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاق كۆڭۈللۈك ئۇلارنىڭ ئاخىرقى چەك-پىرىنسىپى. ئەگەر شەخسىيەتچى، رەھىمسىز بولسا، ئۇ ئايال كىشى ھەرق

ئاياللار ئىچىدە ياخشى كۆرسىمۇ ئېغىزىدا ئىتراپ قىلمايدىغان ئىشلار

بەزىدە ئاياللارنى چۈشەنمەك ھەقىقەتەن تەس. مەسىلەن، ئۇلار ناھايىتى جەزىملەشتۈرگەن ھالدا "ماقۇل" دەيدۇ، ئەمما ھەقىقى مەنىسى "ياق" دىمەك

بۇ ئۈچ خىل مىۋە ھامىلدار ئايال ۋە ھامىيلىگە پايدىلىق

ئەگەر ھامىلدار ئاياللار قورسىقىدىكى ھامىيلىنى ساغلام يىتىلسۇن دىسە، ئاقسىل تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى يىگەندىن سىرت، يەنە مىۋ-چىۋىلەرنىم

ئاياللىق ھورمۇنى ئازلاپ كىتىشنىڭ ئالامەتلىرى

ئاياللىق ھورمۇنى، ئاياللارنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئەگەر بەدەندە بۇ خىل ماددا كەمچىل بولسا، بەدەندە بى

ئاياللار ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەشنى ئۆگىنىۋىلىشى كىرەك

بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن، بەزى ئاياللار تەبىئىلا ئەرلەرنىڭ پۇلىنى خەجلەيدۇ ھەمدە بۇنى شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىك دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى ئايال

بۇ تۆت خىل ئايال كىشىنىڭ كۈنلىرى بارغانسىرى تەسلىشىپ كىتىدۇ

ئۆزىنى قەدىرلەشنى بىلمەيدىغان ئاياللار، ھەمىشە پاسسىپ ھالدا تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قوبۇل قىلىدىغان بولۇپ، ھەمىشە ھەممىدىن ئاغرىن

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号